< 2 Mose 18 >

1 Ankyɛ biara na Mose ase, Midian sɔfo Yetro, tee anwonwade a Onyankopɔn ayɛ ama ne nkurɔfo Israelfo ne Mose, ne sɛnea wayi wɔn afi Misraim asase so no.
مۇسانىڭ قېينئاتىسى، يەنى مىدىياننىڭ كاھىنى يەترو خۇدانىڭ مۇسا ئۈچۈن ھەمدە ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن بارلىق قىلغانلىرى توغرۇلۇق ئاڭلىدى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.
2 Mose de ne yere Sipora kɔe no, nʼase Yetro gyee no
شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو مۇسانىڭ ئەسلىدە ئۆز يېنىغا ئەۋەتىۋەتكەن ئايالى زىپپوراھ ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يولغا چىقتى (بىرىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى گەرشوم دەپ قويۇلغانىدى؛ چۈنكى مۇسا: «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن» دېگەنىدى.
3 a na ne mmabarima baanu ka ne ho. Mose too ne babarima a na ɔyɛ nʼabakan no din Gersom a ɔkyerɛ ase se, “Mabɛyɛ ɔhɔho wɔ ananafo asase so.”
4 Na ne babarima a ɔto so abien no nso, ɔtoo ne din Elieser a ɔkyerɛ ase se “Mʼagyanom Nyankopɔn no yɛ me boafo. Ogyee me fii Farao afoa ano.”
يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئەلىئېزەر دەپ قويۇلغانىدى؛ چۈنكى مۇسا: «ئاتامنىڭ خۇداسى ماڭا ياردەمدە بولۇپ، مېنى پىرەۋننىڭ قىلىچىدىن قۇتقۇزدى»، دېگەنىدى).
5 Yetro kɔsraa Mose. Ɔde Mose yere ne ne mmabarima baanu no kaa ne ho. Wodui no, na Mose ne nnipa no abɔ atenae wɔ Onyankopɔn bepɔw no ho.
شۇنداق قىلىپ مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو مۇسانىڭ ئوغۇللىرى بىلەن ئايالىنى ئېلىپ، مۇسانىڭ چۆلدە، خۇدانىڭ تېغىنىڭ يېنىدا چېدىر تىكگەن يېرىگە يېتىپ كەلدى.
6 Wɔka kyerɛɛ Mose se, “Wʼase Yetro reba abɛsra wo. Wo yere ne wo mmabarima baanu no ka ne ho.”
ئۇ ئەسلىدە مۇساغا: ــ «مانا، مەنكى قېينئاتاڭ يەترو سېنىڭ ئايالىڭنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن» دەپ خەۋەر ئەۋەتكەنىدى.
7 Mose sɔre kohyiaa nʼase. Ɔkotow no nidi mu gyee no fɛw so. Wokyiakyiaa wɔn ho wɔn ho na wɔkɔɔ Mose ntamadan mu.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆز قېينئاتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تەزىم قىلىپ، ئۇنى سۆيدى. ئۇلار بىر-بىرىدىن ھال-ئەھۋال سورىشىپ چېدىرغا كىردى؛
8 Mose kaa nsɛm a asisi nyinaa kyerɛɛ nʼase no. Ɔkaa nea Awurade ayɛ atia Farao ne Misraimfo a ɔnam so agye Israelfo, ayi wɔn afi Misraim, asan ayi wɔn afi ɔhaw ne abɛbrɛsɛ mu no nso kyerɛɛ no.
ئاندىن مۇسا قىيناتىسىغا ئىسرائىلنىڭ ۋەجىدىن پەرۋەردىگارنىڭ پىرەۋن ۋە مىسىرلىقلارغا قىلغان ھەممە ئەمەللىرىنى سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ يول بويى بېشىغا چۈشكەن جەبىر-جاپالارنى بايان قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قانداق قىلىپ ئۇلارنى قۇتقۇزغىنىنى ئېيتىپ بەردى.
9 Yetro tee nea Awurade ayɛ ama Israel, ne titiriw no, sɛnea oyii wɔn fii Misraim no, nʼani gyee yiye.
بۇنى ئاڭلاپ يەترو پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا كۆرسەتكەن بارلىق ياخشىلىقىدىن، ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقىدىن شادلاندى.
