< Буття 8 >
1 І згадав Бог про Ноя, і про кожну звірину́ та про всяку худобу, що були з ним у ковчезі. І Бог навів вітра на землю, — і вода заспоко́їлась.
خۇدا نۇھنى، شۇنداقلا كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بارلىق مال-چارۋىلارنى ئەسلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا بىر شامال چىقىرىپ يەر يۈزىنى يەلپۈتتى ۋە سۇلار يېنىشقا باشلىدى. | |
2 І закрились джере́ла безодні та небесні розтвори, — і дощ з неба спини́вся.
چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ تەگلىرىدىكى بۇلاقلار ۋە ئاسماننىڭ پەنجىرىلىرى ئېتىلىپ، ئاسماندىن تۆكۈلگەن يامغۇر توختىدى. | |
3 І верталась вода з-над землі, верталась постійно. І стала вода спада́ти по ста й п'ятидесяти днях.
سۇلار بارغانسېرى يەر يۈزىدىن ياندى؛ بىر يۈز ئەللىك كۈن ئۆتكەندىن كېيىن خېلى ئازلىدى. | |
4 А сьомого місяця, на сімнадцятий день місяця ковчег спинився на горах Араратських.
يەتتىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، كېمە ئارارات تاغ تىزمىلىرىدىكى بىرىنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالدى. | |
5 І постійно вода спадала аж до десятого місяця. А першого дня десятого місяця завиднілися гірські вершки.
سۇلار ئونىنچى ئايغىچە بارغانسېرى ئازىيىپ، ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تاغ چوققىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. | |
6 І сталося по сорока днях, Ной відчинив вікно ковчегу, що його він зробив.
قىرىق كۈندىن كېيىن نۇھ كېمىگە ئۆزى ئورناتقان دەرىزىنى ئېچىپ، | |
7 І вислав він крука. І літав той туди та назад, аж поки не висохла вода з-над землі.
بىر قۇزغۇننى سىرتقا چىقاردى. ئۇ يەر يۈزىدىكى سۇلار تارتىلىپ بولغۇچە ئۇيان-بۇيان ئۇچۇپ يۈردى. | |
8 І послав він від себе голубку, щоб побачити, чи не спа́ла вода з-над землі.
ئۇنىڭدىن كېيىن نۇھ سۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن تارتىلغان-تارتىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بىر كەپتەرنى چىقاردى. | |
9 Та не знайшла та голубка місця спочинку для стопи своєї ноги, і вернулась до нього до ковчегу, бо стояла вода на поверхні всієї землі. І вистромив руку, і взяв він її, та й до себе в ковчег упустив її.
لېكىن سۇلار تېخىچە پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلاپ تۇرغاچقا، كەپتەر پۇتىنى قويغۇدەك جاي تاپالماي، نۇھنىڭ قېشىغا كېمىگە يېنىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇھ قولىنى سۇنۇپ ئۇنى تۇتۇپ، كېمىگە ئەكىرىۋالدى. | |
10 І він зачекав іще других сім день, і знову з ковчегу голубку послав.
ئۇ يەتتە كۈن ساقلاپ، بۇ كەپتەرنى كېمىدىن يەنە سىرتقا چىقاردى. | |
11 І голубка вернулась до нього вечірнього ча́су, — і ось у неї в дзюбку́ лист оливковий зірваний. І довідався Ной, що спала вода з-над землі.
كەپتەر كەچتە ئۇنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلدى؛ مانا، ئۇنىڭ تۇمشۇقىدا يېڭى ئۈزۈۋالغان زەيتۇن يوپۇرمىقى بار ئىدى. بۇنى كۆرۈپ نۇھ سۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن تارتىلغىنىنى بىلدى. | |
12 І він зачекав іще других сім день, і голубку послав. І вже більше до нього вона не вернулась.
