< 1 Самуїлова 13 >

1 Рік був, як Саул зацарюва́в, і два роки царював над Ізраїлем.
سائۇل [ئوتتۇز] ياشتا پادىشاھ بولۇپ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئىككى يىل سەلتەنەت قىلغاندىن كېيىن
2 І вибрав собі Саул три тисячі з Ізраїля, — дві тисячі були з Саулом у Міхмаші та на горі Бет-Елу, а тисяча були з Йоната́ном у Веніяминовій Ґів'ї. А решту народу відпустив він кожного до наметів своїх.
ئۆزىگە ئىسرائىلدىن ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئىلغاپ ئالدى. ئىككى مىڭى مىكماشتا ۋە بەيت-ئەل تاغلىرىدا سائۇلنىڭ قېشىدا، بىر مىڭى بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھدا يوناتاننىڭ قېشىدا ئىدى. ئەمما ئۇ قالغان خەلقنىڭ ھەربىرىنى ئۆز ئۆيلىرىگە كەتكۈزىۋەتتى.
3 І побив Йоната́н филистимського намісника, що в Ґеві. І почули це филисти́мляни, а Саул засурми́в у сурму́ по всьому Кра́ю, говорячи: „Нехай почують євреї!“
يوناتان بولسا فىلىستىيلەرنىڭ گېبادىكى لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلدى، فىلىستىيلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. سائۇل بولسا: ــ پۈتكۈل زېمىندىكى ئىبرانىيلار ئاڭلاپ ئويغانسۇن دەپ، كاناي چالدۇردى.
4 А ввесь Ізраїль чув, говорячи: „Саул побив филистимського намісника, і тим Ізраїль став нена́висним серед филисти́млян“. І скликаний був народ за Саулом до Ґілґалу.
پۈتكۈل ئىسرائىل سائۇلنىڭ فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ھەمدە ئىسرائىلنىڭ فىلىستىيلەرگە نەپرەتلىنىدىغانلىكىدىن خەۋەر تاپتى. خەلق سائۇلنىڭ كەينىدىن گىلگالغا بېرىپ يىغىلدى.
5 А филисти́мляни були зібрані воювати з Ізраїлем, — тридцять тисяч возів і шість тисяч верхівці́в, а народу, щодо численности, як піску на морському березі. І вийшли вони, і таборува́ли в Міхмаші, на схід Бет-Авену.
فىلىستىيلەردىن ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ئاتلىق لەشكەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ پىيادە لەشكەر يىغىلدى. ئۇلار كېلىپ بەيت-ئاۋەننىڭ شەرق تەرىپىدىكى مىكماشتا بارگاھ تىكتى.
6 А Ізра́їльтянин побачив, що скру́тно йому, що наро́д був пригно́блений, — і народ ховався по пече́рах, і по щі́линах, і по ске́лях, і по льоха́х та по яма́х.
ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق خىيىم-خەتەردە قالغانلىقىنى كۆرۈپ غارلارغا، چاتقاللىقلارغا، قىيا تاشلىقلارغا، يۇقىرى جايلارغا ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنىۋېلىشتى؛
7 А інші євреї перейшли Йорда́н до кра́ю Ґада та до Ґілеаду. А Саул був ще у Ґілґалі, а ввесь народ із тривогою поспішав за ним.
[بەزى] ئىبرانىيلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلېئادنىڭ زېمىنىغا قېچىپ باردى. لېكىن سائۇل گىلگالدا قالدى، ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تىترىگەن ھالدا ئەگەشتى.
8 І чекав він сім день умо́вленого ча́су, що призначив Самуїл, та Самуїл не прийшов до Ґілґа́лу, — і народ став розбігатися від нього.
ئەمدى سائۇل سامۇئىل ئۇنىڭغا بېكىتكەن ۋاقىتقىچە يەتتە كۈن كۈتۈپ تۇردى؛ لېكىن سامۇئىل گىلگالغا كەلمىدى، خەلق ئۇنىڭدىن تارىلىپ كەتكىلى تۇردى.
9 І сказав Саул: „Приведіть до мене призначене на цілопалення та мирні жертви“. І він приніс цілопа́лення.
سائۇل: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى بۇ يەرگە ــ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزدى.
10 І сталося, як скінчи́в він прино́сити цілопа́лення, то ось прихо́дить Самуїл. І вийшов Саул, щоб зустріти його, щоб привітати його.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تۈگىتىشى بىلەنلا، مانا سامۇئىل كەلدى. سائۇل ئۇنىڭغا سالام قىلغىلى ئالدىغا چىقتى.
11 І сказав Самуїл: „Що́ ти зробив?“А Саул відказав: „Бо я бачив, що народ розбігається від мене, а ти не прийшов на умо́влений час тих днів. А филисти́мляни зібралися в Міхмаші.
لېكىن سامۇئىل: ــ نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟! ــ دەپ سورىدى. سائۇل: ــ خەلق مەندىن تارىلىپ كەتكەنلىكىنى، سىلىنىڭ بېكىتكەن ۋاقىتتا كەلمىگەنلىكلىرىنى، فىلىستىيلەرنىڭ مىكماشتا يىغىلغىنىنى كۆردۇم،
12 І я сказав: Тепер филисти́мляни зі́йдуть до мене до Ґілґалу, а Господнього лиця я ще не вблагав. І я вирішив, і приніс цілопа́лення!“
مەن ئىچىمدە: ئەمدى فىلىستىيلەر گىلگالغا چۈشۈپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى، مەن بولسام تېخى پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلمىدىم، دېدىم. شۇڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا ئۆزۈمنى مەجبۇرلىدىم، دېدى.
