< Daniel 10 >

1 Persiahene Kores adedi afe a ɛto so abiɛsa mu no, woyii asɛm bi adi kyerɛɛ Daniel (a na wɔfrɛ no Beltesasar). Na nkra no yɛ nokware, na ɛfa ɔko kɛse bi ho. Onyaa nkra no nkyerɛase wɔ anisoadehu mu.
قورەش پارسقا سەلتەنەت قىلغان ئۈچىنچى يىلى، دانىيال (يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولغان)غا بىر خەۋەر ۋەھىي قىلىندى. ئۇ خەۋەر ئىشەنچلىكتۇر ــ لېكىن ناھايىتى قاتتىق جەڭ جۇدۇنلىرى توغرىسىدىدۇر. دانىيال بۇ خەۋەرنى چۈشەندى ۋە غايىبانە ئالامەت توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.
2 Saa bere no, me, Daniel, midii awerɛhow nnaawɔtwe abiɛsa.
ئۇ چاغدا مەنكى دانىيال تولۇق ئۈچ ھەپتە ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتۇم.
3 Manni aduan pa biara. Nam anaa nsa biara anka mʼano, na mamfa sradehuam ansra kosii nnaawɔtwe abiɛsa no awiei.
ئۈچ ھەپتىگىچە ھېچقانداق نازۇ-نېمەت يېمىدىم، گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە تېنىمگە پۇراقلىق ماي سۈرمىدىم.
4 Ɔsram a edi kan no, da a ɛto so aduonu anan, bere a migyina asubɔnten kɛse Tigris konkɔn so no,
بىرىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، مەن ئۇلۇغ دەريا، يەنى دىجلە دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپ،
5 memaa mʼani so na mihuu ɔbarima bi a ofura nweratam. Na ɔbɔ sikakɔkɔɔ ankasa abɔso a efi Ufas wɔ nʼasen mu.
بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاناپ كىيىپ، بېلىگە ئۇفازدىكى ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم.
6 Ne nipadua no te sɛ aboɔdemmo. Nʼanim te sɛ anyinam, nʼani te sɛ ogyatɛn a ɛredɛw, ne nsa ne nʼanan te sɛ ayowa a wɔabere ho hyerɛnn, na ne nne nso te sɛ nnipakuw nnyigyei.
ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىرلاپ، كۆزلىرى يېنىپ تۇرغان ئوتتەك چاقنايتتى؛ ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى پارقىراپ تۇرىدىغان مىستەك ۋالىلدايتتى؛ ئاۋازى زور بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك جاراڭلايتتى.
7 Me, Daniel nko ara na minyaa saa anisoadehu no; nnipa a na wɔka me ho no anhu hwee. Ehu kɛse bi bɔɔ wɔn ma wuguan kohintawee.
غايىبانە كۆرۈنۈشنى يالغۇز مەنكى دانىياللا كۆردۈم، يېنىمدىكىلەر ئالامەتنى كۆرمىگەنىدى. ئەمما زور بىر ۋەھىمە ئۇلارنى بېسىپ، ئىنتايىن تىترەپ كېتىشتى، مۆكۈنۈۋالغۇدەك يەرنى ئىزدەپ قېچىپ كەتتى.
8 Enti ɛkaa me nko ara a merehwɛ anisoadehu kɛse yi. Na mʼahoɔden asa, mʼanim hoaee; afei na minni ɔboafo biara.
ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز قېلىپ بۇ كارامەت غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. قىلچە ماغدۇرۇم قالمىدى، چىرايىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ئۆلۈك ئادەمدەك بولۇپ قالدىم، پۇت-قوللىرىمدا بىرئازمۇ ماغدۇر قالمىدى.
9 Na metee sɛ ɔrekasa; na meretie no no, mefaa mu daa nnahɔɔ a mʼanim butuw fam.
لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم، ھوشۇمدىن كەتتىم.
10 Nsa bi soo me mu, maa me a me nsa ne me kotodwe rewosow biribiribiri no so.
مانا، تۇيۇقسىز بىر قول ماڭا تەگدى، مېنى شۇئان يۆلەپ يەرگە تۆت پۇتلۇق قىلىپ تۇرغۇزدى.
11 Ɔkae se, “Daniel, wo a wobu wo yiye, dwene nsɛm a merebɛka akyerɛ wo yi ho. Gyina pintinn, na wɔasoma me wɔ wo nkyɛn.” Ɔkaa saa asɛm yi kyerɛɛ me no, mede ahopopo sɔree.
شۇ زات ماڭا: ــ ئەي دانىيال، ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم! سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ چۈشەنگىن، ئۆرە تۇرغىن! چۈنكى مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىشى بىلەن، مەن تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم.
