< Jeremia 2 >

1 Och Herrans ord skedde till mig, och sade:
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 Gack bort, och predika uppenbarliga i Jerusalem, och säg: Så säger Herren: Jag tänker uppå den välgerning, som dig skedde i dinom ungdom, och den kärlek, som jag dig beviste, då du vast dägelig, då du följde mig i öknene, uti det land der man intet sår;
بېرىپ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا مۇنداق جار سالغىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنىڭ ياش ۋاقتىڭدىكى ۋاپادارلىقىڭنى، يەنى قىزنىڭ ئاشىقىغا بولغان مۇھەببىتىدەك سېنىڭ چۆل-باياۋاندا، يەنى تېرىلمىغان يەرلەردە ماڭا ئەگىشىپ يۈرگەنلىرىڭنى سېنىڭ ئۈچۈن ئەسلەيمەن.
3 Då Israel Herrans egen var, och hans första, frukt; den honom fräta ville, han måste få skuld, och olycka öfver honom komma, säger Herren.
شۇ چاغدا ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا پاك، ئالاھىدە ئاتالغان، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆز ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسى دەپ قارالغانىدى؛ ئۇلارنى يەۋالماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار دەپ ھېسابلانغانىدى ھەم ئۇلارنىڭ باشلىرىغا بالايىئاپەت چۈشكەنىدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
4 Hörer Herrans ord, I af Jacobs hus, och all slägte af Israels hus.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى: ــ
5 Detta säger Herren: Hvad hafver edra fäder fattats uppå mig, att de trädde ifrå mig, och föllo intill de onyttiga afgudar, der de dock intet förvärfde;
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مەندە زادى قانداق ئادالەتسىزلىكلەرنى بايقاپتۇ، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا بىمەنە بۇتلارغا باش ئۇرۇپ، ئۆزلىرى بىمەنە بولۇپ كەتتى؟
6 Och tänkte icke ens: Hvar är Herren, den oss utur Egypti land förde, och ledde oss i öknene, uti en öde vildmark, uti en torro och mörko mark, uti de mark der ingen vistades, eller någor menniska bodde?
ئۇلار ھېچقاچان: «بىزنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىپ، باياۋاندىن، يەنى چۆل-دەشت ۋە تىك ئازگاللار بىلەن قاپلانغان جايلاردىن، قۇرغاقچىلىق ۋە ئۆلۈم سايىسى ئوراپ تۇرغان يەرلەردىن، ئادەمزات ئۆتمەيدىغان ھەمدە ئىنسان تۇرمايدىغان شۇ باياۋاندىن بىزنى ئۆتكۈزگەن پەرۋەردىگار قېنى؟» دەپ سوراپ قويۇشماپتىغۇ؟
7 Och jag hade eder in uti ett godt land, att I dess frukt och dess goda äta skullen; och då I der inkommen, orenaden I mitt land, och gjorden mitt arf till en styggelse.
مەن سىلەرنى مېۋىسى ھەم مولچىلىقىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن مۇنبەت بىر زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنمەن؛ سىلەر كېلىپ زېمىنىمنى بۇلغىدىڭلار، مېنىڭ مىراسىمنى يىرگىنچلىك بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار.
8 Presterna tänkte intet: Hvar är Herren? Och de lärde aktade mig intet; och herdarna förde folket ifrå mig, och Propheterna propheterade om Baal, och föllo intill de onyttiga afgudar.
كاھىنلار: «پەرۋەردىگار قېنى؟» دەپ ھېچ سوراپ قويمىدى؛ تەۋرات-قانۇن ئىجراچىلىرى مېنى ھېچ تونۇمىدى؛ خەلق پادىچىلىرى ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ پەيغەمبەرلەر بولسا بائالنىڭ نامىدا بېشارەت بەردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھېچ پايدىسىز بىمەنە نەرسىلەرگە ئەگىشىپ كەتتى.
