< 2 Mose 8 >

1 Awurade ka kyerɛɛ Mose sɛ, “Kɔ Farao hɔ bio na kɔka kyerɛ no sɛ, ‘Awurade se, Ma me nkurɔfoɔ no ɛkwan na wɔnkɔsom me.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ماڭا ئىبادەت قىلىشقا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر.
2 Sɛ woampene so amma wɔankɔ a, mɛma mpɔtorɔ abɛhyɛ asase no so ma.
لېكىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلساڭ، مانا، مەن دۆلىتىڭنىڭ ھەممە يېرىنى پاقىلار بىلەن باستۇرۇپ ئۇرىمەن.
3 Wɔbɛyɛ Asubɔnten Nil ma, na wɔabɛhyɛ mo afie ma ma, na wɔakɔ mo mpia mu, na afoforɔ akɔ mo mpa so.
دەريادا توپ-توپ پاقىلار پەيدا بولۇپ، [دەريادىن] چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ئورۇن-كۆرپەڭگە، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىۋالىدۇ، شۇنىڭدەك خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغا، تونۇر ۋە تەڭنىلىرىڭگە يامىشىپ چىقىۋالىدۇ.
4 Mpɔtorɔ bɛhyɛ efie biara a ɛwɔ Misraim no mu ma. Wɔbɛhyɛ mo fononoo ne deɛ mode fɔtɔ asikyiresiam gu mu nyinaa ma ma. Na mpɔtorɔ no bɛbu afa mo so.’”
پاقىلار ئۆزۈڭنىڭ ئۈستىبېشىغا، خەلقىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا يامىشىپ چىقىۋالىدۇ» ــ دېگىن، ــ دېدى.
5 Awurade ka kyerɛɛ Mose sɛ, “Ka kyerɛ Aaron na ɔmfa poma no nkyerɛ nsubɔntene, nsuwa ne atadeɛ a ɛwɔ Misraim nyinaa so sɛdeɛ ɛbɛyɛ a, mpɔtorɔ bɛbu so wɔ ɔman no afanan nyinaa.”
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ھارۇنغا: پاقىلارنىڭ مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىشى ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزىتىپ، ھاساڭنى ئېقىنلار، ئۆستەڭلەر ۋە كۆللەرنىڭ ئۈستىگە شىلتىغىن، دېگىن ــ دېدى.
6 Aaron yɛɛ saa maa mpɔtorɔ bɛhyɛɛ ɔman no mu nyinaa ma tɔ.
شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ شۇنداق قىلىۋىدى، پاقىلار چىقىپ مىسىر زېمىنىنى قاپلىدى.
7 Nanso, nkonyaayifoɔ no nso yɛɛ saa ara maa mpɔtorɔ baa asase no so.
لېكىن جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلىپ، مىسىر زېمىنى ئۈستىگە پاقىلارنى پەيدا قىلدى.
8 Afei, Farao ka kyerɛɛ Mose ne Aaron sɛ, “Monkɔsrɛ Awurade na ɔnyi mpɔtorɔ no mfiri asase yi so, na mɛma mo nkurɔfoɔ no ɛkwan na wɔakɔbɔ no afɔdeɛ.”
پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: ــ پاقىلارنى مەندىن ۋە خەلقىمدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈڭلار. شۇنداق بولسا، مەن خەلقىڭنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلسۇن دەپ قويۇپ بېرىمەن، دېدى.
9 Mose nso ka kyerɛɛ no sɛ, “Kyerɛ me ɛberɛ ko a wopɛ sɛ wɔkɔ. Me nso mɛbɔ ho mpaeɛ ama mpɔtorɔ no nyinaa awuwu wɔ baabiara wɔ ɛberɛ a wobɛhyɛ me no mu, na aka asubɔnten no mu mpɔtorɔ no nko ara.”
مۇسا پىرەۋنگە: ــ بوپتۇ، مەن ئىززىتىڭنى قىلاي، پەقەت دەريادىكى پاقىلارلا قېلىپ، باشقىلىرى ئۆزۈڭدىن ۋە ئۆيلىرىڭدىن ئايرىلسۇن دەپ، سەن، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭ ئۈچۈن مېنىڭ دۇئا قىلىدىغان ۋاقتىمنى بېكىتكىن، دېدى.
10 Farao kaa sɛ, “Monyɛ no ɔkyena nko ara.” Mose buaa sɛ, “Mate, ɛbɛba mu sɛdeɛ woaka no na ama woahunu sɛ obiara nni hɔ sɛ Awurade, yɛn Onyankopɔn, no nko ara.
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئەتە بولسۇن، دېدى. مۇسا ئۇنىڭغا: ــ خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا ئوخشاش ھېچبىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسۇن.
11 Mpɔtorɔ no nyinaa bɛwuwu ama aka wɔn a wɔwɔ asubɔnten no mu no.”
پاقىلار سەندىن، ئۆيلىرىڭدىن، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭدىن چىقىپ كېتىدۇ؛ پەقەت دەريادىلا قالىدۇ، دېدى.
