< Приповісті 9 >

1 Мудрість свій дім збудувала, сім стовпі́в своїх ви́тесала.
دانالىق ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىپ، ئۇنىڭ يەتتە تۈۋرۈكىنى ئورناتتى.
2 Зарізала те, що було на зарі́з, змішала вино своє, і трапе́зу свою пригото́вила.
ئۇ ماللىرىنى سويۇپ، ئېسىل شارابلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، زىياپەت داستىخىنىنى يايدى؛
3 Дівчат своїх вислала, і кличе вона на висо́тах міськи́х:
دېدەكلىرىنى [مېھمان چاقىرىشقا] ئەۋەتتى، ئۆزى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرۇپ:
4 „Хто бідний на розум, хай при́йде сюди, “а хто нерозумний, говорить йому:
«ئى ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار، ــ دەپ چاقىرىۋاتىدۇ؛ نادانلارغا:
5 „Ходіть, споживайте із хліба мого́, та пийте з вина, що його́ я змішала!
قېنى، نانلىرىمدىن ئېغىز تېگىپ، مەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان شارابلاردىن ئىچىڭلار؛
6 Покиньте глупо́ту — і будете жити, і ходіте дорогою розуму!“
نادانلار قاتارىدىن چىقىپ، ھاياتقا ئېرىشىڭلار، يورۇقلۇق يولىدا مېڭىڭلار»، ــ دەۋاتىدۇ.
7 Хто карта́є насмішника, той собі га́ньбу бере, хто ж безбожникові виговорює, сором собі набуває.
ھاكاۋۇرلارغا تەنبىھ بەرگۈچى ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ، قەبىھلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئۆزىگە داغ كەلتۈرىدۇ.
8 Не доріка́й пересмі́шникові, щоб тебе не знена́видів він, ви́картай мудрого — й він покохає тебе.
ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛ ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ.
9 Дай мудрому — й він помудріє іще, навчи праведного — і прибі́льшить він мудрости!
دانا ئادەمگە دەۋەت قىلساڭ، ئەقلى تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ؛ ھەققانىي ئادەمگە دۇرۇس يول كۆرسەتسەڭ، بىلىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
10 Страх Госпо́дній — початок премудрости, а пізна́ння Святого — це розум, —
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر، مۇقەددەس بولغۇچىنى تونۇش يورۇقلۇقتۇر.
11 бо мною помно́жаться дні твої, і додаду́ть тобі ро́ків життя.
مەن [دانالىق] سەندە بولسام، كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپىيەر.
12 Якщо ти змудрів — то для себе змудрів, а як станеш насмі́шником, сам понесе́ш!
سەندە دانالىق بولسا، پايدىنى كۆرىدىغان ئۆزۈڭسەن، دانالىقنى مازاق قىلساڭ زىيان تارتىدىغانمۇ ئۆزۈڭسەن.
13 Жінка безглу́зда крикли́ва, нерозумна, і нічого не знає!
نادان خوتۇن ئاغزى بىسەرەمجان، ئەقىلسىزدۇر، ھېچنېمە بىلمەستۇر.
14 Сідає вона на сидінні при вході до дому свого́, на висо́костях міста,
ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا ئورۇن ئېلىپ،
15 щоб кликати тих, хто дорогою йде, хто путтю своєю просту́є:
ئۇدۇل ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا:
16 „Хто бідний на розум, хай при́йде сюди, “а хто нерозумний, то каже йому́:
«كىمكى ساددا بولسا، بۇ يەرگە كەلسۇن!» ــ دەۋاتىدۇ، ۋە ئەقىلسىزلەرنى:
17 „Вода кра́дена — солодка, і приє́мний прихо́ваний хліб“.
«ئوغرىلىقچە ئىچكەن سۇ تاتلىق بولىدۇ، ئوغرىلاپ يېگەن نان تەملىك بولىدۇ!» ــ دەپ چارقىۋاتىدۇ.
18 І не відає він, що самі́ там мерці́, у глиби́нах шео́лу — запро́шені нею! (Sheol h7585)
لېكىن چاقىرىلغۇچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە ياتقانلىقىدىن بىخەۋەردۇر، ئۇنىڭ [بۇرۇنقى] مېھمانلىرىنىڭ ئاللىقاچان تەھتىسارانىڭ تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇ سەزمەس. (Sheol h7585)

< Приповісті 9 >