< 2 Samuel 16 >

1 Dawid sian bepɔw no pɛ na ɔne Mefiboset somfo Siba hyiae. Na ɔwɔ mfurum abien a wɔahyehyɛ brodo mua ahannu, bobe aba a wɔabɔ no atɔwatɔw ɔha ne nsa nhoma kotoku ma wɔ wɔn so.
داۋۇت تاغنىڭ چوققىسىدىن ئەمدىلا ئۆتۈشىگە مەفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارى زىبا ئىككى يۈز نان، بىر يۈز كىشمىش پوشكىلى، يۈز يازلىق مېۋە پوشكىلى ۋە بىر تۇلۇم شارابنى ئىككى ئېشەككە ئارتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.
2 Ɔhene no bisaa Siba se, “Na eyinom nso ɛ?” Na Siba buae se, “Mfurum no, mo nkurɔfo ntena wɔn so, na brodo no ne aduaba no, wɔmfa mma mmerante no na wonni. Na nsa no nso, momfa nkɔ sare so hɔ, na wɔn a ɔbrɛ nti wɔbɛtɔ beraw no anom.”
پادىشاھ زىباغا: بۇلارنى نېمە ئۈچۈن ئەكەلدىڭ؟ دېدى. زىبا: ئېشەكلەرنى پادىشاھنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مېنىشى ئۈچۈن، نانلار بىلەن يازلىق مىۋىلەرنى غۇلاملارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن، شارابنى چۆلدە ھېرىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىشى ئۈچۈن ئەكەلدىم ــ دېدى.
3 Na ɔhene no bisaa no se, “Na Mefiboset wɔ he?” Siba buae se, “Ɔkaa Yerusalem. Ɔkae se, ‘Nnɛ, mɛsan agye me nena Saulo ahemman no.’”
پادىشاھ: غوجاڭنىڭ ئوغلى نەدە؟ ــ دەپ سورىدى. زىبا پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ئۇ يەنىلا يېرۇسالېمدا قالدى، چۈنكى ئۇ: بۈگۈن ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىنى ماڭا ياندۇرۇپ بېرىدۇ، دەپ ئولتۇرىدۇ ــ دېدى.
4 Ɔhene no ka kyerɛɛ Siba se, “Sɛ saa na ɛte de a, mede biribiara a ɛyɛ Mefiboset dea no rema wo.” Siba buae se, “Meda wo ase awura. Bere biara, biribiara a wobɛka akyerɛ me sɛ menyɛ no, mɛyɛ.”
پادىشاھ زىباغا: مانا مەفىبوشەتنىڭ ھەممىسى ساڭا تەۋە بولسۇن، دېۋىدى، زىبا: مەن سىلىگە تەزىم قىلىمەن؛ سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپسام، ئى غوجام پادىشاھ، ــ دېدى.
5 Bere a ɔhene Dawid ne ne nkurɔfo retwa mu wɔ Bahurim no, ɔbarima bi pue fii akuraa no ase bɛdomee wɔn. Na saa ɔbarima no din de Simei, Gera a ɔyɛ Saulo busuani babarima.
داۋۇت پادىشاھ باھۇرىمغا كەلگەندە، مانا سائۇلنىڭ جەمەتىدىن بولغان، گېرانىڭ ئوغلى شىمەي ئىسىملىك بىر ئادەم شۇ يەردىن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى؛ ئۇ بۇ ياققا كەلگەچ كىمدۇ بىرىنى قارغاۋاتاتتى.
6 Ɔpaa Dawid ne ne mpanyimfo ne asraafo a wɔatwa wɔn ho ahyia no nyinaa abo.
ئۇ داۋۇتنىڭ ئۆزىگە ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرىغا قاراپ تاشلارنى ئاتتى؛ ھەممە خەلق بىلەن بارلىق پالۋانلار پادىشاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى.
7 Ɔteɛɛ mu guu Dawid so se, “Fi ha kɔ! Mogyapɛfo a ɔte sɛ wo! Ohuhuni!
