< Hiob 40 >

1 Afei Awurade buaa Hiob se,
پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە جاۋابەن: ــ
2 “Nea ɔne Otumfo no wɔ asɛm no bɛteɛ ne so ana? Ma nea ɔbɔ Onyankopɔn kwaadu no mmua no ɛ!”
«ھەممىگە قادىر بىلەن دەۋالاشىدىغان كىشى ئۇنىڭغا تەربىيە قىلماقچىمۇ؟ تەڭرىنى ئەيىبلىگۈچى كىشى جاۋاب بەرسۇن!» ــ دېدى.
3 Na Hiob buaa Awurade se,
ئايۇپ بولسا پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ
4 “Mensɛ na memfata, ɛbɛyɛ dɛn na matumi anya mmuae? Mede me nsa mua mʼano.
«مانا، مەن ھېچنېمىگە يارىمايمەن؛ ساڭا قانداق جاۋاب بېرەلەيمەن؟ قولۇم بىلەن ئاغزىمنى ئېتىپ گەپتىن قالاي؛
5 Makasa baako, nanso minni mmuae mprenu so, na merenkasa bio.”
بىر قېتىم دېدىم، مەن يەنە جاۋاب بەرمەيمەن؛ شۇنداق، ئىككى قېتىم دېسەم مەن قايتا سۆزلىمەيمەن» ــ دېدى.
6 Afei, Awurade fi ahum mu buaa Hiob se,
ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ
7 “Hyɛ wo ho den sɛ ɔbarima; mebisa wo nsɛm, na ɛsɛ sɛ wubua me.
«ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا، ئاندىن مەن سەندىن سوراي؛ سەن مېنى خەۋەردار قىلغىن.
8 “Wobɛka mʼatemmu ho asɛm bɔne ana? Wubebu me fɔ de abu wo ho bem ana?
سەن دەرۋەقە مېنىڭ ھۆكۈمىمنى پۈتۈنلەي بىكارغا كەتكۈزمەكچىمۇسەن؟ سەن ئۆزۈڭنى ھەققانىي قىلىمەن دەپ، مېنى ناتوغرا دەپ ئەيىبلىمەكچىمۇسەن؟
9 Wowɔ abasa te sɛ Onyankopɔn de, na wo nne betumi abobɔ mu sɛ ne de ana?
سېنىڭ تەڭرىنىڭ بىلىكىدەك [كۈچلۈك] بىر بىلىكىڭ بارمۇ؟ سەن ئۇنىڭدەك ئاۋاز بىلەن گۈلدۈرلىيەلەمسەن؟
10 Ɛno de fa anuonyam ne ɔhyerɛn hyehyɛ wo ho, na fura nidi ne kɛseyɛ.
قېنى، ھازىر ئۆزۈڭنى شان-شەرەپ ھەم سالاپەت بىلەن بېزىۋال! ھەيۋەت ھەم كۆركەملىك بىلەن ئۆزۈڭنى كىيىندۈرۈپ،
11 Hwie wʼabufuwhyew mmoroso no gu, hwɛ ɔhantanni biara na brɛ no ase,
غەزىپىڭنىڭ قەھرىنى چېچىپ تاشلىغىن، شۇنىڭ بىلەن ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى پەسلەشتۈرگىن.
12 hwɛ ɔhantanni biara na si no fam na tiatia amumɔyɛfo so wɔ faako a wogyina hɔ.
راست، ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى بويسۇندۇرغىن، رەزىللەرنى ئۆز ئورنىدا دەسسەپ يەر بىلەن يەكسان قىل!
13 Sie wɔn nyinaa bɔ mu wɔ mfutuma mu; kata wɔn anim wɔ ɔda mu.
ئۇلارنى بىرگە توپىغا كۆمۈپ قوي، يوشۇرۇن جايدا ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى كېپەن بىلەن ئېتىپ قويغىن؛
14 Na afei mʼankasa megye ato mu sɛ wo ara wo basa nifa betumi agye wo nkwa.
شۇنداق قىلالىساڭ، مەن سېنى ئېتىراپ قىلىپ ماختايمەنكى، «ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭنى قۇتقۇزىدۇ!».
15 “Hwɛ susono, nea meyɛɛ no kaa wo ho na ɔwe sare te sɛ nantwi.
مەن سېنىڭ بىلەن تەڭ ياراتقان بېگېموتنى كۆرۈپ قوي؛ ئۇ كالىدەك ئوت-چۆپ يەيدۇ.
16 Hwɛ ahoɔden a ɔwɔ wɔ nʼasen mu ne ahoɔden a ɛwɔ ne yafunu so were mu!
مانا، ئۇنىڭ بېلىدىكى كۈچىنى، قورساق مۇسكۇللىرىدىكى قۇدرىتىنى ھازىر كۆرۈپ قوي!
17 Ne dua hinhim sɛ sida; ne srɛ mu ntin yɛ peperee.
ئۇ قۇيرۇقىنى كېدىر دەرىخىدەك ئېگىدۇ، ئۇنىڭ يوتىلىرىدىكى سىڭىرلىرى بىر-بىرىگە چىڭ توقۇپ قويۇلغان.
18 Ne nnompe te sɛ kɔbere mfrafrae dorobɛn, nʼabasa ne ne nʼanan te sɛ nnade praban.
ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى مىس تۇرۇبىدەكتۇر، پۇت-قوللىرى تۆمۈر چوقماقلارغا ئوخشايدۇ.
19 Odi Onyankopɔn nsa ano adwuma mu kan, nanso ne Yɛfo betumi de nʼafoa akɔ ne so.
ئۇ تەڭرى ياراتقان جانىۋارلارنىڭ بېشىدۇر، پەقەت ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىلا ئۇنىڭغا ئۆز قىلىچىنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ.
20 Nkoko fifi wɔn nnɔbae ma no, na wuram mmoa nyinaa goru bɛn hɔ.
تاغلار ئۇنىڭغا يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ؛ ئۇ يەردە ئۇنىڭ يېنىدا دالادىكى ھەربىر ھايۋانلار ئوينايدۇ.
21 Nsɔensɔe nnua ase na ɔda, na dontori mu demmire akata no so.
ئۇ سەدەپگۈل دەرەخلىكىنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ، قومۇشلۇق ھەم سازلىقنىڭ سالقىنىدا ياتىدۇ.
22 Nsɔensɔe nwini no kata ne so; na nsunoa nnua twa ne ho hyia.
سەدەپگۈللۈكلەر ئۆز سايىسى بىلەن ئۇنى ياپىدۇ؛ ئۆستەڭدىكى تاللار ئۇنى ئوراپ تۇرىدۇ.
23 Nsu nworoso nhaw no; mpo sɛ Yordan bobɔ ba nʼano a, onni ɔhaw.
قارا، دەريا تېشىپ كېتىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ ھودۇقمايدۇ؛ ھەتتا ئىئورداندەك بىر دەريامۇ ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۆركەشلەپ ئۇرۇلسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىدۇ.
24 Obi betumi akyere no animono; anaa obi betumi de afiri ayi no na wabɔre ne hwene mu ana?
ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى تۇتقىلى بولامدۇ؟ ئۇنى تۇتۇپ، ئاندىن بۇرنىنى تېشىپ چۈلۈك ئۆتكۈزگىلى بولامدۇ؟

< Hiob 40 >