12 Mose ne Aaron firii Farao anim kɔeɛ. Mose kɔsrɛɛ Awurade sɛ ɔnyi mponkyerɛne a ɔde wɔn abɛgu Farao so no.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. ئاندىن مۇسا پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىلگەن پاقىلار توغرىسىدا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى.
13 Awurade tiee Mose nkotosrɛ no. Mponkyerɛne wuwu hyɛɛ ɔman no mu ne afie mu ma tɔ.
پەرۋەردىگار مۇسانىڭ تىلىگىنىدەك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆيلەردىكى، ھويلىلاردىكى ۋە ئېتىزلاردىكى پاقىلار ئۆلدى.
14 Wɔboaboaa mponkyerɛne a wɔawuwuo no ano akuo akɛseakɛseɛ maa ɔman no mu bɔn yie.
خەلق ئۇلارنى يىغىپ دۆۋە-دۆۋە قىلدى، [پۈتكۈل] يۇرت-زېمىن سېسىقچىلىققا تولدى.
15 Nanso, Farao hunuu sɛ mponkyerɛne no kɔ no, ɔsane pirim nʼakoma bio enti wamma nnipa no ankɔ sɛdeɛ Awurade aka ato hɔ no.
لېكىن پىرەۋن ئاپەتتىن خالاس بولغىنىنى كۆرگەندە، كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.
16 Na Awurade ka kyerɛɛ Mose sɛ, “Ka kyerɛ Aaron na ɔmfa ne poma no mmɔ mfuturo na ɛbɛdane ntontom ahyɛ Misraim asase no so ma tɔ.”
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئۇزىتىپ، يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پاشىغا ئايلىنىپ، پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدۇ، دېگىن، ــ دېدى.
17 Enti, Mose ne Aaron yɛɛ deɛ Onyankopɔn hyɛɛ wɔn no maa ntontom bɛhyɛɛ ɔman mu no ne mu nnipa ne wɔn nyɛmmoa so ma tɔ.
ئۇلار شۇنداق قىلدى؛ ھارۇن قولىنى ئۇزىتىپ ھاسىسى بىلەن يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرۇۋىدى، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى پاشا باستى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىكى توپا-چاڭلار پاشىغا ئايلاندى.
18 Nkonyaayifoɔ no pɛɛ sɛ wɔn nso de wɔn nyankomadeɛ yɛ saa ara, nanso wɔantumi.
جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن شۇنداق قىلىپ پاشا پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، پەيدا قىلالمىدى. پاشىلار بولسا ھەم ئادەملەرنىڭ ھەم ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى قاپلاپ كەتتى.
19 Nkonyaayifoɔ no kyerɛɛ Farao sɛ, “Yei deɛ, Onyankopɔn nsa wɔ mu.” Nanso, Farao pirim nʼakoma enti wantie wɔn sɛdeɛ Awurade aka ato hɔ no.
ئاندىن جادۇگەرلەر پىرەۋنگە: ــ بۇ ئىش خۇدانىڭ بارمىقىنىڭ قىلغىنى! ــ دېيىشتى. لېكىن پىرەۋن كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.
20 Afei, Awurade ka kyerɛɛ Mose sɛ, “Sɔre anɔpatutuutu kɔhyia Farao na sɛ ɔrebɛdware asubɔnten no mu a, woaka akyerɛ no sɛ, ‘Awurade se: Ma me nkurɔfoɔ nkɔsom me.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەتە سەھەر قوپۇپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرغىن ــ (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر!
21 Na sɛ wantie a, mɛma nwansena agye Misraim afa. Mo afie mu ne asase no nyinaa bɛyɛ nwansena manyamanya.
چۈنكى ئەگەر قوۋمىمنى قويۇپ بەرمىسەڭ، مانا مەن سېنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىڭ، خەلقىڭ ئۈستىگە، ئۆيلىرىڭگە كۆكۈيۈنلەرنى ئەۋەتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ھەتتا ئۇلار تۇرۇۋاتقان تۇپراقمۇ كۆكۈيۈنلەر بىلەن تولىدۇ.
22 “‘Na nsonsonoeɛ kɛseɛ bɛda ɛha ne Gosen asase a Israelfoɔ no te so no ntam, ɛfiri sɛ, nwansena biara renkɔ hɔ. Na ɛbɛma woahunu sɛ, me Awurade mewɔ tumi wɔ Misraim asase yi so.
لېكىن شۇ كۈنىدە ئۆز قوۋمىم تۇرۇۋاتقان گوشەن يۇرتىنى باشقىچە قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ يەردە كۆكۈيۈنلەر تېپىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىندا بولغانلىقىمنى بىلىسەن.
