< 5 Mose 9 >

1 Ao Israel, montie! Morekɔtwa Yordan na moawura mu akɔgye aman a ɛsoso na wɔwɔ ahoɔden kyɛn mo na wɔwɔ nkuropɔn akɛseɛ na wɔn afasuo kɔka sorosoro no agyapadeɛ.
ئاڭلا، ئى ئىسرائىل! سەن بۈگۈن ئۆزۈڭدىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىغان چوڭ شەھەرلەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاناكىيلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسەن (سەن ئۇلارنى بىلىسەن، ئۇلار توغرۇلۇق «كىم ئاناكىيلار ئالدىدا تۇرالىسۇن!» دەپ ئاڭلىغانسەن).
2 Nnipa no wɔ ahoɔden na wɔwoware—Anakfoɔ. Moate wɔn nka na moate sɛ wɔka sɛ, “Hwan na ɔbɛtumi ne Anakfoɔ agyina?”
3 Nanso, merehyɛ mo ase ɛnnɛ sɛ, Awurade mo Onyankopɔn na ɔredi mo anim te sɛ ogya dɛreɛ a ɛresɛe adeɛ. Ɔbɛsɛe wɔn. Ɔbɛbrɛ wɔn ase wɔ mo anim. Na moapam wɔn na moatɔre wɔn ase ntɛm pa ara sɛdeɛ Awurade hyɛɛ mo bɔ no.
سەن بۈگۈنكى كۈندە شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆزىدۇر، ئۇ يالماپ يۇتقۇچى ئوتتۇر؛ ئۇ مۇشۇ ئەللەرنى ھالاك قىلىدۇ، ئالدىڭدا ئۇلارنى تېزدىن يىقىتىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئىگىلەپ، پەرۋەردىگار ساڭا ئېيتقاندەك ئۇلارنى تېزدىن يوقىتىسەن.
4 Sɛ Awurade, mo Onyankopɔn, tu wɔn gu a, monnka no wɔ mo akoma mu sɛ, “Esiane yɛn tenenee enti na Awurade de saa asase yi ama yɛn.” Dabi. Esiane sɛ aman no yɛ amumuyɛfoɔ no enti na Awurade reyɛ saa.
پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالدىڭدىن ھەيدىگەندە سەن كۆڭلۈڭدە: «ھەققانىيلىقىم سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار مېنى زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېتەكلەپ كىردى» دېمىگىن؛ بەلكى شۇ ئەللەرنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى تەئەللۇقاتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
5 Ɛnyɛ sɛ moyɛ ateneneefoɔ ne nokwafoɔ no enti na morekɔfa wɔn asase no. Esiane wɔn amumuyɛ enti, Awurade, mo Onyankopɔn, bɛpamo saa aman yi adi mo anim de akyerɛ sɛ, wadi ntam a ɔka kyerɛɛ mo agyanom Abraham, Isak ne Yakob no so.
سەن ئۇلارنىڭ زېمىنىغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلىشىڭ سېنىڭ ھەققانىي بولغانلىقىڭدىن ياكى كۆڭلۈڭنىڭ دۇرۇسلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئەللەرنىڭ رەزىللىكىدىن ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا قەسەم قىلغان سۆزىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈنمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنى سېنىڭ ئالدىڭدا تەئەللۇقاتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
6 Meka bio sɛ, ɛnyɛ sɛ moyɛ teneneefoɔ enti na Awurade, mo Onyankopɔn, de saa asase pa yi rema mo. Ɛnte saa. Moyɛ ɔman a asoɔden ahyɛ mo ma.
ئەمدى شۇنى بىلىپ قويغىنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بۇ ياخشى زېمىننى ساڭا مىراس قىلغىنى سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭدىن ئەمەس، چۈنكى سەن ئەسلى بوينى قاتتىق بىر خەلقسەن.
7 Monkae yei na mommma mo werɛ mfiri sɛdeɛ mohyɛɛ Awurade, mo Onyankopɔn Abufuo wɔ ɛserɛ so hɔ no. Ɛfiri ɛberɛ a motu firii Misraim bɛsi sɛ moduruu ha yi, moate Awurade anim atua.
ئەمدى سېنىڭ چۆل-باياۋاندا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى قانداق غەزەپلەندۈرگەنلىكىڭنى ئېسىڭدە تۇتقىن ــ ئۇنى ئۇنتۇما. سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈندىن بېرى تاكى بۇ يەرگە كەلگۈچە پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭ.
8 Mohyɛɛ Awurade abufuo wɔ Horeb a anka ɔpɛ sɛ ɔsɛe mo.
سىلەر ھورەب تېغىدا پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرگەن ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاچچىقلىنىپ، سىلەرنى ھالاك قىلماقچى بولدى.
