< Йов 22 >

1 І заговорив теманянин Еліфа́з та й сказав:
ئاندىن تېمانلىق ئېلىفاز مۇنداق دېدى: ــ
2 „Чи для Бога люди́на кори́сна? Бо мудрий кори́сний самому собі!
ئادەم خۇداغا قانداقمۇ پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟ دانا ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا نېمە پايدا كەلتۈرەلىسۇن؟
3 Хіба Всемогу́тній бажає, щоб ти ніби праведним був? І що за ко́ристь Йому, як дороги свої ти вважаєш невинними сам?
سەن ھەققانىي بولساڭمۇ، ھەممىگە قادىرغا نېمە بەھرە بېرەلەيتتىڭ؟ يوللىرىڭ ئەيىبسىز بولغان تەقدىردىمۇ، سەن ئۇنىڭغا نېمە غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيسەن؟
4 Чи Він буде карати, тебе боячи́сь, і чи пі́де з тобою на суд?
ئۇنىڭ سېنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، ۋە ئۇنىڭ ساڭا شىكايەتلەر يەتكۈزىدىغىنى سېنىڭ ئىخلاسمەن بولغىنىڭ ئۈچۈنمۇ-يا؟
5 Хіба твоє зло не велике? Таж твоїм беззако́нням немає кінця!
سېنىڭ رەزىللىكىڭ زور ئەمەسمۇ؟ سېنىڭ گۇناھلىرىڭ ھېسابسىز ئەمەسمۇ؟
6 Таж з братів своїх брав ти заста́ву даремно, а з наго́го одежу стягав!
سەن قېرىنداشلىرىڭدىن سەۋەبسىز كېپىللىك ئالغانسەن؛ سەن يالاڭتۈشلەرنى كىيىم-كېچەكلىرىدىن مەھرۇم قىلىۋەتكەنسەن.
7 Не поїв ти водою знемо́женого, і від голодного стримував хліб.
ھالسىزلانغانلارغا سۇ بەرمىدىڭ، ئاچ قالغانلارغا ئاشنىمۇ ئاياپ بەرمىدىڭ،
8 А си́льна люди́на — то їй оцей край, і поче́сний у ньому сидітиме.
گەرچە سەن يەر-زېمىنلىك بولغان قولى ئۇزۇن ئادەم بولساڭمۇ، يەر-زېمىن تۇتۇپ ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن ئادەم بولساڭمۇ،
9 Ти напо́рожньо вдів відсилав, і сирі́тські раме́на гноби́лись, —
سەن تۇل خوتۇنلارنىمۇ قۇرۇق قول ياندۇرغانسەن، يېتىم-يېسىرلارنىڭ قولىنىمۇ يانجىتىۋەتكەنسەن.
10 тому па́стки тебе оточи́ли, і жахає тебе наглий страх,
مانا شۇ سەۋەبتىن ئەتراپىڭدا تۇزاقلار ياتىدۇ، ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ۋەھىمىمۇ سېنى باسىدۇ.
11 твоє світло стемні́ло, нічого не бачиш, і велика вода закриває тебе.
شۇ سەۋەبتىنمۇ سېنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ كۆرەلمەس قىلدى، بىر كەلكۈن كېلىپ سېنى غەرق قىلدى.
12 Чи ж Бог не високий, як небо? Та на зо́рі уго́ру поглянь, які стали високі вони!
تەڭرى ئەرشئالانىڭ چوققىسىدا تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەڭ ئېگىز يۇلتۇزلارنىڭ نەقەدەر ئالىي ئىكەنلىكىگە قاراپ باق!
13 А ти кажеш: „Що ві́дає Бог? Чи судитиме Він через млу?
بىراق سەن: «تەڭرى نېمىنى بىلىدۇ؟ ئۇ راست شۇنچە زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا بىرنېمىنى پەرق ئېتەلەمدۇ؟!» دەۋاتىسەن.
14 Хмари — завіса Йому, й Він не бачить, і ходить по кру́зі небесному“.
يەنە: «قويۇق بۇلۇتلار ئۇنى توسىۋالىدۇ، شۇڭا ئۇ پەلەك ئۈستىدە ئايلىنىپ ماڭغىنىدا بىزنى كۆرمەيدۇ!» ــ دەيسەن.
