< 4 Mose 17 >

1 Afei, Awurade ka kyerɛɛ Mose sɛ,
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
2 “Ka kyerɛ Israelfoɔ no sɛ, abusua biara ɔdaanoni no ntwa poma na ɔntwerɛ ne din wɔ ho.
«سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ، ئۇلاردىن ئاتا جەمەتى بويىچە، ھەر قەبىلىنىڭ ئەمىرىدىن بىردىن ئون ئىككى ھاسا ئالغىن؛ سەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ھاسىسىغا يېزىپ قويغىن.
3 Aaron din na wɔbɛtwerɛ agu Lewi abusuakuo poma no ho.
لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ھاسىسىغا ھارۇننىڭ ئىسمىنى يازغىن، چۈنكى ھەربىر ئاتا جەمەت قەبىلە باشلىقى ئۈچۈن بىر ھاسا ۋەكىل بولىدۇ.
4 Momfa mpoma yi ngu Ahyiaeɛ Ntomadan no mu ahyiaeɛm wɔ baabi a mehyia mo wɔ adaka no anim hɔ no.
سەن بۇ ھاسىلارنى جامائەت چېدىرىدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق [ساندۇقىنىڭ] ئالدىغا، يەنى مەن سېنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان يەرگە قويغىن.
5 Menam mpoma yi so bɛkyerɛ onipa a mɛyi no no, na ne poma no ho bɛfefɛ! Ɛno akyi, anwiinwii a wɔnwiinwii tia wo no nyinaa to bɛtwa.”
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن تاللىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ھاسىسى بىخ سۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئىسرائ‍ىللارنىڭ سىلەرگە غۇدۇراشقان گەپلىرىنى توختىتىپ ماڭا ئاڭلانمايدىغان قىلىۋېتىمەن».
6 Enti, Mose hyɛɛ saa mmara yi maa nnipa no maa ahemfo dumienu no a Aaron ka wɔn ho de wɔn mpoma brɛɛ no.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائ‍ىللارغا شۇنداق سۆز قىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممە ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا بىردىن ھاسىنى، جەمئىي بولۇپ ئون ئىككى ھاسىنى بەردى؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە بىر ھاسا ۋەكىل بولدى، ھارۇننىڭ ھاسىسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى.
7 Ɔde guu Awurade anim wɔ Adanseɛ Ntomadan no mu hɔ.
مۇسا ھاسىلارنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىغا ئەكىرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويدى.
8 Adeɛ kyeeɛ a ɔkɔɔ mu no, ɔhunuu sɛ Aaron poma a ɛwɔ hɔ ma Lewi abusuakuo no afefɛ ayɛ frɔmm, aso aba a ɛsensɛn so.
ۋە شۇنداق بولدىكى، مۇسا ئەتىسى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىغا كىرىۋىدى، مانا، لاۋىي جەمەتىگە ۋەكىل بولغان ھارۇننىڭ ھاسىسى بىخ سۈرۈپ، غۇنچىلاپ، چېچەكلەپ، بادام چۈشكەنىدى.
9 Ɛberɛ a Mose de firii Awurade hɔ baeɛ sɛ ɔde rebɛkyerɛ nkurɔfoɔ no, wɔhunuiɛ no, wɔn ho dwirii wɔn. Afei, obiara gyee ne poma, gye Aaron nko.
مۇسا ھاسىلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسەتتى؛ ئۇلار كۆرگەندىن كېيىن ھەركىم ئۆز ھاسىلىرىنى ئېلىپ كېتىشتى.
10 Awurade ka kyerɛɛ Mose sɛ ɔmfa Aaron poma no nto adaka no ho pɛɛ na ɔmfa nkae saa adɔnyɛ no. Na ɛsɛ sɛ ɔde ba bɛkyerɛ nnipa no bio na sɛ anwiinwii bi wɔ hɔ a ɛtia Aaron tumi a, ɛbɛsi amanehunu foforɔ a anka ɛbɛba nnipa no so no ano.
پەرۋەردىگار مۇساغا: — شۇ ئاسىيلىق قىلغۇچى بالىلارغا بىر ئاگاھ بەلگىسى بولسۇن دەپ ھارۇننىڭ ھاسىسىنى ھۆكۈم-گۇۋاھنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپ قويغىن. شۇنداق قىلساڭ سەن ئۇلارنىڭ غۇدۇراشقان گەپلىرىنى توختىتىپ، ماڭا ئاڭلانمايدىغان قىلىسەن؛ ئۇلارمۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، — دېدى.
11 Enti, Mose yɛɛ deɛ Awurade hyɛɛ no sɛ ɔnyɛ no.
مۇسا شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۆزىگە قانداق بۇيرۇغان بولسا ئۇ شۇنداق قىلدى.
12 Nanso Israelfoɔ no kɔɔ so nwiinwiiɛ sɛ, “Yɛyɛ teaseawuo.
ئىسرائ‍ىللار مۇساغا سۆز قىلىپ: — بىز نەپەستىن قالاي دەۋاتىمىز، بىز تۈگەشتۇق، بىز ھەممىمىز تۈگەشتۇق!
13 Obiara a ɔbɛbɛn Awurade Ahyiaeɛ Ntomadan no ho no wu. Ɛsɛ sɛ yɛn nyinaa ase hye anaa?”
پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشقانلار ئۆلمەي قالمايدۇ، شۇنداق ئىكەن، بىز ھەممىمىز مۇتلەق نەپەستىن قېلىشىمىز كېرەكمۇ؟ — دېيىشتى.

< 4 Mose 17 >