9 Mekɔɔ bepɔ no so sɛ merekɔgye aboɔ twerɛpono a na wɔatwerɛ apam a na Awurade ne mo apam no agu so no, metenaa hɔ nnafua aduanan. Mannidi na mannom.
شۇ چاغدا مەن تاش تاختايلارنى، يەنى پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدە تاختايلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تاغقا چىققانىدىم؛ مەن تاغدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردۇم (مەن نە تاماق يېمىدىم، نە سۇ ئىچمىدىم)؛
10 Awurade de apam a ɛwɔ aboɔ twerɛpono so a Onyankopɔn ankasa atwerɛ so nsɛm maa me. Ɔfiri ogya a ɛwɔ bepɔ no so no mu na ɔde maa me.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز بارمىقى بىلەن پۈتكەن ئىككى تاختاينى تاپشۇردى؛ ئۇلاردا پەرۋەردىگار تاغدا ئوت ئىچىدە سىلەرگە سۆزلىگەن چاغدا، جامائەت يىغىلغان كۈنى ئېيتقان بارلىق سۆزلەر پۈتۈلگەنىدى.
11 Na adaduanan awia ne anadwo no baa awieeɛ no, Awurade de aboɔ ɛpono mmienu a wɔatwerɛ apam no wɔ so no maa me.
ۋە شۇنداق بولدىكى، قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى تاش تاختاي، يەنى ئەھدە تاختايلىرىنى بەردى.
12 Afei, Awurade ka kyerɛɛ me sɛ, “Siane firi ha ntɛm kɔ, ɛfiri sɛ, nnipa a wodii wɔn anim firi Misraim no adane abɔnefoɔ. Wɔamane afiri ɛkwan a mehyɛɛ wɔn sɛ wɔntena ase no so dada, na wɔde sikakɔkɔɔ ayɛ ohoni afa.”
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مۇشۇ يەردىن چۈشكىن؛ چۈنكى سەن مىسىردىن چىقارغان خەلقىڭ ئۆزلىرىنى بۇلغىدى؛ ئۇلار تېزلا مەن ئۇلارغا تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ ئۆزلىرىگە قۇيما بىر بۇتنى ياسىدى» دېدى.
13 Na Awurade ka kyerɛɛ me sɛ, “Mahwɛ saa nnipa yi ara ahunu sɛ, wɔn aso yɛ den pa ara.
پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: «مەن بۇ خەلقنى كۆرۈپ يەتتىم؛ مانا، ئۇ بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر.
14 Ma me ɛkwan na mensɛe na mempepa wɔn din mfiri ɔsoro ase. Na menam so mayɛ wʼasefoɔ ɔman kɛseɛ; ɔman a ɛso na ɛwɔ ahoɔden sene sɛdeɛ ɛte ɛnnɛ yi.”
مېنى توسما، مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ تېگىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن ۋە شۇنداق قىلىپ، سېنى ئۇلاردىن چوڭ ۋە ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن» ــ دېدى.
15 Enti, mesiane firii ogya bepɔ no so a aboɔ apono mmienu a apam no wɔ so no kura me.
مەن بۇرۇلۇپ، تاغدىن چۈشتۈم؛ تاغ بولسا ئوت بىلەن يالقۇنلاۋاتاتتى؛ ئىككى ئەھدە تاختىيى ئىككى قولۇمدا ئىدى.
16 Mʼase hɔ no, mehunuu sikakɔkɔɔ nantwie ba a mofiri mo bɔne kɛseɛ mu ayɛ atia Awurade, mo Onyankopɔn. Ankyɛre koraa na modane firii Awurade ɛkwan a ɔkyerɛɛ mo sɛ momfa so no so.
مەن كۆردۈم، مانا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىدا گۇناھ قىلىپسىلەر؛ سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇيما بىر موزاينى ياساپسىلەر؛ سىلەر تېزلا پەرۋەردىگار سىلەرگە تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ كېتىپسىلەر.
17 Enti, mepagyaa boɔ apono no kɔɔ soro ɛnna meto hwee fam. Mebubuu no wɔ mo anim.
مەن ئىككى تاختاينى ئىككى قولۇمغا ئېلىپ، چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا چېقىۋەتتىم.
18 Afei, medaa Awurade anim awia ne anadwo adaduanan a manni burodo. Mannom nsuo. Meyɛɛ yei, ɛfiri sɛ moyɛɛ adeɛ a Awurade kyi, na ɛnam so maa ne bo fuu yie.
سىلەر پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرۈپ بارلىق ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، يەنە ئاۋۋالقىدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا يىقىلىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم (مەن ھېچ نەرسە يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم)
19 Mesuro maa mo, ɛfiri sɛ, na Awurade ayɛ nʼadwene sɛ ɔbɛsɛe mo. Nanso, ɔtiee me bio.
چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى يوقىتىدىغان قاتتىق غەزىپى ھەم قەھرىدىن قورقتۇم. پەرۋەردىگار شۇ چاغدىمۇ مېنىڭ تىلىكىمنى ئاڭلىدى.
