< 1 Samuel 17 >

1 Afei, Filistifo boaboaa wɔn asraafo ano wɔ Soko a ɛwɔ Yuda sɛ wɔrebɛko. Wɔkyeree nsraban wɔ Soko ne Aseka ntam wɔ Efes-Damim.
ئەمما فىلىستىيلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئۇلار يەھۇداغا تەۋە سوكوھدا جەم بولۇپ، سوكوھ بىلەن ئازىكاھ ئوتتۇرىسىدىكى ئەفەس-داممىمدا چېدىرلارنى تىكتى.
2 Saulo yɛɛ saa ara, boaboaa ne dɔm ano wɔ baabi a ɛbɛn Ela bon.
سائۇل بىلەن ئىسرائىللارمۇ جەم بولۇپ ئېلاھ جىلغىسىدا چېدىرلىرىنى تىكىپ فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى سەپ تۈزدى.
3 Filistifo faa bepɔw baako, na Israelfo no nso faa baako a obon no da wɔn ntam.
فىلىستىيلەر بىر تەرەپتىكى تاغدا، ئىسرائىللار يەنە بىر تەرەپتىكى تاغدا تۇراتتى؛ ئوتتۇرىسىدا جىلغا بار ئىدى.
4 Ɔbarima tenten hoɔdenfo bi a ne din de Goliat a ofi Gat no pue fii Filistifo no nsraban mu bae. Na ne tenten bɛboro anammɔn akron.
شۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن گاتلىق گولىئات ئىسىملىك بىر چېمپىيون پالۋان چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ئالتە گەز بىر غېرىچ ئىدى.
5 Na ɔhyɛ kɔbere kyɛw, hyɛ kɔbere akotade a akode bobɔ mu, na emu duru yɛ kilogram aduonum ason.
بېشىغا مىس دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا قاسىراقلىق ساۋۇت كىيگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ مىس ساۋۇتى بولسا بەش مىڭ شەكەل كېلەتتى.
6 Na nʼanan nso, kɔbere nkatanan kata ho na kɔbere peaw nso sɛn nʼakyi.
پاچاقلىرىغا مىستىن تىزلىق باغلىغان، ئۆشنىسىگە مىس ئاتما نەيزە قىستۇرىۋالغانىدى.
7 Na ne peaw ano dade no te sɛ ntamanwemfo nsadua mu abaa, na ano dade no kari dwetɛ kilogram ason. Na ne nkatabokurafo di nʼanim.
ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ سېپى بولسا باپكارنىڭ خادىسىدەك ئىدى؛ نەيزىسىنىڭ بېشى ئالتە مىڭ شەكەل كېلەتتى؛ قالقان كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى.
8 Goliat begyinaa hɔ teɛɛ mu guu Israelfo no so se, “Asraafo yi nyinaa na morebɛko ana? Munyi mo mu baako na ɔmmɛko mma mo, na me nso mesi Filistifo anan mu. Yɛbɛko de awie asɛm no ka!
ئۇ ئورنىدا تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ قوشۇنلىرىغا مۇنداق توۋلايتتى: ــ «سىلەر نېمىشقا جەڭ قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزگەنسىلەر؟ مەن فىلىستىي ئەمەسمۇ؟ سىلەر بولساڭلار سائۇلنىڭ قۇللىرىغۇ؟ ئاراڭلاردىن بىر ئادەمنى تاللاپ چىقىڭلار، ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىشقا چۈشسۇن!
9 Sɛ mo nipa no tumi kum me a, yɛbɛyɛ mo nkoa. Na sɛ mikum no a, mobɛyɛ yɛn nkoa.”
ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىپ مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرەلسە، بىز سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىمىز. لېكىن مەن ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆلتۈرسەم، سىلەر بىزنىڭ قۇللىرىمىز بولۇپ بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە بولۇسىلەر».
10 Filistini no kae se, “Memmfa Israel asraafo nyɛ hwee, momma me ɔbarima a ɔne me bɛko.”
شۇ فىلىستىي يەنە سۆز قىلىپ: ــ مەن بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلدىمغۇ؟ سىلەر بىر ئادەمنى چىقىرىڭلار، بىز ئېلىشايلى! ــ دېدى.
11 Bere a Saulo ne Israelfo tee eyi no wɔbɔɔ huboa na wɔn ho popoe.
سائۇل بىلەن ھەممە ئىسرائىل بۇ فىلىستىينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئالاقزادە بولۇپ بەك قورقتى.