شىمەي قارغاپ: يوقال، يوقال، ھەي سەن قانخور، ئىپلاس!
8 Awurade atua wo ka sɛ wuhwiee Saulo ne ne fifo mogya gui. Wuwiaa nʼahengua, na afei Awurade de ahemman no ahyɛ wo babarima Absalom nsa. Wobɛnom wʼankasa wʼaduru, mogyapɛfo.”
سەن سائۇلنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدۇڭ، لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ قېنىنى سېنىڭ بېشىڭغا قايتۇردى؛ ئەمدى پەرۋەردىگار پادىشاھلىقنى ئوغلۇڭ ئابشالومنىڭ قولىغا بەردى؛ مانا، ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭگە چۈشتى، چۈنكى سەن بىر قانخورسەن! ــ دېدى.
9 Na Seruia babarima Abisai bisaa ɔhene no se, “Adɛn nti na ɛsɛ sɛ ɔkraman funu yi tumi dome me wura ɔhene? Ma menkɔ na minkotwa ne ti.”
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھقا: نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىت غوجام پادىشاھنى قارغىسۇن؟ ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇنىڭ بېشىنى كەسكىلى ماڭا ئىجازەت بەرگەيسەن! ــ دېدى.
10 Nanso ɔhene no kae se, “Dɛn na me ne mo Seruia mmabarima bɛyɛ? Sɛ Awurade aka akyerɛ no se, ɔnnome me a, me ne hena a metumi aka akyerɛ no se onnyae?”
لېكىن پادىشاھ: ئى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭلار؟ ئۇ قارغىسا قارغىسۇن! ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا، داۋۇتنى قارغىغىن، دەپ ئېيتقان بولسا، ئۇنداقتا كىم ئۇنىڭغا: نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ ــ دېيەلىسۇن؟
11 Na Dawid ka kyerɛɛ Abisai ne ne mpanyimfo se, “Me babarima a ɔyɛ mʼankasa mogya pɛ sɛ okum me. Na dɛn na esiw Saulo busuani ho kwan sɛ ɔnyɛ saa ara. Munnyaa no, momma ɔnnome, efisɛ Awurade na waka akyerɛ no se ɔnyɛ saa.
داۋۇت ئابىشايغا ۋە بارلىق خىزمەتكارلىرىغا: مانا ئۆز پۇشتۇمدىن بولغان ئوغلۇم مېنىڭ جېنىمنى ئىزدىگەن يەردە، بۇ بىنيامىن كىشى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق قىلمامدۇ؟ ئۇنى قارغىغىلى قويغىن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق بۇيرۇپتۇ.
12 Ebia Awurade behu sɛ wɔreyɛ me bɔne, na ɔde papa atua me nnome a me nsa aka no nnɛ yi no so ka.”
پەرۋەردىگار بەلكىم مېنىڭ دەردلىرىمنى نەزىرىگە ئېلىپ، بۇ ئادەمنىڭ بۈگۈن مېنى قارغىغانلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا ياخشىلىق ياندۇرار، دېدى.
13 Enti Dawid ne ne mmarima toaa so kɔɔ wɔn kwan a saa bere no, na Simei nso nam bepɔw bi a ɛbɛn wɔn so. Ɔrekɔ no nyinaa, na ɔredome, totow abo bɔ Dawid, tu mfutuma gu wim.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن يولدا مېڭىۋەردى. شىمەي بولسا داۋۇتنىڭ ئۇدۇلدىكى تاغ باغرىدا ماڭغاچ قارغايتتى ھەم تاش ئېتىپ توپا-چاڭ چاچاتتى.
14 Ɔhene ne ne nkurɔfo nyinaa brɛɛ wɔ ɔkwan so nti, woduu Asubɔnten Yordan ho no, wogyee wɔn ahome.
پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان خەلقنىڭ ھەممىسى ھېرىپ، مەنزىلگە بارغاندا ئۇ يەردە ئارام ئالدى.
15 Absalom ne Israel mmarima nyinaa baa Yerusalem a Ahitofel ka wɔn ho.
ئەمدى ئابشالوم بارلىق ئىسرائىللار بىلەن يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئاھىتوفەل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى.