20 Awurade bo fuu Aaron ara kɔsii sɛ anka ɔpɛ sɛ ɔsɛe no. Nanso, mebɔɔ mpaeɛ maa Aaron nso.
پەرۋەردىگار ھارۇندىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىمۇ يوقاتماقچى بولدى؛ مەن ھارۇن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلدىم.
21 Mefaa mo bɔne no, nantwie ba a moayɛ no, na menanee no wɔ ogya mu yamoo no muhumuhu. Metoo ne mfuturo no guu asuwa a ɛtene firi bepɔ no so no mu.
مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى، يەنى ياسىغان موزاينى ئېلىپ ئۇنى ئوتتا كۆيدۈردۈم ۋە ئۇنى يانجىپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ ئېزىۋەتتىم؛ ئۇنىڭ توپىسىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشىدىغان ئېرىق سۈيىگە چېچىۋەتتىم
22 Mohyɛɛ Awurade abufuo wɔ Tabera, Masa ne Kibrot-Hataawa nso.
(سىلەر يەنە تابەراھ، ماسساھ، كىبروت-ھاتتاۋاھدىمۇ پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈردۈڭلار.
23 Kades-Barnea nso, Awurade somaa mo wɔ saa ɔhyɛ yi so sɛ, “Monkɔ soro hɔ nkɔfa asase a mede ama mo no”. Nanso, motiaa Awurade mo Onyankopɔn ahyɛdeɛ no na moamfa mo ho anto no so antie nʼasɛm.
پەرۋەردىگار سىلەرنى قادەش-بارنېئادىن [قانائانغا] ماڭدۇرماقچى بولۇپ سىلەرگە: «چىقىپ، مەن سىلەرگە تەقدىم قىلغان زېمىننى ئىگىلەڭلار» ــ دېگەندىمۇ، سىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ ئاسىيلىق قىلدىڭلار، نە ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار، نە ئاۋازىغا ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار.
24 Aane, ɛfiri sɛ mehunuu mo no, daa mosɔre tia Awurade.
مەن سىلەرنى تونۇغان كۈندىن تارتىپ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار).
25 Ɛno enti na ɛberɛ a Awurade sii nʼadwene pi sɛ ɔpɛ sɛ ɔsɛe mo no, mekɔdaa nʼanim awia ne anadwo nnafua aduanan no.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئاشۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە ئېتىپ يەنە قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم؛ دەرۋەقە دۈم ياتتىم؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە قاراپ «ئۇلارنى يوقىتىمەن» دېگەنىدى.
26 Mebɔɔ mpaeɛ kyerɛɛ Awurade sɛ, “Otumfoɔ Awurade, nsɛe wo ɔman ne wʼagyapadeɛ a wode wo kɛseyɛ agye asi hɔ na wode wo nsa a ɛyɛ den ayi wɔn afiri Misraim no.
شۇڭا مەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: «ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ سېتىۋالغان، مىسىردىن كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن چىقارغان ئۆز خەلقىڭ بولغان مىراسىڭنى يوقاتمىغايسەن؛
27 Yi wʼani firi saa nnipa asoɔdenfoɔ yi so na kae wʼasomfoɔ Abraham, Isak ne Yakob.
ئۆز قۇللىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن؛ بۇ خەلقنىڭ باشباشتاقلىقىغا، ئۇلارنىڭ رەزىللىكى ياكى گۇناھىغا قارىمىغايسەن؛
28 Sɛ wosɛe saa nnipa yi a, Misraimfoɔ bɛka sɛ, ‘Awurade sɛee wɔn, ɛfiri sɛ, wantumi amfa wɔn ankɔ asase a ɔkaa ntam sɛ ɔde bɛma wɔn no so. Anaasɛ nso, wɔbɛka sɛ, ɔsɛee wɔn, ɛfiri sɛ, ɔtan wɔn; ɔde wɔn baa ɛserɛ so sɛ ɔrekɔkunkum wɔn.’
بولمىسا، سەن بىزنى ئېلىپ چىققان شۇ زېمىندىكىلەر: «پەرۋەردىگار بۇ خەلقنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە ئېلىپ كىرەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئۇلارغا نەپرەتلەنگىنى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا يوقىتىشقا [مىسىردىن] چىقاردى» ــ دەيدۇ.
29 Nanso, wɔyɛ wo nkurɔfoɔ ne wʼagyapadeɛ a wonam tumi a ɛso ne wʼabasa a wama soɔ so yii wɔn.”
قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار زور كۈچۈڭ ۋە ئۇزارتىلغان بىلىكىڭ بىلەن [مىسىردىن] چىقارغان خەلقىڭ ۋە سېنىڭ مىراسىڭدۇر» ــ دېدىم.

< 5 Mose 9 >