< Nnwom 139 >

1 Dawid dwom. Ao Awurade, woahwehwɛ me mu na woahunu me.
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى تەكشۈرۈپ چىقتىڭ، ھەم مېنى بىلىپ يەتتىڭ؛
2 Wonim mʼasetena ne me sɔreɛ; wofiri akyirikyiri hunu mʼadwene mu.
ئۆزۈڭ ئولتۇرغىنىمنى، تۇرغىنىمنىمۇ بىلىسەن؛ يىراقتا تۇرۇقلۇق كۆڭلۈمدىكىنى بىلىسەن.
3 Wonim mʼadifirie ne me nnaeɛ; wonim mʼakwan nyinaa.
باسقان قەدەملىرىمنى، ياتقانلىرىمنى ئۆتكەمەڭدىن ئۆتكۈزدۇڭ؛ بارلىق يوللىرىم ساڭا ئاياندۇر.
4 Ansa na mɛbue mʼano akasa no Ao Awurade, na wonim ne nyinaa dada.
بەرھەق، تىلىمغا بىر سۆز كېلە-كەلمەستىنلا، ئى پەرۋەردىگار، مانا سەن بۇنى ئەينى بويىچە بىلمەي قالمايسەن.
5 Woatwa me ho nyinaa ahyia na wobɔ me ho ban.
سەن مېنى ئالدى-كەينىمدىن ئوراپ تۇرىسەن، قولۇڭنى مېنىڭ ئۈستۈمگە قوندۇرغانسەن.
6 Saa nimdeɛ yi boro me nteaseɛ so, ɛyɛ me nwanwa dodo.
بۇنداق بىلىم ماڭا شۇنچىلىك تىلسىمات بىلىنىدۇ! شۇنداق يۈكسەككى، مەن ئۇنى بىلىپ يېتەلمەيدىكەنمەن.
7 Ɛhe na mɛtumi afiri wo honhom anim akorɔ? Ɛhe na mɛtumi adwane afiri wʼanim akorɔ?
روھىڭدىن نېرى بولۇشقا نەلەرگىمۇ بارالايتتىم؟ ھۇزۇرۇڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ نەلەرگە بارالايتتىم؟
8 Sɛ meforo soro a, wowɔ hɔ. Na mekɔsɛ me kɛtɛ wɔ asaman a, wo nie. (Sheol h7585)
ئاسمانلارغا چىقسام، مانا سەن ئاشۇ يەردە؛ تەھتىسارادا ئورۇن سالساممۇ، مانا سەن شۇ يەردە؛ (Sheol h7585)
9 Sɛ mede adekyeeɛ ntaban tu na mekɔtena ɛpo akyi nohoa a,
سەھەرنىڭ قاناتلىرىنى ئېلىپ ئۇچۇپ، دېڭىزنىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىدە تۇرسام،
10 mpo ɛhɔ na wo nsa bɛgya me akɔ, na wo nsa nifa bɛsɔ me mu.
ھەتتا ئاشۇ جايدا قولۇڭ مېنى يېتەكلەيدۇ، ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلەيدۇ.
11 Na meka sɛ, “Ampa ara esum mmɛkata me so na hann nnane adesaeɛ ntwa me ho nhyia a,”
مەن: «قاراڭغۇلۇق مېنى ياپسا، ئەتراپىمدىكى يورۇقلۇق چوقۇم كېچە بولىدۇ» ــ دېسەم،
12 esum mpo nnyɛ sum mma wo; na anadwo bɛhyerɛn sɛ awia; esum ne hann yɛ wo pɛ.
قاراڭغۇلۇقمۇ سەندىن يوشۇرۇنالمايدۇ، كېچىمۇ ساڭا كۈندۈزدەك ئايدىڭدۇر، قاراڭغۇلۇقمۇ [ساڭا] يورۇقتەكتۇر.
13 Na wo na wobɔɔ me honhom wonwonoo me wɔ me maame awotwaa mu.
بەرھەق، سەن مېنىڭ ئىچلىرىمنى ياسىغانسەن؛ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى توقۇغانسەن؛
14 Mekamfo wo, ɛfiri sɛ woyɛɛ me anwanwakwan so a ɛyɛ hu. Wo nnwuma yɛ nwanwa. Menim ɛno yie pa ara.
مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، چۈنكى مەن سۈرلۈك ۋە كارامەت ياسالغانمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ كارامەت تىلسىماتتۇر؛ بۇنى جېنىم ئوبدان بىلىدۇ.