9 Jag måste ju alltid träta med eder, och edrom barnabarnom, säger Herren.
شۇڭا سىلەر بىلەن دەۋالاشماقچىمەن، بالىلىرىڭلار ھەم بالىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بىلەن دەۋالىشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
10 Går bort till Chittims öar, och ser till, och sänder till Kedar, och märker granneliga, och skåder till, om det går så der till;
ــ سىلەر سىپرۇستىكى دېڭىز بويلىرىغا ئۆتۈپ بېقىڭلار، كېدارغا تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ بېقىڭلار ــ مۇشۇنداق بىر ئىش زادى بولۇپ باققانمۇ-يوق دەپ كۆرۈپ بېقىڭلار ــ
11 Om Hedningarna omskifta sina gudar, ändock de inga gudar äro, och mitt folk hafver likväl omskift sina härlighet uti en onyttig afgud.
قايسى بىر ئەل ئۆز ئىلاھلىرىنى (ئۇلار ھېچ ئىلاھ ئەمەس، ئەلۋەتتە) ئۆزگەرتكەنمۇ؟ لېكىن مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ شان-شەرىپى بولغۇچىسىنى بولسا پايدىسىز-بىمەنە بىر نەرسىگە ئالماشتۇرغان.
12 Måtte dock himmelen gifva sig dervid, förskräckas och bäfva, säger Herren.
بۇنىڭغا ئەجەبلىنىڭلار، ئى ئاسمانلار؛ ھاڭ-تاڭ بولۇڭلار! ساراسىمىگە چۈشۈڭلار! چۆچۈڭلار! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
13 Ty mitt folk gör en dubbel synd: Mig, som är en lefvande källa, öfvergifva de, och göra sig brunnar, ja, usla brunnar; ty de gifva intet vatten.
ــ چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ئىككى رەزىل ئىشنى قىلدى؛ ئۇلار ھاياتلىق سۇ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى؛ ئاندىن ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ئازگاللىرىنى، يەنى سۇ تۇرمايدىغان يېرىق سۇ ئازگاللىرىنى يونۇپ چىقتى.
14 Är då Israel en träl eller lifegen, att han hvars mans rof vara måste?
ئىسرائىل ئەسلى قۇلمىدى؟ ئۇ خوجايىننىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان قۇلمىدى؟ نېمىشقا ئەمدى ئۇ ئولجىغا ئايلىنىپ قالدى؟
15 Ty lejonen ryta öfver honom, och ropa, och föröda hans land, och förbränna hans städer, så att der bor ingen uti.
ياش شىرلار ئۇنى ئولجا قىلىپ ھۆركىرىدى؛ ئۇلار ئاۋازىنى قويۇۋەتتى؛ ئۇلار [ئىسرائىل] زېمىنىنى ۋەيرانە قىلدى؛ شەھەرلىرى كۆيدۈرۈلدى، ئادەمزاتسىز قالدى.
16 De af Noph och Thahpanhes förkrossa dig hufvudet.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا نوف ۋە تاھپانەس شەھىرىدىكىلەرمۇ چوققاڭنى يېرىۋەتتى.
17 Detta gör du dig sjelf, i det att du öfvergifver Herran din Gud, så ofta han dig den rätta vägen leda vill.
بۇ ئىشلارنى ئۆزۈڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟ ــ چۈنكى ساڭا يول باشلاۋاتقىنىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن ۋاز كەچكەنىدىڭ.
18 Hvad hjelper dig det, att du far in uti Egypten, och vill dricka af det vattnet Sihor? Och hvad hjelper dig det, att du far till Assyrien, och vill dricka af älfvene ( Phrath )?
ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە يەنە شىھور دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ يولىنى باسقىنىڭ نېمىسى؟ [ئەفرات] دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن ئاسۇرىيەنىڭ يولىنى باسقىنىڭ نېمىسى؟
19 Det är dine ondskos skull, att du så plågad varder, och dine olydnos, att du så näpst varder: Alltså, måste du få veta och förfara, hvad jämmer och sorg det med sig hafver, att du öfvergifver Herran din Gud, och icke fruktar mig, säger Herren, Herren Zebaoth.
ئۆز رەزىللىكىڭ ئۆزۈڭگە ساۋاق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۆزۈڭنىڭ يېنىمدىن چەتنەپ كەتكىنىڭ ئۆزۈڭگە تەنبىھ بولىدۇ؛ ئەمدى سېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭ ۋە مېنىڭ قورقۇنچۇمنىڭ سەندە بولماسلىقىنىڭ ئىنتايىن رەزىل ھەمدە زەرداپقا تولغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ قوي، ــ دەيدۇ رەب، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
20 Ty du hafver af ålder sönderbrutit ditt ok, och sönderslitit din band, och sagt: Jag vill icke så undertryckt vara; utan uppå all hög berg och under all grön trä lopp du efter horeri.