16 Na Husai a ofi Arki a ɔyɛ Dawid adamfo no, kɔɔ Absalom nkyɛn kɔka kyerɛɛ no se, “Ɔhene nkwa so! Ɔhene nkwa so!”
داۋۇتنىڭ دوستى ئاركىلىق ھۇشاي ئابشالومنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ ئابشالومغا: پادىشاھ ياشىسۇن! پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دېدى.
17 Na Absalom bisaa Husai se, “Eyi ne ɔkwan a wode wʼadamfo Dawid fa so? Adɛn nti na wo ne wʼadamfo ankɔ?”
ئابشالوم ھۇشايغا: بۇ سېنىڭ دوستۇڭغا كۆرسىتىدىغان ھىممىتىڭمۇ؟ نېمىشقا دوستۇڭ بىلەن بارمىدىڭ؟ ــ دېدى.
18 Husai ka kyerɛɛ Absalom se, “Mewɔ ha efisɛ meyɛ adwuma ma ɔbarima a Awurade ne Israel ayi no.
ھۇشاي ئابشالومغا: ياق، ئۇنداق ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار ۋە بۇ خەلق ھەمدە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى كىمنى تاللىسا، مەن ئۇنىڭغا تەۋە بولاي ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىمەن.
19 Nea ɛka ho bio ne sɛ, hena na ɛsɛ sɛ mesom no? Sɛnea mesom wʼagya no, saa ara na mɛsom wo.”
شۇنىڭدىن باشقا كىمنىڭ خىزمىتىدە بولاي؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قېشىدا خىزمەت قىلمامدىم؟ سېنىڭ ئاتاڭنىڭ قېشىدا خىزمەت قىلغاندەك، ئەمدى سېنىڭ قېشىڭدا خىزمەت قىلاي، ــ دېدى.
20 Absalom dan ne ho bisaa Ahitofel se, “Dɛn bio na menyɛ?”
ئاندىن ئابشالوم ئاھىتوفەلگە: مەسلىھەتلىشىپ يول كۆرسىتىڭلار؛ قانداق قىلساق بولار؟ ــ دېدى.
21 Ahitofel buaa no se, “Kɔ na wo ne wʼagya mpenanom no nna, efisɛ wagyaw wɔn hɔ sɛ wɔnhwɛ ahemfi hɔ. Ɛno bɛma Israel nyinaa ahu sɛ, woabu no animtiaa a ɛboro nkabom so, na wɔde wɔn ho bɛma wo.”
ئاھىتوفەل ئابشالومغا: ئاتاڭنىڭ ئوردىسىغا قارىغىلى قويغان كېنىزەكلىرى بىلەن بىللە ياتقىن؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل سېنىڭ ئۆزۈڭنى ئاتاڭغا نەپرەتلىك قىلغانلىقىڭنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ قوللىرى كۈچلەندۈرۈلىدۇ، دېدى.
22 Enti wosii ntamadan wɔ ahemfi no atifi baabi a obiara behu, na Absalom kɔɔ ntamadan no mu, na ɔne nʼagya mpenanom no dae.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئابشالوم ئۈچۈن ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر چېدىر تىكتى؛ ئابشالوم ھەممە ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ئۆز ئاتىسىنىڭ كېنىزەكلىرى بىلەن بىللە بولدى.
23 Absalom tiee Ahitofel afotu sɛnea Dawid yɛe no pɛpɛɛpɛ. Na asɛm biara a efi Ahitofel anom bae no mu nyansa no yɛɛ sɛnea efi Onyankopɔn anom.
ئۇ كۈنلەردە ئاھىتوفەلنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى خۇددى كىشى خۇدادىن سوراپ ئېرىشكەن سۆز-كالامدەك ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ داۋۇتقا ۋە ئابشالومغا بەرگەن ھەممە مەسلىھەتىمۇ ھەم شۇنداق قارىلاتتى.

< 2 Samuel 16 >