< Mmebusɛm 12 >

1 Obiara a ɔpɛ ahohyɛso no pɛ nimdeɛ, na nea okyi nteɛso no yɛ ogyimifo.
كىمكى تەربىيىنى قەدىرلىسە، بىلىمنىمۇ سۆيگۈچىدۇر؛ لېكىن تەنبىھكە نەپرەتلەنگەن نادان-ھاماقەتتۇر.
2 Nnipa pa nya Awurade nkyɛn adom, na Awurade bu amumɔyɛfo fɔ.
ياخشى نىيەتلىك ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەر؛ ئەمما پەرۋەردىگار ھىيلە-مىكىرلىك ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتەر.
3 Amumɔyɛsɛm rentumi mma onipa ase ntim, na wɔrentumi ntu ɔtreneeni ase.
ئادەملەر يامانلىق قىلىپ ئامانلىق تاپالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى تەۋرەنمەس.
4 Ɔyere a ɔwɔ suban pa yɛ ne kunu ahenkyɛw, nanso ɔyere nimguasefo te sɛ porɔwee wɔ ne kunu nnompe mu.
پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر؛ ئەمما ئۇنى ئۇياتقا سالغۇچى خوتۇن ئۇنىڭ ئۇستىخىنىنى چىرىتەر.
5 Atreneefo nhyehyɛe yɛ pɛ, na amumɔyɛfo afotu yɛ nnaadaa.
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئوي-پىكرى دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرار؛ يامانلارنىڭ نەسىھەتلىرى مەككارلىقتۇر.
6 Amumɔyɛfo nsɛm da hɔ twɛn mogya, na ɔtreneeni kasa yi wɔn fi mu.
يامانلارنىڭ سۆزلىرى قان تۆكىدىغان قىلتاقتۇر؛ لېكىن دۇرۇسنىڭ سۆزى ئادەمنى قىلتاقتىن قۇتۇلدۇرار.
7 Wotu amumɔyɛfo gu na wɔyera, nanso atreneefo fi gyina pintinn.
يامانلار ئاغدۇرۇلۇپ، يوقىلار؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ ئۆيى مەزمۇت تۇرار.
8 Wɔkamfo onipa sɛnea ne nyansa te na nnipa a wɔn adwene yɛ kɔntɔnkye de, wobu wɔn animtiaa.
ئادەم ئۆز زېرىكلىكى بىلەن ماختاشقا سازاۋەر بولار؛ ئەگرى نىيەتلىك كىشى كۆزگە ئىلىنماس.
9 Eye sɛ wobɛyɛ wo ho sɛ ɔteta nanso wowɔ ɔsomfo, sen sɛ wobɛyɛ wo ho sɛ obi, nanso wunni aduan.
پېقىر تۇرۇپ خىزمەتكارى بار كىشى، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئاچ يۈرگەن كىشىدىن ياخشىدۇر.
10 Ɔtreneeni ma ne nyɛmmoa nea wɔpɛ, na amumɔyɛfo nneyɛe a eye pa ara yɛ atirimɔden.
ھەققانىي ئادەم ئۆز ئۇلىغىنىمۇ ئاسرار؛ ئەمما رەزىل ئادەمنىڭ بولسا ھەتتا رەھىمدىللىقىمۇ زالىملىقتۇر.
11 Nea ɔyɛ nʼasase so adwuma no benya aduan bebree, na nea odi nsɛm huhuw akyi no nni adwene.
تىرىشىپ تېرىقچىلىق قىلغان دېھقاننىڭ قورسىقى توق بولار؛ ئەمما خام خىياللارغا بېرىلگەن كىشىنىڭ ئەقلى يوقتۇر.
12 Amumɔyɛfo pɛ abɔnefo asade, nanso ɔtreneeni ase dɔ.
يامان ئادەم يامانلىق قىلتىقىنى كۆزلەپ ئولتۇرار؛ ئەمما ھەققانىي ئادەمنىڭ يىلتىزى مېۋە بېرىپ تۇرار.
13 Ɔbɔnefo anosɛm yi no sɛ afiri, nanso ɔtreneeni nya ne ho tetew wɔ ahohia mu.
يامان ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار؛ ھەققانىي ئادەم مۇشەققەت-قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلار.