12 Na Dawid yɛ ɔbarima bi a wɔfrɛ no Yisai a ɔyɛ Efratni na ofi Betlehem wɔ Yuda asase so no babarima. Na Yisai wɔ mmabarima baawɔtwe, na Saulo bere so no, na wabɔ akwakoraa a ne mfe a wadi no kɔ anim yiye.
داۋۇت يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمدە ئولتۇرۇقلۇق يەسسە دېگەن ئەفراتلىق ئادەمنىڭ ئوغلى ئىدى. يەسسەنىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇلنىڭ كۈنلىرىدە ئۇ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى.
13 Na Yisai mmabarima mpanyimfo baasa na wodii Saulo akyi kɔɔ ɔko no. Na abakan no din de Eliab, nʼakyi ba din de Abinadab, na nea ɔto so abiɛsa no din de Sama.
يەسسەنىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇل بىلەن جەڭگە چىققانىدى. جەڭگە چىققان ئۈچ ئوغۇلنىڭ تۇنجىسىنىڭ ئىسمى ئېلىئاب، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىناداب ۋە ئۈچىنچىسىنىڭ شامماھ ئىدى.
14 Dawid de, na ɔno ne akumaa koraa. Mpanyimfo baasa no na wodii Saulo akyi,
داۋۇت ھەممىدىن كىچىكى ئىدى. ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇلغا ئەگىشىپ چىققانىدى.
15 nanso na Dawid di akɔneaba; ɔkɔsom Saulo na wakɔhwɛ nʼagya nguan wɔ Betlehem nso.
بەزىدە داۋۇت سائۇلنىڭ قېشىدىن ئۆز ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىش ئۈچۈن قايتىپ كېلەتتى.
16 Filistini yi pue mema ne ho so wɔ Israelfo asraafo nʼanim anɔpa ne anwummere, saa ara adaduanan.
ئاشۇ فىلىستىي بولسا قىرىق كۈنگىچىلىك ھەر ئەتىگەن ۋە كەچتە چىقىپ تۇردى.
17 Da koro bi, Yisai ka kyerɛɛ Dawid se, “Fa nkyewe lita aduonu abien yi ne brodo mua du yi kɔma wo nuabarimanom.
يەسسە ئوغلى داۋۇتقا: ــ بۇ ئەفاھ قوماچنى ۋە بۇ ئون ناننى ئېلىپ لەشكەرگاھغا تېز بېرىپ ئاكىلىرىڭغا بەرگىن،
18 Na fa kyiisi du a wɔatwitwa yi ma ɔsafohene no. Ɛyɛ a hwɛ sɛnea wo nuabarimanom no ho te, na gye krataa fi wɔn nkyɛn brɛ me.
بۇ ئون پارچە قۇرۇتنى ئۇلارنىڭ مىڭبېشىغا بېرىپ ئاكىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ئۇلارنىڭ كېپىل خېتىنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى.
19 Na Dawid nuanom ne Israel asraafo no wɔ Ela bon no mu a wɔreko atia Filistifo.”
سائۇل، شۇ [ئۈچ ئوغۇل] ۋە ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېلاھ جىلغىسىدا تۇرۇپ فىلىستىيلەرگە قارشى جەڭ قىلاتتى.
20 Ade kyee anɔpa no, Dawid gyaw nguan no maa oguanhwɛfo bi na ɔfaa akyɛde no kɔe. Oduu nsraban mu hɔ bere a na asraafo no rekɔ mpasua ahorow no so. Wɔrekɔ no, na wɔreto asafonnwom reteɛteɛ mu.
داۋۇت بولسا ئەتىسى سەھەر قوپۇپ قويلارنى بىر باققۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئاشلىق-تۈلۈكنى ئېلىپ يەسسە ئۇنىڭغا تاپىلىغاندەك، قوشۇن ئىستىھكامىغا يەتكەندە، جەڭگە چىقىدىغان لەشكەرلەر سۆرەن كۆتۈرۈۋاتقانىدى.
21 Na Israel ne Filistifo no rebɛn a wodi nhwɛanim.
ئىسرائىل ۋە فىلىستىيلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل تۇرۇپ سوقۇشقا سەپ تۈزدى.
22 Dawid gyaw ne nneɛma maa akode sohwɛfo no, yɛɛ ntɛm kɔɔ akono hɔ kokyia ne nuanom.
داۋۇت بولسا ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى يۈك-تاقلارغا قارىغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ سەپ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاكىلىرىدىن تىنچلىق سورىدى.