چۈنكى سەن قەدىمدىنلا مەن ساڭا سالغان بويۇنتۇرۇقنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ رىشتىنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنسەن؛ سەن: «قۇللۇقۇڭدا بولمايمەن!» دېدىڭ. چۈنكى بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكتە ۋە بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىدا سەن پاھىشە ئايالدەك كېرىلىپ ياتقانسەن.
21 Men jag hade planterat dig till ett sött vinträ, och till en ganska rättsinnig säd; huru äst du då nu mig vorden till ett bittert vildt vinträ?
لېكىن مەن بولسام سېنى ئەسلى ئېسىل سورتلۇق ئۈزۈم تېلىدىن، سەرخىل ئۇرۇقتىن تىككەنىدىم؛ سەن ماڭا نىسبەتەن قانداقمۇ يات ۋە ياۋا بىر سېسىق ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭ؟
22 Och om du än tvådde dig med lut, och toge der mycken såpo till, så synes dock din ondsko dessmer för mig, säger Herren Herren.
چۈنكى سەن شۇلتا بىلەن يۇيۇنساڭمۇ، كۆپ ئاقارتقۇچ سوپۇن ئىشلەتسەڭمۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ مېنىڭ ئالدىمدا تېخى داغ بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
23 Huru tör du då säga: Jag är intet oren: jag håller mig icke intill Baalim? Se till, huru du hafver bedrifvit det i dalenom, och betänk, huru du gjort hafver; du lopp omkring såsom en camelinna uti sinom hetta;
سەن قانداقمۇ: «مەن ھېچ بۇلغانغان ئەمەسمەن، مەن «بائاللار»غا ھېچ ئەگەشمىدىم!» دېيەلەيسەن؟ جىلغىدا ماڭغان يولۇڭنى كۆرۈپ باق، قىلمىشلىرىڭنى ئىقرار قىل ــ سەن ئۆز يوللىرىدا ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرىدىغان چاققاق ھىڭگاندۇرسەن!
24 Och såsom vildåsnen plägar i öknene, då han af stor hetta så oförvägen löper, att ingen kan stilla honom. Den som det veta vill, han torf icke vida löpa; på vexledagomen ser man det väl.
سەن چۆل-باياۋانغا ئادەتلەنگەن، ھەۋىسى قوزغالغاندا شامالنى پۇراپ يۈرىدىغان بىر ياۋايى مادا ئېشەكسەن! كۈيلىگەندە كىم ئۇنى توسالىسۇن؟ ئۇنى ئىزدىگەن ھاڭگىلار ئۆزلىرىنى ھېچ ئۇپراتمايدۇ؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى ئىزدەپ تاپماق ئاساندۇر.
25 Käre, håll dock stilla, och löp icke så oförvägen; men du sade: Der varder intet af; jag måste bola med de främmande, och löpa efter dem.
[ئى ئىسرائىل]، [بىكار يۈگۈرۈپ]، پۇتۇڭنى ئاياغسىز، گېلىڭنى ئۇسسۇلۇقسىز قىلىپ قويما! لېكىن سەن بۇنىڭغا: «ياق! خام خىيال قىلما! چۈنكى مەن بۇ يات [ئىلاھلارنى] ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىمەن!» ــ دېدىڭ.
26 Lika som en tjuf kommer till skam, då han gripen varder; alltså skall Israels hus på skam komma, samt med deras Konungar, Förstar, Prester och Propheter;
ئوغرى تۇتۇلۇپ قېلىپ خىجالەتكە قالغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىمۇ خىجالەتكە قالىدۇ ــ يەنى ئۆزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، كاھىنلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى ــ
27 Hvilke till trät säga: Du äst min fader; och till stenen: Du hafver födt mig; ty de vände ryggen till mig, och icke ansigtet; men när nöd är på, så säga de: Upp, och hjelp oss.
ئۇلار ياغاچ كۆتىكىگە: «ئاتام!» ۋە تاشقا: «سەن مېنى تۇغدۇردۇڭ!» دەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يۈزىنى ماڭا قاراتماي، ئەكسىچە ماڭا ئارقىسىنى قىلدى؛ لېكىن كۈلپەت بېشىغا چۈشكەندە ئۇلار: «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بىزنى قۇتقۇزغايسەن!» دەيدۇ.
