< Ts'etta ıxhaynbı 4 >

1 Aadam xhunaşşe Həvayka g'alirxhu, mana vuxhne ayxu Gabil uxu. Həvee eyhen: «Rəbbike zı insan pay xhinne alyart'u».
ئادەمئاتا ئايالى ھاۋا بىلەن بىللە بولدى؛ ھاۋا ھامىلىدار بولۇپ قابىلنى تۇغۇپ: «مەن بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم ــ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر!» ــ دېدى.
2 Qiyğa məng'ee Gabilna çoc Habil uxooxa. Habil vəq'əbı uxhiyxhanna eyxhe, Gabilir ç'iye ezana.
ئاندىن ئۇ يەنە قابىلنىڭ ئىنىسى ھابىلنى تۇغدى. ھابىل پادىچى بولدى، قابىل بولسا تېرىقچى بولدى.
3 Sabara vaxt ılğevç'uyle qiyğa Gabilee Rəbbis ç'iyeyl alyadıynçike nugbar adayle.
بېكىتىلگەن شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتتە شۇنداق بىر ئىش بولدىكى، قابىل تۇپراقنىڭ ھوسۇلىدىن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە كەلتۈردى.
4 Habileyid ts'etta syurunee ıxhayne nekke yugne vəq'əbışike adayle. Rəbbee Habilir, Habile adıynbıd q'abıl ha'anbı.
ھابىلمۇ پادىسىدىن قويلىرىنىڭ تۇنجىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ يېغىدىن ھەدىيە سۇندى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلدى.
5 Gabilir, Gabilee adıynbıd Rəbbee q'abıl ha'a deş. Mançil-alla Gabil it'umra qəllamişxha aq'va gyavaxana'a.
لېكىن قابىل ۋە ئۇنىڭ سۇنغىنىغا قارىمىدى. شۇ ۋەجىدىن قابىلنىڭ تولىمۇ ئاچچىقى كېلىپ، چىرايى تۇتۇلدى.
6 Rəbbee Gabilik'le uvhuyn: – Nya'a qəllamişxha? Nya'a aq'va gyavaxanı'ı?
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار قابىلغا: نېمىشقا ئاچچىقلىنىسەن؟ نېمە ئۈچۈن چىرايىڭ تۇتۇلۇپ كېتىدۇ؟
7 Nya'a yugna iş haa'axhee, Zı q'abıl hidyaa'aye? Yugna iş hidyaa'axhee, bınahın akkayne ögee gugu hav'u ğu gozet ha'a. Mançin xuruş valqa vod, ğu mançis xəbvalla haa'as vukkan.
ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، سەن كۆتۈرۈلمەمسەن؟ لېكىن دۇرۇس ئىش قىلمىساڭ، مانا گۇناھ ئىشىك ئالدىدا [سېنى پايلاپ] بېغىرلاپ ياتىدۇ، ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشىڭ كېرەك، دېدى.
8 Qiyğa Gabilee Habilik'le eyhen: – Qora çoleeqa vüqqəs. Maa'ad Gabilee çoculqa xıl g'ot'ul, mana gek'ana.
قابىل ئىنىسى ھابىلغا: «دالىغا چىقىپ كېلەيلى!» دېدى. دالادا شۇ ۋەقە بولدىكى، قابىل ئىنىسى ھابىلغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى.
9 Qiyğa Rəbbee Gabilike qidghın hı'iyn: – Çoc Habil nyaane? Mang'vee eyhen: – Ats'a deş, nya'a zı çocuna g'aravulyne vor?
پەرۋەردىگار قابىلغا: ئىنىڭ ھابىل نەدە؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمۇ؟ ــ دېدى.
10 Rəbbee eyhen: – Ğu hı'iyn hucoon?! Çocune eban ç'iyençe Zalqa ona'a.
خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە قىلدىڭ؟ مانا، ئىنىڭنىڭ قېنى يەردىن ماڭا پەرياد كۆتۈرۈۋاتىدۇ!
11 Mane nyuq'vnen yiğne xıleke k'yapk'ınna çocuna eb hööğəs ghal aaqı. Mançil-allab ğu ine nyuq'vnel bed-düə alyabat'a.
ئەمدى ئىنىڭنىڭ قولۇڭدا تۆكۈلگەن قېنىنى قوبۇل قىلىشقا ئاغزىنى ئاچقان يەردىن قوغلىنىپ، لەنەتكە ئۇچرايسەن.