ئۇ يەنە يەتتە كۈن ساقلاپ، كەپتەرنى يەنە سىرتقا چىقاردى، ئەمما بۇ قېتىم كەپتەر ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلمىدى. | |
13 І сталося, року шістсотого й першого, місяця першого, першого дня місяця — висохла вода з-над землі. І Ной зняв даха ковчегу й побачив: аж ось висохла поверхня землі!
نۇھ ئالتە يۈز بىر ياشقا كىرگەن يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە سۇ يەر يۈزىدىن قۇرۇغانىدى. نۇھ كېمىنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ قارىۋىدى، يەرنىڭ قۇرۇغىنىنى كۆردى. | |
14 А місяця другого, двадцятого й сьомого дня місяця — висохла земля.
ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى، يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولدى. | |
15 І промовив Ноєві Господь, кажучи:
ئۇ ۋاقىتتا خۇدا نۇھقا سۆز قىلىپ: ــ سەن ئۆزۈڭ، ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭ كېمىدىن چىقىڭلار. | |
16 „Вийди з ковчегу ти, а з тобою жінка твоя, і сини твої, і невістки твої.
17 Кожну звірину, що з тобою вона, від кожного тіла з-посеред птаства, і з-посеред скотини, і з-посеред усіх плазунів, що плазують по землі, повиводь із собою. І хай роя́ться вони на землі, і нехай на землі вони плодяться та розмножуються“.
ئۆزۈڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ئەت ئىگىلىرىدىن ھەربىر تۈردىكى جانىۋارلارنى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنى ھەم مال-چارۋىلارنى، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ كېمىدىن ئېلىپ چىققىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ، نەسىللىنىپ زېمىندا كۆپەيسۇن، ــ دېدى. | |
18 І вийшов Ной, а з ним сини його, і жінка його, і невістки його.
شۇنىڭ بىلەن نۇھ، ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرى بىلەن بىللە سىرتقا چىقتى. | |
19 Кожна звірина, кожен плазун, усе птаство, усе, що рухається на землі, за родами їхніми — вийшли з ковчегу вони.
جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى، بارلىق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار، بارلىق ئۇچار-قاناتلار، يەردە مىدىرلاپ يۈرىدىغانلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز تۈرلىرى بويىچە كېمىدىن چىقىشتى. | |
20 І збудував Ной жертівника Господе́ві. І взяв він із кожної чистої худоби й з кожного чистого птаства, і приніс на жертівнику цілопа́лення.
شۇ چاغدا نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھنى ياسىدى؛ ئۇ ھالال جانىۋارلار بىلەن ھالال قۇشلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئېلىپ كېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ئۆتكۈزدى. | |
21 І почув Господь пахощі любі, і в серці Своєму промовив: „Я вже більше не буду землі проклинати за людину, бо нахил людського серця лихий від віку його молодого. І вже більше не вбиватиму всього живого, як то Я вчинив був.
شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار خۇشبۇي پۇراپ [مەمنۇن بولدى]؛ پەرۋەردىگار كۆڭلىدە: ــ «ئىنساننىڭ كۆڭۈل-نىيىتى ياشلىقىدىن تارتىپ رەزىل بولسىمۇ، مەن ئىنسان تۈپەيلىدىن يەرگە يەنە لەنەت ئوقۇمايمەن ۋە ئەمدى بۇ قېتىمقىدەك ھەممە جاندارلارنى ئۇرۇپ يوقىتىۋەتمەيمەن. | |
22 Надалі, по всі дні землі, сівба та жнива, і холоднеча та спека, і літо й зима, і день та ніч — не припиняться!“
بۇندىن كېيىن، يەر مەۋجۇت كۈنلىرىدە، تېرىش بىلەن ئورما، سوغۇق بىلەن ئىسسىق، ياز بىلەن قىش، كۈندۈز بىلەن كېچە ئۈزۈلمەي ئايلىنىپ تۇرىدۇ» ــ دېدى. | |
A Dove is Sent Forth from the Ark