13 І сказав Самуїл до Саула: „Ти зробив нерозумне! Не послухав ти наказів Господа, Бога свого, що наказав був тобі, бо тепер Господь міцно поставив би аж навіки твоє царство над Ізраїлем.
سامۇئىل سائۇلغا: ــ سەن ئەخمەقلىق قىلدىڭ؛ سەن خۇدايىڭ پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغان ئەمرنى تۇتمىدىڭ؛ شۇنداق قىلغان بولساڭ پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىڭنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلاتتى، دېدى.
14 А тепер царство твоє не буде стояти, — Господь пошукав Собі мужа за серцем Своїм, і Господь наказав йому бути володарем над народом Своїм, бо ти не ви́конав, що́ наказав був тобі Господь“.
لېكىن ئەمدى سەلتەنىتىڭ مۇستەھكەم تۇرمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىدىكىدەك مۇۋاپىق بىر ئادەمنى ئىزدەپ تاپتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ باشلامچىسى قىلدى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغاننى تۇتمىدىڭ، دېدى.
15 І встав Самуїл, і зійшов із Ґілґалу до Веніяминової Ґів'ї. А Саул перелічив народ, що знахо́дився з ним, — близько шости сотень чоловіка.
ئاندىن سامۇئىل ئورنىدىن تۇرۇپ گىلگالدىن كېتىپ بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھغا باردى. سائۇل بولسا ئۆز يېنىدىكى ئادەملەرنى سانىدى؛ ئۇلار ئالتە يۈزچە چىقتى.
16 І Саул і син його Йоната́н та народ, що знахо́дився з ним, сиділи в Веніяминовій Ґеві, филисти́мляни ж таборува́ли в Міхмаші.
سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارنىڭ قېشىدا قالغان خەلق بىنيامىن زېمىنىدىكى گېبادا قېلىپ قالدى، فىلىستىيلەر بولسا مىكماشتا بارگاھ تىككەنىدى.
17 І вийшли руїнники з филистимського табо́ру трьома́ відділами: один відділ звертається на офрійську дорогу до кра́ю Шуал,
قاراقچىلار دائىم فىلىستىيلەرنىڭ بارگاھىدىن چىقىپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنەتتى. بىر بۆلەك شۇئال زېمىنىدىكى ئوفراھغا بارىدىغان يولغا ئاتلىناتتى،
18 і один відділ звертається на дорогу до Бет-Хорону, а один відділ звертається на дорогу до границі, що провадить від Ґе-Цевоїму до пустині.
بىر بۆلەك بەيت-ھورونغا بارىدىغان يول بىلەن ماڭاتتى، يەنە بىر بۆلەك چۆلنىڭ چېتىدىكى زەبوئىم جىلغىسىغا قارايدىغان زېمىندىكى يولغا ماڭاتتى.
19 А коваля́ не було по всім Ізраїлевім Кра́ї, бо филисти́мляни сказали: „Щоб не робили євреї меча́ чи списа!“
ئەمما پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىدا ھېچبىر تۆمۈرچى تېپىلمايتتى؛ چۈنكى فىلىستىيلەر: ــ ئىبرانىيلار ئۆزلىرىگە قىلىچ ياكى نەيزە ياسىيالمىسۇن، دەپ ئويلايتتى.
20 І схо́див увесь Ізраїль до филисти́млян гострити кожен свого плуга, і за́ступа свого, і сокиру свою, і серпа́ свого,
بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار ھەممىسى ساپان چىشلىرى، كەتمەنلىرىنى، پالتىلىرىنى ۋە ئورغاقلىرىنى بىسلاش ئۈچۈن فىلىستىيلەرنىڭ قېشىغا باراتتى.
21 коли тупи́лися ві́стря плугів, і заступів, і вил, і сокир, і мусіли схо́дити, щоб направити ві́стря рожна́.
ئۇلار ساپان چىشلىرى ۋە كەتمەنلەر ئۈچۈن ئۈچتىن ئىككى شەكەل، جوتۇ، پالتا ۋە زىخلارنى بىسلاش ئۈچۈن ئۈچتىن بىر شەكەلنى تۆلەيتتى.
22 І сталося за дні́в війни, — і не знайшлося ані меча, ані списа́ в руці всього народу, що був з Саулом та з Йоната́ном, та був зна́йдений тільки для Саула та для сина його Йоната́на.
شۇڭا ئۇرۇش بولغاندا سائۇل ۋە يوناتاننىڭ قېشىدىكى خەلقنىڭ ھېچبىرىدە قىلىچ يا نەيزە يوق ئىدى؛ پەقەت سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاندىلا بار ئىدى.
23 І вийшла филистимська зало́га до перехо́ду Міхмашу.
ئۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەرنىڭ بىر قاراۋۇللار ئەترىتى مىكماشتىكى داۋانغا چىققانىدى.

< 1 Самуїлова 13 >