15 Wɔamfa me bɔberɛ anhinta wo ɛberɛ a wɔyɛɛ me kɔkoam no; ɛberɛ a wɔnwonoo me asase yam no,
مەن يوشۇرۇن جايدا ياسالغىنىمدا، يەر تەگلىرىدە ئەپچىللىك بىلەن توقۇلۇپ شەكىللەندۈرۈلگىنىمدە، ئۇستىخانلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس ئىدى.
16 wʼani hunuu me ɛberɛ a meyɛ mogya toa no. Nna dodoɔ a woatwa ama me no, wɔatwerɛ ne nyinaa wɔ wo nwoma mu ansa na emu baako reba mu.
ئەزالىرىم تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كۈنلەردە، ئۇلار ياسىلىۋاتقان كۈنلەردە، كۆزۈڭ تېخى شەكىللەنمىگەن جىسمىمنى كۆرۈپ يەتكەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن دەپتىرىڭدە يېزىلغانىدى.
17 Ao Onyankopɔn, wo nsusuiɛ som bo ma me! Woka ne nyinaa bɔ mu a, ɛso dodo!
ئاھ تەڭرىم، ئويلىرىڭ ماڭا نەقەدەر قىممەتلىكتۇر! ئۇلارنىڭ يىغىندىسى شۇنچە زوردۇر!
18 Sɛ mese mɛkan a, ne dodoɔ bɛboro mpoano anwea, sɛ menyane a, me ne wo wɔ hɔ ara.
ئۇلارنى ساناي دېسەم، ئۇلار دېڭىزدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپتۇر؛ ئۇيقۇدىن كۆزۈمنى ئاچسام، مەن يەنىلا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن!
19 Ao Onyankopɔn, sɛ anka wobɛkumkum amumuyɛfoɔ a! Momfiri me so, mo mogyapɛfoɔ!
ئاھ، سەن رەزىللەرنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ ئىدىڭ، ئى خۇدا! قانخور كىشىلەر، مەندىن يىراق بولۇش!
20 Wɔde adwemmɔne ka wo ho asɛm; wʼatamfoɔ mmɔ wo din pa.
چۈنكى ئۇلار سېنىڭ توغرۇلۇق ھىيلىلىك بىلەن سۆزلەيدۇ؛ سېنىڭ شەھەرلىرىڭ ئۇلار تەرىپىدىن ئازدۇرۇلدى.
21 Ao Awurade, metane wɔn a wɔtane wo, na mekyiri wɔn a wɔsɔre tia woɔ.
ساڭا ئۆچمەن بولغانلارغا، ئى پەرۋەردىگار، مەنمۇ ئۆچقۇ؟ ساڭا قارشى چىققانلارغا مەنمۇ يىرگىنىمەنغۇ؟
22 Menni hwee sɛ ɔtan a mewɔ ma wɔn; mefa wɔn sɛ mʼatamfoɔ.
ئۇلارغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچتۇرمەن؛ ئۇلارنى ئۆز دۈشمەنلىرىم دەپ ھېسابلايمەن.
23 Hwehwɛ me mu, Ao Onyankopɔn, na hunu mʼakoma; sɔ me hwɛ na hunu mʼadwene.
مېنى كۆزىتىپ تەكشۈرگەيسەن، ئى تەڭرىم! مېنىڭ قەلبىمنى بىلىپ يەتكەيسەن! مېنى سىناپ، غەملىك ئويلىرىمنى بىلگەيسەن؛
24 Hwɛ sɛ bɔne bi wɔ me mu a, na fa me fa ɛkwan a ɛkɔ daa nkwa so. Wɔde ma dwomkyerɛfoɔ.
مەندە [ئۆزۈڭگە] ئازار بەرگۈدەك يولنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرگەيسەن؛ ۋە مېنى مەڭگۈلۈك يولۇڭدا يېتەكلىگەيسەن!

< Nnwom 139 >