< 5 Mose 13 >

1 Sɛ odiyifo anaa obi a ɔnam adaeso so ka ahintasɛm sɔre wɔ mo mu na ɔka nsɛnkyerɛnne a ɛyɛ hu ne anwonwasɛm kyerɛ mo,
ئەگەر ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى چىقىپ، سىلەرگە مەلۇم بىر مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەتنى كۆرسىتىپ بېرەي دېسە
2 na sɛ nsɛnkyerɛnne anaa anwonwasɛm no ba mu na ɔka se, “Momma yenni anyame afoforo akyi (anyame a munnim wɔn) na yɛnsom wɔn” a,
ۋە ئۇ سىلەرگە ئالدىنئالا دېگەن مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، ئەمما شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك «باشقا ئىلاھلارغا (يەنى سىلەر تونۇمىغان ئىلاھلارغا) ئەگىشەيلى» ۋە «ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دېسە،
3 ɛnsɛ sɛ mutie saa odiyifo anaa ɔdaesofo no nsɛm. Awurade, mo Nyankopɔn, resɔ mo ahwɛ sɛ mufi mo koma ne mo kra mu nyinaa dɔ no ana.
شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنىڭ ئۇنى، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغىنىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىناۋاتقان بولىدۇ.
4 Awurade, mo Nyankopɔn no, na ɛsɛ sɛ mudi nʼakyi na ɔno na ɛsɛ sɛ mode obu ne nidi ma no. Munni ne mmara so na monyɛ osetie mma no; monsom no na mommata ne ho den.
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭلار كېرەك؛ سىلەر ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭلار؛ سىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىڭلار.
5 Ɛsɛ sɛ wokum saa odiyifo anaa ɔdaesofo no, efisɛ ɔkasa tia Awurade, mo Nyankopɔn no, a oyii mo fii Misraim nkoasom asase no so no; wayere ne ho sɛ ɔpɛ sɛ ɔtwe mo fi ɔkwan a Awurade, mo Nyankopɔn no, ahyɛ sɛ momfa so no so. Ɛsɛ sɛ mututu abɔnefo nyinaa fi mo mu.
شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى بولسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاسىيلىق قىلىشنى قۇتراتتى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سېنى مېڭىشقا ئەمر قىلغان يولدىن ئېزىقتۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ سىلەر مۇشۇنداق رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن يوقىتىشىڭلار كېرەك.
6 Sɛ wo nuabarima, wo babarima, wo babea, wo yere a wodɔ no anaa wʼadamfo pa bi fa sum ase twetwe wo, ka kyerɛ wo se, “Momma yɛnkɔsom anyame afoforo, anyame a wo anaa wʼagyanom nhuu bi da,”
قېرىندىشىڭ، مەيلى ئاناڭنىڭ ئوغلى ياكى ئۆز ئوغلۇڭ ياكى قىزىڭ، جان-جىگىرىڭ بولغان ئايالىڭ ياكى جان دوستۇڭ ئاستىرتىن سېنى ئازدۇرماقچى بولۇپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى» دېسە، يەنى ئۆزۈڭ ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭ ھېچ تونۇمايدىغان، ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، يېقىن بولسۇن، يىراق بولسۇن، ھەتتا يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدا ياكى ئۇ چېتىدا بولسۇن، شۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى دېسە،
7 anyame a ɛyɛ nnipa a atwa wo ho ahyia no de, sɛ wɔbɛn anaa wɔwɔ akyiri, fi asase ano kosi ano no a,
8 mommfa wo ho mma no anaasɛ ntie no. Nhu no mmɔbɔ. Mfa ne ho nkyɛ no na mmɔ ne ho ban nso.
ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭغا قوشۇلما ياكى ئۇنىڭغا قۇلاق سالما؛ سەن ئۇنى ھېچ ئايىما، ئۇنىڭغا رەھىم قىلما ۋە ئۇنىڭ گۇناھىنى ھېچ يوشۇرما؛
9 Kum na ɛsɛ sɛ mukum no. Mo nsa na momma enni kan wɔ ne kum no mu ansa na nnipa nyinaa de wɔn nsa abɛka ho.
قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرگىن؛ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تۇنجى قول سالغۇچى سەن بول، ئاندىن بارلىق خەلقنىڭ قوللىرى ئەگىشىپ شۇنداق قىلسۇن.
