كېيىن شۇنداق ئىش بولدىكى، ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى ئۆلدى ۋە ئۇنىڭ ھانۇن دېگەن ئوغلى ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
داۋۇت بولسا: ئۇنىڭ ئاتىسى ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكەندەك مەن ناھاشنىڭ ئوغلى ھانۇنغا ئىلتىپات كۆرسىتەي، ــ دېدى. ئاندىن داۋۇت ئاتىسىنىڭ پەتىسىگە [ھانۇننىڭ] كۆڭلىنى سوراشقا ئۆز خىزمەتكارلىرىدىن بىرنەچچىنى ماڭدۇردى. داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىغا كەلگەندە، |
ئاممونىيلارنىڭ ئەمەلدارلىرى غوجىسى ھانۇنغا: سىلى داۋۇتنى راستلا ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قاشلىرىغا كۆڭۈل سوراپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ، دەپ قاراملا؟ داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى قاشلىرىغا ئەۋەتكىنى شەھەرنى پايلاپ ئۇنىڭدىن مەلۇمات ئېلىش، ئاندىن بۇ شەھەرنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن ھانۇن داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ، ساقاللىرىنىڭ يېرىمىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنىڭ بەلدىن تۆۋىنىنى كەستۈرۈپ، كۆتىنى ئېچىپ كەتكۈزۈۋەتتى. |
بۇ خەۋەر داۋۇتقا يەتكۈزۈلدى؛ ئۇ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ماڭدۇردى؛ چۈنكى ئۇلار ئىنتايىن نومۇس ھېس قىلغانىدى. پادىشاھ ئۇلارغا: ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكىچىلىك يېرىخو شەھىرىدە تۇرۇپ، ئاندىن يېنىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. |
ئاممونىيلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ بەيت-رەھوبدىكى سۇرىيلەر بىلەن زوباھدىكى سۇرىيلەردىن يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەر، مائاكاھنىڭ پادىشاھىدىن بىر مىڭ ئادەم ۋە توبدىكى ئادەملەردىن ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى ياللاپ كەلدى. |
داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، يوئابنىڭ پۈتكۈل جەڭگىۋار قوشۇنىنى [ئۇلارنىڭ ئالدىغا] ماڭدۇردى. |
ئاممونىيلار چىقىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزىدى؛ زوباھ بىلەن رەھوبدىكى سۇرىيلەر ۋە توب بىلەن مائاكاھنىڭ ئادەملىرى دالادا سەپ تۈزىدى؛ |
يوئاب جەڭنىڭ ئالدى ھەم كەينىدىن بولىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئىسرائىلدىن بىر قىسىم سەرخىل ئادەملەرنى ئىلغاپ، سۇرىيەلەرگە قارشى سەپ تۈزىدى؛ |
قالغانلارنى ئاممونىيلارغا قارشى سەپ تىزغىن دەپ ئىنىسى ئابىشاينىڭ قولىغا تاپشۇرپ، ئۇنىڭغا: |
ــ ئەگەر سۇرىيلەر ماڭا كۈچلۈك كەلسە، سەن ماڭا ياردەم بەرگەيسەن؛ ئەمما ئاممونىيلار ساڭا كۈچلۈك كەلسە، مەن بېرىپ ساڭا ياردەم بېرەي. |
جۈرئەتلىك بولغىن! ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلايلى. پەرۋەردىگار ئۆزىگە لايىق كۆرۈنگىنىنى قىلغاي! ــ دېدى. |
ئەمدى يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئادەملەر سۇرىيلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى چىقتى؛ سۇرىيلەر ئۇنىڭ ئالدىدا قاچتى. |
ئاممونىيلار سۇرىيلەرنىڭ قاچقىنىنى كۆرگەندە، ئۇلارمۇ ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. يوئاب بولسا ئاممونىيلار بىلەن جەڭ قىلىشتىن چېكىنىپ، يېرۇسالېمغا يېنىپ كەلدى. |
سۇرىيلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرگەندە، يەنە جەم بولۇشتى. |
ھادادئېزەر ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، [ئەفرات] دەرياسىنىڭ نېرى تەرىپىدىكى سۇرىيلەرنى [ياردەمگە] چاقىرىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى؛ ئۇلار خېلام شەھىرىگە كەلگەندە، ھادادئېزەرنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى شوباك ئۇلارغا باشچىلىق قىلدى. |
بۇ خەۋەر داۋۇتقا يەتكەندە، ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىلنى يىغدۇرۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خېلام شەھىرىگە باردى. سۇرىيلەر داۋۇتقا قارشى سەپ تىزىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. |
سۇرىيلەر يەنە ئىسرائىلدىن قاچتى. داۋۇت بولسا يەتتە يۈز جەڭ ھارۋىلىقنى، قىرىق مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى قىردى ھەم قوشۇنىنىڭ سەردارى شوباكنى ئۇ يەردە ئۆلتۈردى. |
ھادادئېزەرگە بېقىنغان ھەممە پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئالدىدا يېڭىلگىنىنى كۆرگەندە، ئىسرائىل بىلەن سۈلھ قىلىشىپ ئۇلارغا بېقىندى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيلەر ئاممونىيلارغا يەنە ياردەم بىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. |