12 G'iyniyke şaqa ğu nimee yugda ç'iye ezeeyid, mançin vas ıkkanəxüdın kar heles deş. Ğu ciga deşda g'e'eşşuna xhinne ixhes.
سەن يەرگە ئىشلىسەڭمۇ ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا قۇۋۋىتىنى بەرمەيدۇ؛ سەن يەر يۈزىدە سەرسان بولۇپ، سەرگەردان بولىسەن، ــ دېدى.
13 Gabilee Rəbbik'le eyhen: – Yizda cazaa ts'ıts'a'asınçıleb hexxaba vob.
بۇنى ئاڭلاپ قابىل پەرۋەردىگارغا جاۋاب قىلىپ: ــ مېنىڭ بۇ جازايىمنى ئادەم كۆتۈرەلمىگۈدەك!
14 Haane, Ğu zı g'iyna ç'iyeyne aq'valer g'e'eşşena. Valer dyügulyxha, zı ciga deşda ixhes. Şavneyiy ögiylqa qığeç'u, mang'veyir zı gik'asda.
مانا، سەن بۈگۈن مېنى يەر يۈزىدىن قوغلىدىڭ، مەن ئەمدى سېنىڭ يۈزۈڭدىن يوشۇرۇنۇپ يۈرىمەن؛ يەر يۈزىدە سەرسەن بولۇپ سەرگەردانلىقتا يۈرىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، كىملا مېنى تېپىۋالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!، ــ دېدى.
15 Rəbbee mang'uk'le eyhen: – De'eş. Şavaye Gabil g'ik'u, mang'uke yighılle g'atna qəl qiğaahas. Rəbbee Gabililqa işara giyxhe, mana qızaxıng've gimeek'acenva.
لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ شۇنداق بولىدۇكى، كىمكى قابىلنى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ، ــ دېدى. شۇلارنى دەپ پەرۋەردىگار قابىلغا ئۇچرىغان بىرسى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر بەلگە قويۇپ قويدى.
16 Gabil Rəbbike ark'ın Eden bağne şargıl – Nod eyhene cigayl axva giyğal.
شۇنىڭ بىلەن قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئېرەمنىڭ مەشرىق تەرىپىدىكى نود دېگەن يۇرتتا ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
قابىل ئايالى بىلەن بىللە بولۇپ، ئايالى ھامىلىدار بولۇپ ھانوخنى تۇغدى. ئۇ ۋاقىتتا قابىل بىر شەھەر بىنا قىلىۋاتاتتى؛ ئۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئوغلىنىڭ ئىسمى بىلەن ھانوخ دەپ ئاتىدى.
ھانوختىن ئىراد تۆرەلدى، ئىرادتىن مەھۇيائىل تۆرەلدى، مەھۇيائىلدىن مەتۇشائىل تۆرەلدى، مەتۇشائىلدىن لەمەخ تۆرەلدى.
لەمەخ ئۆزىگە ئىككى خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئاداھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللاھ ئىدى.
ئاداھ يابالنى تۇغدى. ئۇ چېدىردا ئولتۇرىدىغان كۆچمەن مالچىلارنىڭ بوۋىسى ئىدى.
ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يۇبال ئىدى. بۇ چىلتار بىلەن نەي چالغۇچىلارنىڭ بوۋىسى ئىدى.
زىللاھ يەنە تۇبال-قايىن دېگەن بىر ئوغۇلنى تۇغدى. ئۇ مىس-تۆمۈر ئەسۋابلارنى سوققۇچى ئىدى. تۇبال-قايىننىڭ نائاماھ ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى.
لەمەخ بولسا ئاياللىرىغا سۆز قىلىپ: ــ «ئەي ئاداھ بىلەن زىللاھ، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئەي لەمەخنىڭ ئاياللىرى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مېنى زەخىملەندۈرگىنى ئۈچۈن مەن ئادەم ئۆلتۈردۈم، تېنىمنى زېدە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر يىگىتنى ئۆلتۈردۈم.
ئەگەر قابىل ئۈچۈن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنسا، لەمەخ ئۈچۈن يەتمىش يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ!» ــ دېدى.
ئادەمئاتا يەنە ئايالى بىلەن بىللە بولدى. ئايالى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويۇپ: قابىل ھابىلنى ئۆلتۈرۈۋەتكىنى ئۈچۈن خۇدا ئۇنىڭ ئورنىغا ماڭا باشقا بىر ئەۋلاد تىكلەپ بەردى، دېدى.
شېتتىنمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئېنوش دەپ ئات قويدى. شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىشقا باشلىدى.

< Ts'etta ıxhaynbı 4 >