10 Munsiw no abo nkum no, efisɛ ɔpɛɛ sɛ ɔtwe mo fi Awurade, mo Nyankopɔn no, a oyii mo fii Misraim nkoasom asase so no ho.
ئۇ سېنى مىسىر زېمىنىدىن، «قۇللۇق ماكانى»دىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى تاشلاشقا ئېزىقتۇرماقچى بولدى، شۇڭا سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈشۈڭ، چالما-كېسەك قىلىشىڭ كېرەك؛
11 Afei, Israel nyinaa bɛte na wɔasuro na obiara nni hɔ a obefi mo mu a, ɔbɛyɛ saa ade no bio.
شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل ئاڭلايدۇ، قورقىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇنداق رەزىل ئىشنى ئاراڭلاردا قىلمايدۇ.
12 Sɛ ɛba sɛ mote wɔ nkurow a Awurade, mo Nyankopɔn, de rema mo no baako so sɛ
ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ساڭا تەقدىم قىلغان مەلۇم بىر شەھەردە: «ئارىمىزدىن بەزى رەزىل ئادەملەر چىقىپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دەپ سىلەر ھېچ تونۇمايدىغان ئىلاھلارغا ئەگىشىشكە ئۆز شەھىرىدىكىلەرنى ئېزىقتۇردى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىساڭ،
13 nnipa bɔnefo bi asɔre wɔ wɔn mu adi nnipa a wɔwɔ kurow no mu anim de wɔn akosi bɔne mu aka se, “Momma yɛnkɔsom anyame afoforo,” anyame a munhuu bi da a,
14 ɛsɛ sɛ mubisa mu, hwehwɛ mu yiye. Na sɛ ɛyɛ nokware na sɛ nhwehwɛmu ada no adi sɛ nneyɛe bɔne bi akɔ so wɔ mo mu a,
شۇ ھامان تەكشۈرۈپ سۈرۈشتە قىل؛ راست بولسا، دەرۋەقە بۇ يىرگىنچلىك ئىش ئاراڭلاردا يۈز بەرگەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسا،
15 ɛsɛ sɛ wɔde afoa kunkum wɔn a wɔwɔ kurow no mu nyinaa. Monsɛe kurow no pasapasa, emu nnipa ne nyɛmmoa.
ئۇنداقدا سەن شۇ شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، بۇ شەھەرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى، جۈملىدىن مال-ۋارانلىرىنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋەت.
16 Afei, mommoaboa asade no nyinaa ano wɔ kurow no aguabɔbea na monhyew no. Monhyew kurow mu no ne emu nneɛma nyinaa mma ɛnyɛ sɛ ɔhyew afɔre mma Awurade, mo Nyankopɔn no. Saa kurow no nyɛ amamfo daa; ɛnsɛ sɛ wɔsan kyekyere bio.
ئۇنىڭدىكى بارلىق ئولجىنى ئوتتۇرىدىكى چوڭ مەيدانغا يىغىپ، شۇ شەھەرنى بارلىق ئولجىسى بىلەن قوشۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋەت؛ ئۇ مەڭگۈگە خارابىلىك بولىدۇ ــ قايتىدىن قۇرۇلماسلىقى كېرەك.
17 Asade a wɔde agu nkyɛn sɛ wɔbɛsɛe no no, mommfa bi. Saayɛ na ɛbɛma Awurade adan afi nʼabufuwhyew no ho na wahu mo mmɔbɔ. Ne yam bɛhyehye no ama mo na wama mo adɔ sɛnea ɔkaa ntam hyɛɛ mo agyanom bɔ no,
تەلتۆكۈس ھالاكەتكە بېكىتىلگەن ھېچبىر نەرسە قولۇڭغا چاپلاشمىسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار غەزىپىدىن يېنىپ ساڭا رەھىم كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغاندەك سېنى كۆپەيتىدۇ.
18 efisɛ moyɛ osetie ma Awurade, mo Nyankopɔn no, na mudi ne mmara a mede rema mo nnɛ yi so na moyɛ nea ɛsɔ nʼani.
سەن مەن بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىش ئۈچۈن ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭ، ھالىڭ شۇنداق ياخشى بولىدۇ.

< 5 Mose 13 >