23 Bere a Dawid ne wɔn rekasa no, Filistini tenten hoɔdenfo Goliat a ofi Gat, fii Filistifo asraafo no mu teɛteɛɛ mu ahantan so kyerɛɛ Israel asraafo no.
ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا، فىلىستىيلەردىن بولغان گولىئات دېگەن چېمپىئون پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ سېپىدىن چىقىپ يەنە ھېلىقى گەپنى قىلدى؛ داۋۇت ئۇنى ئاڭلىدى.
24 Bere a Israelfo no huu ɔbarima no, wɔn nyinaa de ehu guan kɔe.
ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى بۇ ئادەمنى كۆرگەندە قېچىپ كېتىشتى ۋە بەك قورقتى.
25 Afei, na Israelfo keka wɔ wɔn mu se, “Woahu ɔbran no? Ɔba bɛkasa tia Israel da biara. Na woate akatua a ɔhene ahyɛ sɛ ɔde bɛma obiara a obetumi akum no no? Ɔhene ahyɛ sɛ ɔde ne babea bɛma no aware, na ne fifo nso, ɔhene remma wontua tow biara a wogye no Israelman mu.”
ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرىگە: ــ چىقىۋاتقان بۇ ئادەمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇ ئىسرائىلغا ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىدۇ. شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە پادىشاھ كۆپ مال-مۈلۈك ئىنئام قىلىدۇ، ئۆز قىزىنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بېرىدۇ ھەم ئاتىسىنىڭ جەمەتىنى ئىسرائىل تەۋەسىدە باج-ئالۋاندىن خالاس قىلىدۇ، دېدى.
26 Dawid bisaa mmarima a wogyina ne ho no se, “Dɛn na mobɛyɛ ama ɔbarima a obekum saa Filistini yi, na ɔnam so ayi saa animguase yi afi Israel so? Hena ne saa Filistini bosonsomni yi a ɛsɛ sɛ ogu Onyankopɔn Teasefo asraafo anim ase?”
داۋۇت ئۆز يېنىدا تۇرغان ئادەملەردىن: ــ بۇ فىلىستىينى ئۆلتۈرۈپ ئىسرائىلغا قىلىنغان شۇ ھاقارەتنى يوقاتقان كىشىگە نېمە قىلىنىدۇ؟ چۈنكى بۇ خەتنىسىز فىلىستىي زادى كىم؟ ئۇ قانداقسىگە مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ قوشۇنلىرىغا ھاقارەت قىلىشقا پېتىنىدۇ؟ ــ دېدى.
27 Wotii asɛm a wɔaka dedaw no mu kyerɛɛ no se, “Nea woate dedaw no yɛ nokware. Ɛno na yɛbɛyɛ ama onipa a obekum ɔbran no.”
خالايىق ئۇنىڭغا ئالدىنقىلارنىڭ دېگەن سۆزى بويىچە جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە مۇنداق-مۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى.
28 Bere a Dawid nuapanyin Eliab tee sɛ ɔne mmarima no rekasa saa no, ne bo fuw no, na obisae se, “Adɛn nti na woaba ha? Na nguan kakra a wɔwɔ sare so no, wode wɔn gyaw hena? Minim sɛnea wogye wo ho di ne sɛnea wo komapirim te. Ɔko yi hwɛ ara nti na wobae.”
لېكىن ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ئېلىئاب ئۇنىڭ ئۇ ئادەملەر بىلەن سۆزلەشكىنىنى ئاڭلاپ قالدى؛ ئېلىئابنىڭ داۋۇتقا ئاچچىقى كېلىپ: ــ نېمىشقا بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ چۆلدىكى ئۇ ئازغىنە قوينى كىمگە تاشلاپ قويدۇڭ؟ مەن كىبىرلىكىڭنى ۋە كۆڭلۈڭنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. سەن ئالايىتەن جەڭنى كۆرگىلى كەلدىڭ، دېدى.
29 Dawid bisae se, “Mayɛ dɛn? Nti, ɛnsɛ sɛ mekasa mpo?”
داۋۇت: ــ مەن نېمە قىلدىم؟ پەقەت بىر سۆز قىلسام بولمامدىكەن؟ ــ دېدى.