23 Na mɛma wo nkurɔfoɔ ho ada nso afiri me nkurɔfoɔ ho. Ɔkyena nko ara nsɛm a maka yi nyinaa bɛba mu.’”
شۇنداق قىلىپ مەن ئۆز قوۋمىمنى سېنىڭ خەلقىڭدىن پەرقلەندۈرىمەن؛ بۇ مۆجىزىلىك ئالامەت ئەتە يۈز بېرىدۇ»، دەپ ئېيتقىن، دېدى.
24 Awurade yɛɛ deɛ ɔkaeɛ no, enti nwansena bɛbu faa ɔman no so maa ebi kɔhyɛɛ Farao ahemfie ne Misraim afie nyinaa mu ma tɔ.
پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. پىرەۋننىڭ ئۆيلىرىگە، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كۆكۈيۈنلەر توپ-توپ بولۇپ كىردى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەممە يېرى كۆكۈيۈنلەر تەرىپىدىن خاراب بولۇشقا باشلىدى.
25 Farao hunuu saa no, ntɛm ara, ɔfrɛɛ Mose ne Aaron ka kyerɛɛ wɔn sɛ, “Ɛyɛ, monkɔbɔ afɔdeɛ mma mo Onyankopɔn, nanso mommɔ saa afɔdeɛ no wɔ ɔman yi ara mu. Monnkɔ ɛserɛ so.”
پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلارغا: بېرىپ مۇشۇ زېمىندا خۇدايىڭلارغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈڭلار، ــ دېدى.
26 Nanso Mose kaa sɛ, “Saa deɛ, ɛrenyɛ yie. Yɛn afɔdeɛ a yɛbɔ ma Awurade yɛn Onyankopɔn no yɛ Misraimfoɔ akyiwadeɛ, enti sɛ yɛbɔ saa afɔdeɛ no wɔ ha a, wɔbɛkum yɛn.
لېكىن مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇنداق قىلىش بىزگە تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا سۇنماقچى بولغان قۇربانلىق مال مىسىرلىقلارغا نىسبەتەن يىرگىنچلىكتۇر. ئەمدى ئەگەر بىز مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا يامان كۆرۈنگەن نەرسىنى قۇربانلىق قىلساق ئۇلار بىزنى چالما-كېسەك قىلىۋەتمەمدۇ؟
27 Ɛsɛ sɛ yɛtu nnansa ɛkwan kɔ ɛserɛ so, na yɛkɔbɔ afɔdeɛ ma Awurade, yɛn Onyankopɔn, sɛdeɛ wakyerɛ yɛn sɛ yɛnyɛ no.”
بىز ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆلدە پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بۇيرۇغىنىدەك ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇشىمىز كېرەك، دېدى.
28 Farao kaa sɛ, “Ɛyɛ, mɛma mo ɛkwan akɔ ɛserɛ so akɔbɔ afɔdeɛ, na mmom, monnkɔ akyiri. Monka mo ho na monkɔkoto nsrɛ Awurade, mo Onyankopɔn mma me.”
پىرەۋن: ــ سىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا چۆلدە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە بارغىلى قويىمەن؛ پەقەت بەك يىراق كېتىپ قالماڭلار، مېنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، دېدى.
29 Mose kaa sɛ, “Sɛ me firi ha pɛ a, mɛbɔ Awurade mpaeɛ na ɔkyena nwansena bebrebe no ase bɛtɔre wɔ wo, wo mpanimfoɔ ne wo nkurɔfoɔ mu. Nanso, merebɔ wo kɔkɔ sɛ, hwɛ na woanhyɛ bɔ sɛ wobɛma nnipa no akɔ na akyire yi, woasesa wʼadwene.”
مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، مەن سېنىڭ ئالدىڭدىن چىقىپ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىمەن ۋە كۆكۈيۈنلەر سەن پىرەۋندىن، ئەمەلدارلىرىڭدىن ۋە خەلقىڭدىن ئەتە چىقىپ كېتىدۇ؛ لېكىن پىرەۋن يەنە ھىيلە ئىشلىتىپ، خەلقنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشتىن توسقۇچى بولمىسۇن، دېدى.
30 Enti, Mose firii Farao nkyɛn kɔsrɛɛ Awurade sɛ, ɔntɔre nwansena no nyinaa ase.
مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا شۇنداق ئىلتىجا قىلدى.
31 Na Awurade yɛɛ Mose abisadeɛ no, tɔree nwansena no nyinaa ase.
پەرۋەردىگار مۇسا تىلىگىنىدەك قىلدى؛ ئۇ كۆكۈيۈنلەرنى پىرەۋن، ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقىدىن چىقىرىۋەتتى؛ ھەتتا بىر تال كۆكۈيۈنمۇ قالمىدى.
32 Nanso, Farao sane pirim nʼakoma, enti wamma nnipa no ankɔ.
لېكىن پىرەۋن بۇ قېتىممۇ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، قوۋمنى قويۇپ بەرمىدى.

< 2 Mose 8 >