14 Nneɛma pa fi onipa anom aba mu hyɛ no ma sɛnea ne nsa ano adwuma ma no akatua no.
ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن قانائەت تاپار؛ ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرىدىن ئۇنىڭغا ياندۇرۇلار.
15 Ɔkwasea akwan teɛ nʼani so, na onyansafo tie afotu.
ئەخمەق ئۆز يولىنى توغرا دەپ بىلەر؛ ئەمما دەۋەتكە قۇلاق سالغان كىشى ئاقىلانىدۇر.
16 Nkwaseafo bo nkyɛ fuw, nanso mmadwemma bu wɔn ani gu animka so.
ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى كەلسە، تېزلا بىلىنەر؛ زېرەك كىشى ھاقارەتكە سەۋر قىلار، سەتچىلىكنى ئاشكارىلىماس.
17 Ɔdanseni nokwafo di adanse turodoo, na nea odi adansekurum no twa nkontompo.
ھەقىقەتنى ئېيتقان كىشىدىن ئادالەت بىلىنەر؛ يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچىدىن ئالدامچىلىق بىلىنەر.
18 Nsɛm hunu keka wowɔ te sɛ afoa nanso onyansafo tɛkrɛma ma abodwo.
بەزلىلەرنىڭ يېنىكلىك بىلەن ئېيتقان گېپى ئادەمگە سانجىلغان قىلىچقا ئوخشار؛ بىراق ئاقىلانىنىڭ تىلى دەردكە دەرماندۇر.
19 Ano a ɛka nokware no tim hɔ daa, na atoro tɛkrɛma renkyɛ koraa.
راستچىل مەڭگۈ تۇرغۇزۇلىدۇ؛ لەۋزى يالغان بولسا بىردەملىكتۇر.
20 Nnaadaa hyɛ wɔn a wodwen bɔne ho no koma mu, na wɔn a wɔpɛ asomdwoe nya ahosɛpɛw.
يامانلىقنىڭ كويىدا يۈرگۈچىنىڭ كۆڭلىدە ھىيلە ساقلانغاندۇر؛ ئامانلىقنى دەۋەت قىلغۇچىلار خۇشاللىققا چۆمەر.
21 Ɔhaw biara rento ɔtreneeni, nanso amanehunu mee amumɔyɛfo.
ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا ھېچ كۈلپەت چۈشمەس؛ قەبىھلەر بالايىقازاغا چۆمۈلەر.
22 Awurade kyi ano a etwa atoro, na nʼani gye nnipa a wodi nokware ho.
يالغان سۆزلەيدىغاننىڭ لەۋلىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ لېكىن لەۋزىدە تۇرغانلارغا ئۇ ئاپىرىن ئېيتار.
23 Ɔtreneeni mmɔ ne nimdeɛ ho dawuru nanso ɔkwasea koma da agyimisɛm adi.
پەملىك ئادەم بىلىمىنى يوشۇرار؛ بىراق ئەخمەق نادانلىقىنى جاكارلار.
24 Nsa a ɛyɛ adwuma no bedi tumi, nanso akwadworɔ wie nkoasom mu.
تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار؛ ھۇرۇن قول ئالۋانغا تۇتۇلار.
25 Koma a ɛpere ade ho ma onipa botow, nanso nkuranhyɛsɛm bi hyɛ no den.
كۆڭۈلنىڭ غەم-ئەندىشىسى كىشىنى مۈكچەيتەر؛ لېكىن مېھرىبانە بىر سۆز كىشىنى روھلاندۇرار.
26 Ɔtreneeni wɔ ntoboase wɔ ayɔnkofa mu, nanso amumɔyɛfo kwan ma wɔfom.
ھەققانىي كىشى ئۆز دوستى بىلەن بىرگە يول ئىزدەر؛ بىراق يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرار.
27 Onihawfo ntoto ne hanam, nanso nsiyɛfo ahonyade som bo ma wɔn.
ھۇرۇن ئۆزى تۇتقان ئوۋنى پىشۇرۇپ يېيەلمەس؛ بىراق ئەتىۋارلىق بايلىقلار تىرىشچانغا مەنسۇپتۇر.
28 Trenee kwan mu wɔ nkwa; na owu nni saa kwan no so.
ھەققانىيلىقنىڭ يولىدا ھايات تېپىلار؛ شۇ يولدا ئۆلۈم كۆرۈنمەستۇر.

< Mmebusɛm 12 >