30 Afei, ɔdan ne ho ne afoforo kɔkasae. Ɔde asɛm koro no ara bae, na mmarima no buaa no sɛnea wɔaka dedaw no.
داۋۇت بۇرۇلۇپ باشقىسىدىن ئالدىنقىدەك سورىدى، خەلق ئالدىدا ئېيتقاندەك ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى.
31 Asɛm a Dawid kaa no twaa nnipa bi asom, ma wɔkɔbɔɔ Saulo amanneɛ, enti ɔsoma kɔfrɛɛ no.
ئەمما بىرسى داۋۇتنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قېلىپ سائۇلغا يەتكۈزدى؛ ئۇ داۋۇتنى چاقىرتىپ كەلدى.
32 Dawid ka kyerɛɛ Saulo se, “Mma hwee nhaw wo. Mɛkɔ na me ne Filistini yi akɔko.”
داۋۇت سائۇلغا: ــ بۇ كىشىنىڭ سەۋەبىدىن ھېچكىمنىڭ يۈرىكى سۇ بولمىسۇن. سىلىنىڭ قۇللىرى بۇ فىلىستىي بىلەن سوقۇشقىلى چىقىدۇ، دېدى.
33 Saulo buaa Dawid se, “Worentumi ne saa Filistini yi nko. Woyɛ abarimaa, nanso ɔno de, ɔyɛ ɔkofo fi ne mmofraase.”
سائۇل داۋۇتقا: ــ سەن بۇ فىلىستىي بىلەن سوقۇشقىلى بارساڭ بولمايدۇ! سەن تېخى ياش، ئەمما ئۇ ياشلىقىدىن تارتىپلا جەڭچى ئىدى، دېدى.
34 Na Dawid ka tii mu se, “Mahwɛ mʼagya nguan ara, na sɛ gyata anaa sisi bi ba sɛ ɔrebɛkyere oguan ba bi afi nguankuw no mu a,
داۋۇت سائۇلغا: ــ قۇللىرى ئۆز ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كەلدىم. بىر شىر ياكى ئېيىق كېلىپ پادىدىن بىر قوزىنى ئېلىپ كەتسە،
35 mede abaa poriwa di nʼakyi gye aboa no fi nʼanom. Na sɛ aboa no dan nʼani ba me hɔ a, miso nʼabogye, kyere no, de abaa poriwa no bɔ no, kum no.
مەن ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئۇنى ئۇرۇپ قوزىنى ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ ئالاتتىم. ئەگەر قوپۇپ ماڭا ھۇجۇم قىلسا مەن ئۇنى يايلىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرەتتىم.
36 Mayɛ saa akum gyata ne sisi, na saa na mɛyɛ Filistini bosonsomni no nso, efisɛ wagu Onyankopɔn Teasefo asraafo ho fi.
قۇللىرى ھەم شىر ھەم ئېيىقنى ئۆلتۈرگەن؛ بۇ خەتنىسىز فىلىستىيمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات بولغۇچى خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت كەلتۈردى ــ دېدى.
37 Awurade a ogyee me fii gyata ne sisi awerɛw ano no, ɔno ara na obegye me afi Filistini yi nsam.” Saulo penee so kae se, “Eye, kɔ. Awurade nka wo ho.”
داۋۇت سۆزىنى داۋام قىلىپ: ــ مېنى شىرنىڭ چاڭگىلىدىن ۋە ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ئوخشاشلا بۇ فىلىستىينىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى. سائۇل داۋۇتقا: ــ بارغىن، پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، دېدى.
38 Afei, Saulo de ɔno ankasa akode maa Dawid. Ɔde kɔbere kyɛw ne akotade kaa ho.
ئاندىن سائۇل داۋۇتقا ئۆز جەڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ، بېشىغا مىس دۇبۇلغىنى تاقاپ ۋە ئۇنىڭغا بىر جەڭ ساۋۇتىنى كىيگۈزدى.
39 Dawid hyɛe, de afoa kyekyere taree so, tuu anammɔn bɛyɛ abien, kɔɔ nʼanim hwɛɛ sɛnea ɛte, efisɛ na ɔnhyɛɛ biribi a ɛte saa da. Afei, ɔkae se, “Merentumi mfa eyinom nhyehyɛ me ho nkɔ, efisɛ menhyɛɛ bi saa da.” Enti ɔworɔw ne nyinaa guu hɔ.