12 Afei ɔkɔɔ so kae se, “Nsuro, Daniel. Efi da a edi kan a wopɛɛ sɛ wote anisoadehu no ase na wobrɛɛ wo ho ase wɔ wo Nyankopɔn anim no, na ɔtee wo nsɛm, na ɛno nti na maba yi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي دانىيال، قورقما؛ چۈنكى سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا چۈشىنىشكە ئېرىشىشكە، ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇشقا كۆڭۈل قويغان بىرىنچى كۈندىن بۇيان سېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىڭ ئىجابەت قىلىندى؛ ئېيتقانلىرىڭ ئۈچۈن مەن يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم.
13 Nanso ɔhene babarima a ofi Persia ahenni mu siw me kwan nnafua aduonu baako. Afei, Mikael a ɔyɛ ahenemma atitiriw no mu baako bɛboaa me, efisɛ na wɔde me asie wɔ Persia hene nkyɛn.
لېكىن، «پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى» ماڭا قارشى چىقىپ يولۇمنى يىگىرمە بىر كۈن توسۇۋالدى. مەن پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا، باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى.
14 Mprempren, maba sɛ merebɛkyerɛkyerɛ wo nea ɛbɛba wo nkurɔfo so daakye, efisɛ saa anisoadehu yi fa bere bi a ɛrebɛba ho.”
مەن ساڭا ئاخىرقى زامانلاردا خەلقىڭنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى كەلدىم. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى توغرىسىدىدۇر».
15 Bere a ɔreka eyi akyerɛ me no, mebɔɔ me mu ase, na metɔɔ mum.
ئۇ ماڭا بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، پەقەتلا يەرگە قارغىنىمچە زۇۋان سۈرەلمەي تۇرۇپ قالدىم.
16 Afei obi a ɔte sɛ onipa de ne saa kaa mʼano, na mibuee mʼano, fii ase kasae. Meka kyerɛɛ nea ogyina mʼanim no se, “Anisoadehu no ama me ho adwiriw me, me wura, na minni ɔboafo biara.
مانا، گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى قولىنى ئۇزىتىپ لەۋلىرىمنى سىلاپ قويۋىدى، مەن ئاغزىمنى ئېچىپ ئالدىمدا تۇرغۇچىغا: ــ تەقسىر، بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشتىن ئىچ-ئىچىمدىن ئازابلىنىمەن، ماغدۇرۇمدىن كەتتىم.
17 Ɛbɛyɛ dɛn na wʼakoa betumi ne wo akasa, me wura? Mʼahoɔden asa, na mintumi nhome.”
تەقسىرىمنىڭ كەمىنە قۇللىرى قانداقمۇ سىلى تەقسىرىم بىلەن سۆزلىشىشكە پېتىنالايتتىم؟ چۈنكى ھازىرلا ماغدۇرۇم تۈگەپ، نەپەسىم ئۈزۈلىدۇ، ــ دېدىم.
18 Nea ɔte sɛ onipa no de ne nsa kaa me bio, na ɔmaa me ahoɔden.
ئاندىن گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى مېنى يەنە بىر قېتىم سىلاپ، ماغدۇر كىرگۈزدى
19 Ɔka kyerɛɛ me se, “Nsuro, wo a wobu wo bebree. Asomdwoe nka wo. Hyɛ wo ho den. Yɛ den.” Ɔkasa kyerɛɛ me no, minyaa ahoɔden na mekae se, “Sɛ woama me ahoɔden yi, kasa, me wura.”
ۋە: ــ ئى ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم، قورقما! ساڭا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي. غەيرەتلىك بول، ئەمدى غەيرەتلىك بول! ــ دېدى. ئۇ شۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن: ــ تەقسىر يەنە سۆز قىلغايلا، چۈنكى سىلى ماڭا ماغدۇر كىرگۈزدىلا، ــ دېدىم.
20 Enti obisae se, “Wunim nea enti a maba wo nkyɛn? Ɛrenkyɛ, mɛsan akɔ na me ne Persia ɔhenebabarima akɔko, na sɛ mekɔ a, Hela ɔhenebabarima bɛba;
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ قېشىڭغا نېمىگە كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مەن ئەمدى قايتىپ بېرىپ، «پارستىكى ئەمىر» بىلەن جەڭ قىلىمەن؛ مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، «گرېتسىيەدىكى ئەمىر» مەيدانغا چىقىدۇ.
21 nanso, medi kan aka nea wɔakyerɛw wɔ Nokware Nhoma no mu no akyerɛ wo. (Obiara nni mʼafa a ɔko tia wɔn, gye sɛ Mikael a ɔyɛ wo hene babarima no.
لېكىن مەن بېرىشتىن ئاۋۋال ھەقىقەتنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ۋەھىيلەرنى مەن ساڭا بايان قىلىمەن. بۇ ئىشلاردا سىلەرنىڭ ئەمىرىڭلار مىكائىلدىن باشقا، ماڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق.

< Daniel 10 >