< Yosua 23 >

1 Mfeɛ bebree twaam a Awurade maa Israelfoɔ no ahotɔ a wɔn atamfoɔ no mu biara anha wɔn bio. Yosua a afei na wanyini yie no
پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئارام بېرىپ ئۇزۇن زامانلار ئۆتۈپ، شۇنداقلا يەشۇئا قېرىپ، يېشىمۇ چوڭىيىپ قالغاندا،
2 frɛɛ mpanimfoɔ, ntuanofoɔ, atemmufoɔ ne adwumayɛfoɔ a wɔwɔ Israel nyinaa. Ɔka kyerɛɛ wɔn sɛ, “Seesei, mabɔ akɔkoraa.
يەشۇئا پۈتكۈل ئىسرائىلنى، ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، باشلىقلىرى، ھاكىم-سوراقچىلىرى بىلەن بەگ-ئەمەلدارلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «مەن قېرىپ قالدىم، يېشىممۇ چوڭىيىپ قالدى.
3 Moahunu biribiara a Awurade, mo Onyankopɔn ayɛ ama mo me nkwa nna yi mu. Awurade, mo Onyankopɔn ako atia mo atamfoɔ.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن مۇشۇ يەردىكى بارلىق تائىپىلەرگە قانداق ئىشلارنى قىلغىنىنى ئۆزۈڭلار كۆردۈڭلار؛ چۈنكى سىلەر تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزىدۇر.
4 Mede amanaman no nsase a yɛnnya nnii soɔ ne deɛ yɛadi soɔ ama mo sɛ mo agyapadeɛ, ɛfiri Asubɔnten Yordan kɔsi Ɛpo Kɛseɛ a ɛwɔ atɔeɛ fam no.
مانا، مەن ئۆزۈم يوقاتقان ھەممە ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى بىلەن قالغان بۇ تائىپىلەرنىڭ زېمىنلىرىنى قوشۇپ قەبىلە-جەمەتىڭلار بويىچە چەك تاشلاپ ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ كۈن پېتىش تەرەپتىكى ئۇلۇغ دېڭىزغىچە، سىلەرگە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بەردىم.
5 Saa asase yi bɛyɛ mo dea, ɛfiri sɛ, Awurade, mo Onyankopɔn bɛpamo nnipa a wɔtete so seesei no nyinaa. Mobɛsi wɔn anan mu atena hɔ, sɛdeɛ Awurade, mo Onyankopɔn hyɛɛ mo bɔ no.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىپ، كۆزۈڭلاردىن نېرى قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولىسىلەر.
6 “Enti, monyɛ den! Monhwɛ na monni nkyerɛkyerɛ a wɔatwerɛ wɔ Mose Mmara Nwoma no mu no so pɛpɛɛpɛ. Monntwe mo ho mfiri ho kwan biara so.
شۇڭا سىلەر تولىمۇ قەيسەر بولۇپ مۇسانىڭ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛
7 Monhwɛ yie sɛ mo ne nnipa foforɔ a wɔda so te asase no so no nnya ayɔnkofa biara. Mpo, mommmɔ wɔn anyame din na moabɔ wɔn din aka ntam anaasɛ moasom wɔn.
شۇنداق قىلىپ، ئاراڭلاردا قېلىپ قالغان بۇ تائىپىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرىنى تىلغا ئالماڭلار ياكى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار؛ ئۇلارغا ئىبادەت قىلماڭلار، ئۇلارغا باش ئۇرماڭلار؛
8 Na monni Awurade, mo Onyankopɔn no nokorɛ sɛdeɛ moayɛ abɛsi ɛnnɛ yi.
بەلكى بۈگۈنگىچە قىلغىنىڭلاردەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا باغلىنىپ تۇرۇڭلار.
9 “Ɛfiri sɛ, Awurade apamo amanaman akɛseɛ a wɔyɛ dene ama mo, enti obiara nni hɔ a watumi adi mo so nkonim.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردىن چوڭ-چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەندۇر؛ بۈگۈنگىچە ھېچقانداق ئادەم ئالدىڭلاردا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى.
