< Захарія 6 >

1 І зно́ву звів я очі свої та й побачив, аж ось чотири колесни́ці вихо́дять з-між двох гір, а ті гори — гори з міді.
ئاندىن مانا، مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدىن تۆت جەڭ ھارۋىسىنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم. تاغلار بولسا مىس تاغلار ئىدى.
2 В колесни́ці першій — коні червоні, а в колесни́ці другій — коні чорні,
بىرىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى قىزىل ئاتلار ئىدى؛ ئىككىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى قارا ئاتلار ئىدى؛
3 а в колесни́ці третій — коні білі, а в колесни́ці четвертій — коні паса́сті, міцні́.
ئۈچىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى ئاق ئاتلار، تۆتىنچى جەڭ ھارۋىسىدىكى كۈچلۈك چىپار ئاتلار ئىدى.
4 І відповів я та й сказав до Ангола, що говорив зо мною: „Що́ це таке, мій пане?“
مەن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم.
5 І а́нгол відповів та й сказав до мене: „Це чотири небесні вітри́, що вихо́дять після стоя́ння перед Господом усієї землі.
پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن چىققان ئاسمانلارنىڭ تۆت روھى.
6 У котрім ко́ні чорні, ті виходять до півні́чного кра́ю, а ті білі вийшли за ними, а ті паса́сті вийшли до південного кра́ю,
قارا ئاتلار قېتىلغان ھارۋا شىمالىي زېمىنلار تەرەپكە كىرىدۇ؛ ئاقلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ؛ چىپارلار بولسا جەنۇبىي زېمىنلار تەرەپكە ماڭىدۇ.
7 а ті сильні вийшли й шукали хо́ди, щоб перейти по землі. І він сказав: „Ідіть, ходіть по землі!“І ходили вони по землі.
ئاندىن مۇشۇ كۈچلۈك ئاتلار چىقىپ يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق كېزىشكە ئالدىرايدۇ» ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا: «مېڭىڭلار، يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق مېڭىڭلار» ــ دېدى؛ ئۇلار يەر يۈزىدە ئۇياق-بۇياق ماڭدى.
8 І кликнув він до мене й казав мені, говорячи: „Побач, ті, що вийшли до півні́чного кра́ю, заспоко́їли духа мого в північному кра́ї“.
ۋە ئۇ ماڭا ئۈنلۈك ئاۋازدا: «قارا، شىمالىي يەر-زېمىنلار تەرەپكە ماڭغانلار مېنىڭ روھىمدىكى ئاچچىقنى شىمالىي زېمىن تەرەپتە بېسىقتۇردى» ــ دېدى.
9 І було́ мені слово Господнє таке:
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
10 „Візьми від вигна́ння, від Хелдая, і від Товійї, і від Єдаї, і при́йдеш ти того дня, і ввійдеш до дому Йошійї, Цефанієвого сина, що прийшли з Вавилону.
سۈرگۈن بولۇپ كەلگەنلەردىن، يەنى ھەلداي، توبىيا ۋە يەدايادىن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغىن؛ شۇ كۈنى ئۇلار بابىلدىن كېلىپ چۈشكەن ئۆيگە، يەنى زەفانىيانىڭ ئوغلى يوسىيانىڭ ئۆيىگە كىرگىن؛
11 І ві́зьмеш срібло та золото, і зробиш корони, і покладеш на го́лову Ісуса, Єгосадакового сина, великого священика.
شۇنداق، كۈمۈش ۋە ئالتۇننى قوبۇل قىلغىن، بۇلاردىن چەمبەرسىمان بىر تاجنى توقۇپ ۋە تاجنى يەھوزاداكنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئانىڭ بېشىغا كىيگۈزگىن؛
12 І скажеш до нього, говорячи: Так говорить Господь Савао́т, промовляючи: Оце муж, Пагонець ім'я́ йому, і зо свого місця ви́росте він, і збудує храма Господнього.
ۋە يەشۇئاغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: قاراڭلار، «شاخ» دەپ ئاتالغان ئىنسان! ئۇ ئۆز تۈۋىدىن ئورنىدا شاخلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرىدۇ» ــ دېگىن.
13 І він збудує храма Господнього, і він буде носити вели́чність, і сяде, і буде панувати на троні своє́му, і він стане священиком на троні своє́му, і рада миру буде поміж ними обома́.
«بەرھەق، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرغۇچى دەل شۇ بولىدۇ؛ ئۇ شۇ شاھانە شان-شەرەپنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز تەختىگە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇ تەختكە ئولتۇرىدىغان كاھىن بولىدۇ؛ خاتىرجەملىك-ئاراملىقنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمكارلىق ئۇلار ئىككىسى ئارىسىدا بولىدۇ.
14 А ті корони будуть Хелдаєві, і Товійї, і Єдаї, і Хенові, сину Цефанії, на пам'ятку в храмі Господньому.
مۇشۇ چەمبەرسىمان تاج پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خەلەم، توبىيا، يەدايالارغا ۋە زەفانىيانىڭ ئوغلىنىڭ مېھرىبانلىقىغا بىر ئەسلەتمە ئۈچۈن قويۇلىدۇ.
15 І далекі при́йдуть, і побудують у храмі Господньому, і ви пізнаєте, що Господь Саваот послав мене до вас. І це станеться, якщо ви конче будете слухати голосу Господа, вашого Бога!“
ۋە يىراقتا تۇرۇۋاتقانلار كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇش خىزمىتىدە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭلار بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ».

< Захарія 6 >