داۋۇت بولسا سائۇلنىڭ قىلىچىنى كىيىمنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ، مېڭىپ باقتى؛ چۈنكى ئۇ بۇلارنى كىيىپ باقمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلغا: ــ مەن بۇلارنى كىيىپ ماڭالمايدىكەنمەن؛ چۈنكى بۇرۇن كىيىپ باقمىغان، دەپ ئۇلارنى سېلىۋەتتى.
40 Ɔfaa kokwabo anum fii asuwa bi mu, de guu ne nguanhwɛfo kotoku mu. Ɔfaa ne nguanhwɛfo pema ne nʼahwimmo nko ara. Afei, osii kwan so sɛ ɔne Goliat rekɔko.
ئۇ قولىغا ھاسىسىنى ئېلىپ، ئېرىقتىن بەش سىلىق تاش ئىلغاپ پادىچى خالتىسىنىڭ يانچۇقىغا سالدى؛ ئۇ سالغۇسىنى قولىغا ئېلىپ فىلىستىيگە يېقىن باردى.
41 Goliat twiw pinii Dawid a ne nkatabokurafo di nʼanim.
فىلىستىي بولسا چىقىپ داۋۇتقا يېقىنلاشتى، قالقان كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭدى.
42 Goliat huu Dawid no, obuu no abomfiaa.
فىلىستىي داۋۇتقا بىرقۇر سەپسېلىپ قاراپ مەسخىرە قىلدى. چۈنكى ئۇ تېخى ياش، بۇغداي ئۆڭلۈك ۋە كېلىشكەن يىگىت ئىدى.
43 Ɔworoo so kyerɛɛ Dawid se, “Meyɛ ɔkraman na wode pema aba me so?” Na ɔkaa nʼanyame din ntam de domee Dawid.
فىلىستىي داۋۇتقا: ــ سەن ھاسا كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەپسەن؟ سەن مېنى ئىت دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ ــ دەپ ئۆز بۇتلىرىنىڭ ناملىرىنى تىلغا ئېلىپ داۋۇتنى قارغىدى.
44 Goliat kae se, “Bra mʼanim ha, na mede wo nam bɛma nnomaa ne nkekaboa.”
فىلىستىي داۋۇتقا يەنە: ــ بۇ ياققا كەل، مەن گۆشۈڭنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالالاردىكى يىرتقۇچلارغا يەم قىلىمەن، دېدى.
45 Dawid ka kyerɛɛ Filistini no se, “Wode afoa, peaw ne bɛmma na ɛreba me so, na me de, mede Asafo Awurade, Israel asraafo Nyankopɔn a woagu ne din ho fi no din na mede reba wo so.
داۋۇت فىلىستىيكە: ــ سەن قىلىچ، نەيزە ۋە ئاتما نەيزىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدىڭ؛ لېكىن مەن سەن ھاقارەت قىلغان، ئىسرائىلنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئالدىڭغا ھۇجۇمغا چىقتىم ــ دېدى.
46 Nnɛ, Awurade bedi wo so nkonim, na mekum wo, atwa wo ti. Na mede Filistifo asraafo no afunu mama nnomaa ne nkekaboa, na wiase nyinaa behu sɛ, Onyankopɔn bi wɔ Israel!
«دەل بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ. مەن سېنى ئۆلتۈرۈپ بېشىڭنى كېسىپ ئالىمەن؛ مەن لەشكەرگاھدىكى فىلىستىيلەرنىڭ جەسەتلىرىنىمۇ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالالاردىكى يىرتقۇچلىرىغا يەم قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جاھان ئىسرائىلدا بىر خۇدانىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ
47 Na obiara behu sɛ, Onyankopɔn mfa akode na egye ne nkurɔfo. Ɛyɛ ne ko, na ɛnyɛ yɛn ko. Awurade de wo bɛma yɛn!”
ۋە بۇ پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرەت بېرىشىنىڭ قىلىچ، نەيزە بىلەن ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى بۇ جەڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر، ئۇ سېنى قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ».
48 Goliat yɛɛ sɛ ɔreba Dawid so no, ntɛm ara, na Dawid nso tuu mmirika kohyiaa no.
فىلىستىي داۋۇتقا ھۇجۇم قىلغىلى قوپۇپ يېقىن كەلگەندە داۋۇت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى فىلىستىي قوشۇنىنىڭ سېپىگە قاراپ يۈگۈردى.
49 Ɔde ne nsa hyɛɛ nguanhwɛfo kotoku no mu, yii kokwabo baako de hyɛɛ nʼahwimmo no mu tow ma ɛkɔbɔɔ Filistini no moma so. Kokwabo no wuraa Goliat tirim ma obu hwee, maa nʼanim kobutuw fam.