10 Mo mu biara bɛtumi atu atamfoɔ apem agu, ɛfiri sɛ, Awurade, mo Onyankopɔn ko ma mo sɛdeɛ wahyɛ bɔ no.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنى بويىچە سىلەر تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغىنى ئۈچۈن سىلەردىن بىر ئادىمىڭلار ئۇلارنىڭ مىڭ ئادىمىنى تىرىپىرەن قىلىدۇ.
11 Enti, monhwɛ yie na monnɔ Awurade, mo Onyankopɔn no.
شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈش ئۈچۈن ئۆز كۆڭلۈڭلارغا قاتتىق سەگەك بولۇڭلار!
12 “Nanso sɛ motwe mo ho firi ne ho, na mone saa amanaman yi nkaeɛfoɔ a wɔwɔ mo mu yi di awadeɛ a,
چۈنكى ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئاراڭلاردا قالغان بۇ ئەللەر بىلەن ئارىلىشىپ-باغلىنىپ، ئۇلار بىلەن قودا-باجا بولۇپ، ئۇلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلساڭلار،
13 ɛnneɛ akyinnyeɛ biara nni ho sɛ Awurade, mo Onyankopɔn rempamo wɔn mfiri mo asase so. Mmom, wɔbɛyɛ afidie ama mo, ɔyea wɔ mo mfe mu ne kasɛɛ a ɛhyɛ mo aniwa mu, na wɔbɛtɔre mo ase afiri asase pa yi a Awurade, mo Onyankopɔn de ama mo yi so.
ئۇنداقتا سىلەرگە شۇ ئىش ئايان بولسۇنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىڭلاردىن بۇ ئەللەرنى ئىككىنچى قوغلاپ چىقارمايدۇ، بەلكى بۇلار سىلەرگە قاپقان ۋە قىلتاق بولۇپ، بىقىنىڭلارغا قامچا بولۇپ چۈشۈپ، كۆزۈڭلەرگە تىكەن بولۇپ سانجىلىدۇ؛ ئاخىردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بەرگەن بۇ ياخشى زېمىندىن مەھرۇم بولۇپ يوقىلىسىلەر.
14 “Ɛrenkyɛre biara mɛwu, sɛdeɛ obiara korɔ no. Mo akoma mu no monim sɛ ɛbɔ biara a Awurade, mo Onyankopɔn hyɛeɛ no aba mu. Bɔhyɛ no mu biara nni hɔ a amma mu!
مانا، مەن بۈگۈن بارلىق ئادەملەر مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان يولنى ماڭىمەن؛ سىلەرنىڭ پۈتۈن دىلىڭلار ۋە ۋۇجۇدۇڭلارغا شۇ روشەنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر توغرۇلۇق قىلغان مۇبارەك ۋەدىلىرىنىڭ ھېچبىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمىدى؛ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن بەجا كەلتۈرۈلۈپ، ھېچقايسىسى يەردە قالمىدى.
15 Nanso, sɛdeɛ Awurade, mo Onyankopɔn de nnepa a ɔhyɛɛ ho bɔ maa mo no, saa ara na sɛ moannyɛ ɔsetie amma no a ɔde amanehunu bɛba mo so. Ɔbɛpra mo afiri saa asase pa a ɔde ama mo yi so.
لېكىن سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەرگە ئەمر قىلىپ توختاتقان ئەھدىسىنى بۇزغاندا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ۋەدە قىلغان ھەممە بەرىكەت ئۈستۈڭلەرگە چۈشۈرۈلگەندەك، شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى ئۆزى سىلەرگە بەرگەن زېمىندىن يوقاتقۇچە بارلىق ئاگاھ قىلغان ئىشنى چۈشۈرىدۇ؛ سىلەر بېرىپ، [ئۇنىڭ ئەھدىسىنى بۇزۇپ] باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ باش ئۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە تۇتىشىپ، سىلەرنى ئۆزى سىلەرگە بەرگەن ياخشى زېمىندىن تېزلا يوق قىلىدۇ».
16 Sɛ mobu Awurade, mo Onyankopɔn apam no so na mosɔre anaa mosom anyame foforɔ a, nʼabufuo bɛhye mo na ɔbɛpra mo ntɛm so afiri asase pa a ɔde ama mo no so.”

< Yosua 23 >