15 Чи ти будеш триматись дороги відвічної, що нею ступа́ли безбожні,
يامان ئادەملەر ماڭغان كونا يولنى سەنمۇ تۇتىۋېرەمسەن؟
16 що невча́сно були вони згу́блені, що річка розлита, підвалина їх,
ئۇلار ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا ئېلىپ كېتىلگەن، ئۇلارنىڭ ئۇللىرى كەلكۈن تەرىپىدىن ئېقىتىلىپ كېتىلگەن.
17 що до Бога казали вони: „Відступися від нас!“та: „Що́ зробить для нас Всемогутній?“
ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول!» ھەممىگە قادىر بىزنى نېمە قىلالىسۇن؟» ــ دەيتتى.
18 А Він доми їхні напо́внив добром! Але віддалилась від мене порада безбожних!
بىراق ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئېسىل نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغان دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، مەن بولسام يامانلارنىڭ نەسىھىتىدىن يىراقلاشقانمەن!
19 Справедливі це бачать та ті́шаться, і насміхається з нього невинний:
ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ بەربات بولغانلىقىنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ بىگۇناھلار ئۇلارنى مازاق قىلىپ: ــ
20 „Справді ви́гублений наш противник, а останок їх ви́жер огонь!“
«بىزگە قارشى چىققۇچىلار شۈبھىسىز ۋەيران بولىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋەتمەمدۇ؟» ــ دەيدۇ.
21 Заприязни́ся із Ним, та й май спо́кій, — цим при́йде на тебе добро́.
[شۇڭا] خۇداغا بويسۇنۇپ ئۇنى تونۇساڭ، شۇ چاغدىلا سەن ئامان بولىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن ساڭا ئامەت كېلىدۇ.
22 Зако́на візьми з Його уст, а слова Його в серце своє поклади.
ئۇنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن نەسىھەتنىمۇ قوبۇل قىل، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قوي.
23 Якщо ве́рнешся до Всемогутнього, — будеш збудо́ваний, і віддали́ш беззаконня з наметів своїх.
سەن ھەممىگە قادىرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسەڭ، مۇقەررەركى، قايتىدىن قۇرۇلۇپ چىقالايسەن؛ ئەگەر سەن قەبىھلىكنى چېدىرلىرىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ،
24 І викинь до по́роху золото, і мов камінь з потоку офі́рське те золото, —
ئەگەر سەن ئالتۇنۇڭنى توپا-چاڭ ئۈستىگە تاشلىيالىساڭ، ئوفىردىكى ئالتۇنۇڭنى شىددەتلىك ئېقىننىڭ تاشلىرىغا قوشۇۋەتسەڭ،
25 і буде тобі Всемогу́тній за золото та за срі́бло блискуче тобі!
ئۇنداقتا ھەممىگە قادىرنىڭ ئۆزى ساڭا ئالتۇن بولىدۇ. سېنىڭ ئۈچۈن سەرخىل كۈمۈشمۇ بولىدۇ.
26 Бо тоді Всемогутнього ти покохаєш і до Бога піді́ймеш обличчя своє, —
ئۇ چاغدا سەن ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنىسەن، يۈزۈڭنى تەڭرىگە قاراپ كۆتۈرەلەيسەن.
27 будеш благати Його — й Він почує тебе, і ти обітниці свої надолу́жиш.
سەن ئۇنىڭغا دۇئا قىلساڭ، ئۇ قۇلاق سالىدۇ، شۇنداقلا سەنمۇ ئىچكەن قەسەملىرىڭگە ئەمەل قىلىسەن.
28 А що́ постано́виш, то ви́повниться те тобі, й на дорогах твоїх буде ся́яти світло.
سەن قارار قىلغان ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇ، يوللىرىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ.
29 Бо знижує Він спину пи́шного, хто ж смиренний, тому помагає.
ئادەملەر پەس قىلىنغاندا، سەن ئۇلارغا: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!» دەيسەن، شۇنىڭ بىلەن [خۇدا] چىرايى سۇنغانلارنى قۇتقۇزىدۇ.
30 Рятує Він і небезви́нного, і той чистото́ю твоїх рук урято́ваний буде“.
ئۇ ھەتتا گۇناھى بار ئادەمنىمۇ قۇتقۇزىدۇ، ئۇ قولۇڭدىكى ھالاللىقتىن قۇتقۇزۇلىدۇ.

< Йов 22 >