10 Yetro kae se, “Nhyira nka Awurade sɛ wagye mo afi Misraimfo ne Farao nsam, na wagye ɔman Israel nso.
يەترو شادلىنىپ: ــ سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ۋە پىرەۋننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۇرلەر بولغاي! ئۇ بۇ قوۋمنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى!
11 Afei, mahu sɛ Awurade yɛ ɔkɛse sen onyame foforo biara, efisɛ wayɛ eyi ama wɔn a wɔde ahantan di wɔn so no.”
مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلدىم؛ چۈنكى ئۇ دەل ئۇلار يوغانچىلىق قىلغان ئىشتا ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى ــ دېدى.
12 Yetro de ɔhyew afɔrebɔde bae, na ɔbɔɔ afɔre maa Onyankopɔn. Akyiri no, Aaron ne Israel mpanyimfo no baa Yetro nkyɛn. Wɔn nyinaa too nsa dii afɔreguan no wɔ Awurade anim.
ئاندىن مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو خۇداغا ئاتاپ بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە بىرنەچچە [تەشەككۇر] قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ كەلدى؛ ھارۇن بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىر ئاقساقىلى مۇسانىڭ قېينئاتىسى بىلەن بىللە خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تائام يېيىشكە كەلدى.
13 Ade kyee no, Mose tenaa ase fii anɔpa kosii anwummere tiee ntawntaw a asisi wɔ nnipa no mu.
ئەتىسى مۇسا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇردى؛ خەلق ئەتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە مۇسانىڭ چۆرىسىدە تۇرۇشتى.
14 Mose ase no huu brɛ a ɔrebrɛ nnipa no ho no, obisaa no se, “Adɛn nti na wopɛ sɛ wo nko ara wudi dwuma kɛse yi a enti nnipa gyina wo so saa ara fi anɔpa kosi anwummere yi?”
مۇسانىڭ قېينئاتىسى ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ خەلققە قىلىۋاتقان بۇ ئىشىڭ زادى نېمە ئىش؟ نېمىشقا سەن [بۇ ئىشتا] يالغۇز ئولتۇرىسەن، بارلىق خەلق نېمە ئۈچۈن ئەتىگەندىن كەچكىچە سېنىڭ چۆرەڭدە تۇرىدۇ؟ ــ دېدى.
15 Mose buae se, “Nnipa no de akasakasa bi a asisi wɔn ntam bɛtoo mʼanim sɛ mimmisa Onyankopɔn hɔ akwankyerɛ.
مۇسا قېينئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: ــ خەلق خۇدادىن يول ئىزدەشكە مېنىڭ قېشىمغا كېلىدۇ.
16 Sɛ ntawntaw bi ba wɔn ntam a, wɔba ma misiesie. Mekyerɛ wɔn Onyankopɔn mmara ne nʼapɛde.”
قاچانكى ئۇلارنىڭ بىر ئىش-دەۋاسى چىقسا ئۇلار يېنىمغا كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن ۋە شۇنداقلا خۇدانىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلارغا بىلدۈرىمەن، ــ دېدى.
17 Nʼase no kae se, “Nea woreyɛ no nye.
مۇسانىڭ قېينئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ قىلغىنىڭ ياخشى بولماپتۇ.
18 Worekum wo ho na sɛ wuwu a, nnipa yi bɛyɛ dɛn? Mose, adwuma yi so dodo sɛ wo nko ara wobɛyɛ.
سەن جەزمەن ئۆزۈڭنى ھەمدە چۆرەڭدە تۇرغان خەلقنىمۇ چارچىتىپ قويىسەن؛ چۈنكى بۇ ئىش ساڭا بەك ئېغىر كېلىدۇ. سەن ئۇنى يالغۇز قىلىپ يېتىشەلمەيسەن.
19 Tie fo a merebetu wo yi na Onyankopɔn behyira wo. Kɔ so ara si nnipa no anan wɔ Onyankopɔn anim na fa wɔn haw to nʼanim.
ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن، مەن ساڭا بىر مەسلىھەت بېرەي ۋە [شۇنداق قىلساڭ،] خۇدا سېنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ: ــ سەن ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ئالدىدا خەلقنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى خۇداغا مەلۇم قىلغىن؛
20 Kyerɛ wɔn Onyankopɔn akwan a wɔmfa so ntena ase.
سەن خەلققە قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىتىپ، ماڭىدىغان يولنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قانداق بۇرچى بارلىقىنى ئۇقتۇرغىن.
21 Na hwehwɛ nnipa bi a wɔyɛ nyamesurofo na wɔyɛ nokwafo a wɔmpɛ adanmudegye, na wɔn mu baako biara nyɛ nnipa apem so otemmufo. Ɛsɛ sɛ saa onipa no nya atemmufo du hyɛ nʼase na wɔn mu baako biara ahwɛ nnipa ɔha so. Na wɔn ase no, wobeyi atemmufo baanu a wɔbɛhwɛ nnipa aduonum so, na wɔn nso, atemmufo baanum bɛhyɛ wɔn mu biara ase na wɔatu nnipa du fo.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەن پۈتكۈل خەلقنىڭ ئارىسىدىن خۇدادىن قورقىدىغان، نەپسانىيەتچىلىكنى يامان كۆرىدىغان ھەم قابىلىيەتلىك ھەم دىيانەتلىك ئادەملەرنى تېپىپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئۈستىگە باش قىلىپ، بەزىسىنى مىڭبېشى، بەزىسىنى يۈزبېشى، بەزىسىنى ئەللىكبېشى، بەزىسىنى ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن.
22 Ma saa nnipa yi nni wɔn ho ni na wonni nokware daa. Asɛm biara a ɛho hia anaa ɛkyere adwene no, wɔmfa mmra wʼanim. Wɔn ankasa nhwɛ nka nsɛm nketenkete a ɛbɛba wɔn anim no. Sɛ wofa saa kwan yi so a, adwuma no bɛyɛ mmerɛw ama wo, efisɛ woakyekyɛ nnwuma no ama wɔn.
شۇنىڭ بىلەن بۇلار ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرىنى سورايدۇ. ئەگەر چوڭ بىر ئىش-دەۋا چىقىپ قالسا، بۇنى ساڭا تاپشۇرسۇن؛ لېكىن ھەممە كىچىك ئىش-دەۋالارنى ئۇلار ئۆزلىرى بېجىرىسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سېنىڭ ۋەزىپەڭنى يېنىكلىتىپ، يۈكۈڭنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىدۇ.
23 Sɛ wutie afotu no na Onyankopɔn nso pene so a, wubetumi agyina asɛm biara ano na asomdwoe aba.”
ئەگەر شۇنداق قىلساڭ ۋە خۇدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇسا، ئۆزۈڭ [ۋەزىپەڭدە] پۇت تىرەپ تۇرالايسەن ۋە خەلقىڭمۇ خاتىرجەملىك بىلەن ئۆز جايىغا قايتىپ كېتىدۇ، دېدى.
24 Mose tiee nʼase afotu no dii so pɛpɛɛpɛ.
مۇسا قېينئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ دېگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلدى.
25 Oyiyii nnipa pa a wɔwɔ Israelman mu nyinaa de wɔn yɛɛ atemmufo—apem apem, ɔha ɔha, aduonum aduonum ne du du.
مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىل ئارىسىدىن قابىلىيەتلىك ئادەملەرنى تاللاپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئۈستىگە باش قىلىپ، بەزىسىنى مىڭبېشى، بەزىسىنى يۈزبېشى، بەزىسىنى ئەللىكبېشى، بەزىسىنى ئونبېشى قىلىپ قويدى.
26 Na wobuu ɔman no atɛn bere nyinaa mu. Wɔde nsɛm akɛse no maa Mose na wɔn nso dii nsɛm nketenkete no.
بۇلار ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرىنى سوراپ تۇردى؛ تەسرەك ئىش-دەۋالارنى بولسا، مۇساغا يوللايتتى، كىچىك ئىش-دەۋالارنى بولسا ئۆزلىرى سورايتتى.
27 Akyiri no, Mose gyaa nʼase kwan ma ɔkɔɔ ne kurom.
ئاندىن مۇسا قېينئاتىسىنى يولغا سېلىپ قويدى، ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.

< 2 Mose 18 >