قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردىن كۆپ كىشى تەلىم بەرگۈچى بولىۋالماڭلار! چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بىز [تەلىم بەرگۈچىلەر] باشقىلاردىن تېخىمۇ قاتتىق سوراققا تارتىلىمىز. |
چۈنكى ھەممىمىز كۆپ ئىشلاردا خاتالىشىپ پۇتلىشىمىز. [ھالبۇكى]، ئەگەر بىرسى تىلدا خاتالاشمىسا، ئۇ كامالەتكە يەتكەن، پۈتكۈل تېنىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم بولىدۇ. |
مانا، بىز ئاتلارنى ئۆزىمىزگە بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ئاغزىغا يۈگەن سالىمىز؛ بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل تەنلىرىنى [خالىغان تەرەپكە] بۇرىيالايمىز. |
مانا، كېمىلەرگىمۇ قاراڭلار؛ شۇنچىلىك يوغان بولسىمۇ، يەنە كېلىپ دەھشەتلىك شاماللار تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ ھەيدىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن رولچى قەيەرگە ئۇلارنى ھەيدەي دېسە، ئۇ كىچىككىنە بىر رول ئارقىلىق ئۇنى خالىغان تەرەپكە بۇرايدۇ. |
شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە تىل [تېنىمىزنىڭ] كىچىك بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن تولىمۇ يوغان سۆزلەيدۇ. كىچىككىنە بىر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ چوڭ ئورمانغا ئوت تۇتاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار! |
تىل ــ دەرۋەقە بىر ئوتتۇر؛ ئۇ ئەزالىرىمىز ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ قەبىھلىككە تولغان بىر ئالەم بولىدۇ. ئۇ پۈتكۈل تەننى بۇلغىغۇچىدۇر؛ ئۇ دوزاخ ئوتىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ چاقىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ! (Geenna g1067) |
چۈنكى ھەرتۈرلۈك ھايۋانلار ھەم ئۇچار-قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ھەم دېڭىزدىكى مەخلۇقلار ئىنسانىيەت تەرىپىدىن كۆندۈرۈلمەكتە ھەمدە كۆندۈرۈلگەنىدى. |
ئەمما تىلنى ھېچكىم كۆندۈرەلمەيدۇ؛ ئۇ تىنىمسىز رەزىل بىر نەرسە بولۇپ، جانغا زامىن بولىدىغان زەھەرگە تولغاندۇر. |
بىز تىلىمىز بىلەن پەرۋەردىگار ئاتىمىزغا شانۇ-تەشەككۈر قايتۇرىمىز، ۋە يەنە ئۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان ئىنسانلارنى قارغايمىز. |
دېمەك، ئوخشاش بىر ئېغىزدىن ھەم تەشەككۈر-مۇبارەك ھەم لەنەت-قارغاش چىقىدۇ. ئى قېرىنداشلىرىم، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك! |
بىر بۇلاق ئوخشاش بىر كۆزدىن بىرلا ۋاقىتتا تاتلىق ھەم قىرتاق سۇ چىقىرامدۇ؟ |
ئى قېرىنداشلىرىم، ئەنجۈر دەرىخى زەيتۇننىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ، ياكى ئۈزۈم تېلى ئەنجۈرنىڭ مېۋىسىنى بېرەلەمدۇ؟ ھەم تۇزلۇق [بۇلاق] تاتلىق سۇنىمۇ چىقىرالمايدۇ. |
ئاراڭلاردا كىم دانا ۋە پەملىك؟ پەزىلەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشىدىن ئۇ دانالىققا خاس بولغان مۆمىن-كەمتەرلىك بىلەن ئەمەللىرىنى كۆرسەتسۇن! |
لېكىن ئەگەر قەلبىڭلاردا ئاچچىق ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولسا، ئەمدى يالغان سۆزلەر بىلەن ھەقىقەتنى يوققا چىقارماڭلار، ماختانماڭلار. |
بۇنداق «دانالىق» ئەرشتىن ئەمەس، بەلكى دۇنياغا، ئىنسان تەبىئىيىتىگە خاس بولۇپ، جىن-شەيتاندىن كەلگەندۇر. |
چۈنكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەرخىل رەزىللىكلەر بولىدۇ. |
لېكىن ئەرشتىن كەلگەن دانالىق بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاكتۇر، ئۇ يەنە تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، باشقىلارنىڭ پىكرىگە قۇلىقى ئوچۇق، رەھىمدىل بولۇپ، ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان، ئۇنىڭدا تەرەپبازلىق ياكى ساختىپەزلىك يوقتۇر. |
ھەققانىيلىق ئۇرۇقلىرى تىنچلىقپەرۋەرلەر ئارىسىدا چېچىلىپ، تىنچلىق ئىچىدە مېۋە بېرىدۇ. |