ئەيسا ھېرود پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن كۈنلەردە يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيت-لەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، مانا بەزى دانىشمەنلەر مەشرىقتىن يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، پۇقرالاردىن: |
يەھۇدىيلارنىڭ [يېڭىدىن] تۇغۇلغان پادىشاھى قەيەردە؟ چۈنكى بىز ئۇنىڭ يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى كەلدۇق، ــ دېيىشتى. |
بۇنى ئاڭلىغان ھېرود پادىشاھ، شۇنىڭدەك پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ ئالاقزادىلىككە چۈشتى. |
ئۇ پۈتكۈل باش كاھىنلار ۋە خەلقنىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن «مەسىھ قەيەردە تۇغۇلۇشى كېرەك؟» ــ دەپ سورىدى. |
ئۇلار: «يەھۇدىيەدىكى بەيت-لەھەم يېزىسىدا بولۇشى كېرەك، ــ چۈنكى پەيغەمبەر ئارقىلىق شۇنداق پۈتۈلگەن: ــ |
«ئى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيت-لەھەم، خەلقىڭ يەھۇدىيە يېتەكچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كىچىكى بولمايدۇ؛ چۈنكى سەندىن بىر يېتەكچى چىقىدۇ، ئۇ خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ باققۇچىسى بولىدۇ» ــ دېيىشتى. |
بۇنىڭ بىلەن، ھېرود دانىشمەلەرنى مەخپىي چاقىرتىپ، يۇلتۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىۋالدى. |
ئاندىن: «بېرىپ بالىنى سۈرۈشتە قىلىپ تېپىڭلار. تاپقان ھامان قايتىپ ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سەجدە قىلىپ كېلەي» ــ دەپ، ئۇلارنى بەيت-لەھەمگە يولغا سالدى. |
دانىشمەنلەر پادىشاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ يولغا چىقتى؛ ۋە مانا، ئۇلار شەرقتە كۆرگەن ھېلىقى يۇلتۇز ئۇلارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى ۋە بالا تۇرغان يەرگە كېلىپ توختىدى. |
ئۇلار ھېلىقى يۇلتۇزنى كۆرگىنىدىن ئىنتايىن قاتتىق شادلىنىشتى |
ھەم ئۆيگە كىرىپ، بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن كۆرۈپ، يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، خەزىنىلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستىكى، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى سۇنۇشتى. |
ئۇلارغا چۈشىدە ھېرودنىڭ يېنىغا بارماسلىق توغرىسىدىكى ۋەھىي كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار باشقا يول بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشتى. |
ئۇلار يولغا كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ. مەن ساڭا ئۇقتۇرغۇچە ئۇ يەردە تۇرغىن. چۈنكى ھېرود بالىنى يوقىتىشقا ئىزدەپ كېلىدۇ ــ دېدى. |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، شۇ كېچىلا بالا ۋە ئانىسى ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. |
ئۇ ھېرود ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى. شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان: «ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. |
ھېرود بولسا دانىشمەنلەردىن ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ دانىشمەنلەردىن ئېنىقلىغان ۋاقىتقا ئاساسەن، ئادەملەرنى ئەۋەتىپ بەيت-لەھەم يېزىسى ۋە ئەتراپىدىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرگۇزدى. |
شۇ چاغدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ |
«راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار، بۇ راھىلەنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ بالىلىرىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگىنى تۈپەيلىدىن، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ». |
ئەمدى ھېرود ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى مىسىردا تۇرغان يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ |
ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايت! چۈنكى بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى، ــ دېدى. |
بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىل زېمىنىغا قايتتى. |
ئۇ ئارخېلائۇسنىڭ ئاتىسى ھېرود پادىشاھنىڭ ئورنىغا تەختكە ئولتۇرۇپ يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقىنىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ يەرگە قايتىشتىن قورقتى؛ ۋە چۈشىدە ئۇنىڭغا بىر ۋەھىي كېلىپ، گالىلىيە زېمىنىغا بېرىپ، |
ناسارەت دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزىدا ئولتۇراقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق: «ئۇ ناسارەتلىك دەپ ئاتىلىدۇ» دېيىلگىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. |