داۋۇت قولىنى خالتىسىغا تىقىپ بىر تاشنى چىقىرىپ سالغۇغا سېلىپ فىلىستىيگە قارىتىپ ئاتتى؛ تاش فىلىستىينىڭ پېشانىسىگە تەگدى. تاش ئۇنىڭ پېشانىسىگە پېتىپ كەتتى، ئۇ دۈم چۈشۈپ يەرگە يىقىلدى.
50 Enti Dawid de ahwimmo ne kokwabo baako dii Filistini ɔkwabran no so.
شۇنداق قىلىپ داۋۇت فىلىستىينى سالغۇ ۋە تاش بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ داۋۇتنىڭ قولىدا ھېچ قىلىچ يوق ئىدى.
51 Dawid tuu mmirika kɔɔ Filistini no so kɔtwee nʼafoa fii ne boha mu. Dawid de afoa no kum no twaa ne ti. Bere a Filistifo huu sɛ wɔn kwabran no awu no, wɔtetew san wɔn akyi, guanee.
داۋۇت يۈگۈرۈپ بېرىپ، فىلىستىينىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، قىلىچىنى قىنىدىن تارتىپ ئېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بېشىنى ئالدى. فىلىستىيلەر ئۆز باتۇرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپلا، بەدەر قاچتى.
52 Afei, Israelfo no bɔɔ ose kɛse nkonimdi so, taa Filistifo no ara koduu Gat ne Ekron apon ano. Na Filistifo a wɔawuwu no afunu ne apirafo no gugu ɔkwan so, de fi Saaraim de koduu Gat ne Ekron.
ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بولسا ئورنىدىن قوپۇپ سۆرەن سېلىشىپ فىلىستىيلەرنى جىلغىغىچە ۋە ئەكرون دەرۋازىلىرىغىچە كەينىدىن قوغلاپ كەلدى؛ ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيلەر شائارائىمغا بارىدىغان يولدا گات ۋە ئەكرونغىچە يېتىپ كەتكەنىدى.
53 Afei, Israelfo asraafo san wɔn akyi bɛbɔ wuraa Filistifo nsraban a wɔaguan afi hɔ no mu faa wɔn nneɛma.
ئىسرائىل فىلىستىيلەرنى قوغلاشتىن يېنىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ لەشكەرگاھىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى.
54 Dawid faa Goliat ti de kɔɔ Yerusalem, na ɔkoraa Filistini no akode wɔ ɔno ankasa ne ntamadan mu.
داۋۇت فىلىستىينىڭ بېشىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ئۇنىڭ يارىغىنى بولسا ئۆز چېدىرىغا قويدى.
55 Bere a Saulo huu Dawid sɛ ɔrekɔ Goliat anim no, obisaa Abner a na ɔyɛ nʼakofo sahene se, “Abner, hena ba ne saa aberante yi?” Abner buae se, “Nokware ni, minnim.”
سائۇل داۋۇتنىڭ فىلىستىينىڭ ئالدىغا چىققىنىنى كۆرگەندە قوشۇننىڭ سەردارى ئابنەردىن: ــ ئى ئابنەر، بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى؟ ــ دەپ سورىدى. ئابنەر: ــ ئى پادىشاھ، ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بىلمەيمەن، دېدى.
56 Ɔhene no ka kyerɛɛ no se, “Ɛyɛ a, bisa.”
پادىشاھ: ــ بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن دەپ سوراپ باققىن، دېدى.
57 Dawid kum Goliat akyi no, Abner de no brɛɛ Saulo a na ɔda so kita Filistini no ti no.
داۋۇت فىلىستىينى قىرىپ قايتىپ كەلگەندە ئابنەر ئۇنى پادىشاھنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى؛ فىلىستىينىڭ بېشى تېخىچە ئۇنىڭ قولىدا تۇراتتى.
58 Saulo ka kyerɛɛ no se, “Ka biribi a ɛfa wʼagya ho kyerɛ me, me ba.” Na Dawid buae se, “Ne din de Yisai, na yɛte Betlehem.”
سائۇل ئۇنىڭدىن: ــ ئى يىگىت، كىمنىڭ ئوغلىسەن؟ دەپ سورىدى. داۋۇت: ــ مەن سىلىنىڭ قۇللىرى بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ ئوغلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى.

< 1 Samuel 17 >