< Yesaia 50 >

1 Sɛɛ na Awurade se: “Ɛhe na awaregyae ho adansedi nhoma, nea migyinaa so gyaa no kwan no wɔ? Anaa sɛ mʼadefirifo mu hena na metɔn wo maa no? Wo bɔne nti na wɔtɔn wo; Wʼamumɔyɛ nti na wɔpam wo na.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن قويۇۋەتكەن ئاناڭلارنىڭ تالاق خېتى قېنى؟ ماڭا قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ قايسىسىغا سىلەرنى سېتىۋەتكەنمەن؟ مانا، سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئارقىلىق ئۆز-ئۆزۈڭلارنى سېتىۋەتكەنسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئاناڭلار قويۇۋېتىلگەنىدى.
2 Mebae no, adɛn nti na na obiara nni hɔ? Mefrɛe no, adɛn nti na obiara annye so? Na me nsa yɛ tia dodo sɛ ebegye wo ana? Minni ahoɔden a mede begye wo ana? Mede mʼanimka kɛkɛ no ma po yow, medan nsubɔnten nweatam mu mpataa porɔw esiane nsu a wonnya nti na osukɔm kum wɔn.
مەن سىلەردىنمۇ سورايمەن: مەن كەلگىنىمدە، نېمىشقا ھېچ ئادەم چىقمىدى؟ مەن چاقىرغىنىمدا، نېمىشقا ھېچكىم «مانا مەن» دەپ جاۋاب بەرمىدى؟ ھۆرلۈككە چىقىرىشقا قولۇم قىسقىلىق قىلامدۇ؟ قۇتقۇزغۇدەك كۈچۈم يوقمىدۇ؟ مانا، مەن بىر ئەيىبلەپلا دېڭىزنى قۇرۇتۇپ، دەريالارنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن؛ سۇ بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ بېلىقلىرى سېسىپ كېتىدۇ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلىدۇ؛
3 Mede sum fura ɔsoro na mema atweaatam yɛ ne nkataho.”
ئاسمانلارنى قارىلىق بىلەن كىيدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى [قارا] بۆزدىن قىلىمەن».
4 Asafo Awurade ama me nkyerɛkyerɛ tɛkrɛma sɛ ɛnka asɛm a ɛhyɛ ɔbrɛfo den. Onyan me anɔpa biara, na obue mʼaso ma mitie sɛ obi a ɔregye nkyerɛkyerɛ.
«رەب پەرۋەردىگار مېنىڭ جاپا چەككەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ياساشنى بىلىشىم ئۈچۈن ماڭا تەلىم-تەربىيە ئالغۇچىلارنىڭ تىلىنى تەقدىم قىلدى؛ ئۇ مېنى ھەر سەھەر ئويغىتىپ تۇرىدۇ، تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ قاتارىدا مېنىڭ قۇلىقىمنى ئويغىتىدۇ.
5 Otumfo Awurade abue mʼaso na menyɛɛ otuatewfo ɛ; na mensan mʼakyi ɛ.
رەب پەرۋەردىگار قۇلىقىمنى ئاچتى؛ مەن بولسام ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم، ياكى يولىدىن باش تارتمىدىم.
6 Mede mʼakyi maa wɔn a wɔboro me, ne mʼafono maa wɔn a wotutu mʼabogyesɛ. Mamfa mʼanim anhintaw wɔn fɛwdi ne ntasu ho.
دۈمبەمنى ساۋىغۇچىلارغا، مەڭزلىرىمنى تۈك يۇلغۇچىلارغا تۇتۇپ بەردىم؛ خورلۇق ھەم تۈكۈرۈشلەردىن يۈزۈمنى قاچۇرمىدىم؛
7 Esiane sɛ, Asafo Awurade boa me nti, wɔrengu mʼanim ase. Enti na mayɛ mʼanim sɛ ɔtwɛrebo, na minim sɛ mʼanim rengu ase.
بىراق رەب پەرۋەردىگار ياردىمىمدە بولىدۇ؛ شۇڭا مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن؛ شۇڭا مەن [نىيىتىمنى قەتئىي قىلىپ] يۈزۈمنى ئالماستەك چىڭ قىلدىم؛ خىجىللىققا قالدۇرۇلمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن.
8 Nea obu me bem no abɛn. Enti hena na ɔbɛbɔ me kwaadu? Ɔmma yenhyia mu! Hena na ɔbɔ me sobo? Ma ɔnka nsi mʼanim!
مېنى ئاقلىغۇچى يېنىمدىدۇر؛ كىم ماڭا ئەرز-شىكايەت قىلالىسۇن؟ بار بولسا بىرلىكتە دەۋالىشايلى؛ كىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەيىبلىمەكچى بولسا، ئالدىمغا كەلسۇن!
9 Asafo Awurade na ɔboa me. Hena ne nea obebu me fɔ? Wɔn nyinaa bɛtetew sɛ atade; nnwewemmoa bɛwe wɔn.
ماڭا ياردەمدە بولغۇچى پەرۋەردىگاردۇر؛ ئەمدى مېنى ئەرز قىلالايدىغان كىمكەن؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تال كىيىمدەك ئەسكىرەپ كېتىدۇ؛ پەرۋانىلەر ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ».
10 Mo mu hena na osuro Awurade, na odi ne somfo asɛm so? Ma nea ɔnam sum mu nea onni hann no, onnye Awurade din nni na ɔmfa ne ho nto ne Nyankopɔn so.
ــ «ئاراڭلاردا پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان، ئۇنىڭ قۇلىنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان كىم بار؟ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدىغان، يورۇقلۇقى بولمىغان كىشى بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئىشىنىپ خاتىرجەملەنسۇن، خۇداسىغا يۆلەنسۇن!
11 Na afei, mo a mososɔ ogya nyinaa na moyɛ ogyatɛn ma mo ho, monkɔ, nkɔnantew mo gya hann no, ne ogyatɛn a wɔasɔ ano no mu. Eyi ne nea mubenya afi me nsa mu; mobɛdeda fam wɔ ɔyaw mu.
مانا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوت ياقىدىغان، ئەتراپىڭلارنى مەشئەللەر بىلەن ئورايدىغان ھەممىڭلار! قېنى، ئۆز ئوتۇڭلارنىڭ نۇرىدا، ئۆزۈڭلار ياققان مەشئەللەر ئارىسىدا مېڭىڭلار؛ بىراق سىلەر شۇنى قولۇمدىن ئالىسىلەركى: ــ «ئازاب-ھەسرەت ئىچىدە ياتىسىلەر!».

< Yesaia 50 >