28 Hvar äro då dine gudar, som du dig gjort hafver? Bed dem stå upp; låt se, om de kunna hjelpa dig i dine nöd; ty så många städer, så många gudar hafver du, Juda.
ئەمدى ئۆزۈڭگە ياسىغان ئىلاھلىرىڭ قېنى!؟ كۈلپەت بېشىڭغا چۈشكەندە سېنى قۇتقۇزالايدىغان بولسا، ئۇلار ئورنىدىن تۇرسۇن! ــ چۈنكى شەھەرلىرىڭ قانچە كۆپ بولسا بۇتلىرىڭمۇ شۇنچە كۆپتۇر، ئى يەھۇدا!
29 Hvad viljen I ännu gå till rätta med mig? I ären alle ifrå mig fallne, säger Herren.
نېمىشقا سىلەر مەن بىلەن دەۋاغا چۈشمەكچىسىلەر؟ سىلەر ھەممىڭلار ماڭا ئاسىيلىق قىلغانسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
30 All hugg äro förgäfves på edor barn, de låta dock intet tukta sig; ty edart svärd uppfräter likväl edra Propheter, såsom ett grymt lejon.
بالىلىرىڭنى بىكاردىن بىكار ئۇرۇپ قويدۇم؛ ئۇلار ھېچ تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۆز قىلىچىڭ يىرتقۇچ شىردەك پەيغەمبەرلىرىڭنى يەۋەتتى.
31 Du onda art, gif akt uppå Herrans ord: Är jag nu vorden Israel till en öken eller ödemark? Hvi säger då mitt folk: Vi äre herrar, och vilje intet löpa efter dig?
ئى بۇ دەۋر كىشىلىرى! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! مەن ئىسرائىلغا چۆل-باياۋان ياكى قاپقاراڭغۇلۇق باسقان زېمىن بولۇپ باققانمۇ؟ مېنىڭ خەلقىم نېمىشقا: «نەگىلا بارساق ئۆز ئەركىمىز؛ ئەمدى يېنىڭغا يەنە كەلمەيمىز!» ــ دەيدۇ؟
32 En jungfru förgäter dock icke sin krans, eller en brud sina hedersgåfvo; men mitt folk förgäter mig evinnerliga.
قىز زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ توي قىلىدىغان قىز توي كىيىملىرىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ لېكىن ئۆز خەلقىم سان-ساناقسىز كۈنلىرىدە مېنى ئۇنتۇدى.
33 Hvad bepryder du mycket ditt väsende, att jag skall vara dig nådelig? Under sådana sken bedrifver du ju mer och mer ondt.
سەن ئىشق ئىزدەپ بارىدىغان يوللارغا شۇنچە ماھىر بولۇپ كەتتىڭ! بەرھەق، ھەتتا ئەڭ بۇزۇق ئاياللارغا يوللىرىڭنى كۆرسەتتىڭ.
34 Dertill finner man de fattigas och oskyldigas själars blod när dig i all rum; och det är icke hemligit, utan uppenbart uti de samma rum.
ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇڭنىڭ پەشلىرىدە گۇناھسىز نامراتلارنىڭ قېنى بار! سەن ئۇلارنى تېمىڭنى تېشىپ ئوغرىلىققا كىرگىنى ئۈچۈن ئۆلتۈردىڭمۇ؟! ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق تۇرسىمۇ،
35 Och du säger ännu: Jag är oskyldig; han vände sina vrede ifrå mig; si, jag vill gå till rätta med dig om det du säger: Jag hafver icke syndat.
سەن تېخى: «مەندە گۇناھ يوق؛ [رەب] مەندىن رەنجىۋەرمەيدۇ!» دەيسەن. بىلىپ قوي! مەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن، چۈنكى سەن: «مەن گۇناھ سادىر قىلمىدىم!» ــ دەۋېرىسەن.
36 Hvi hvekar du så mycket, och faller nu hit och nu dit? Men du skall till skam varda med Egypten, lika som du med Assyrien till skam vorden äst.
سەن نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇيان-بۇيان قاتراپ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىسەن؟ سەن ئاسۇرىيە تەرىپىدىن يەرگە قارىتىلغاندەك مىسىر تەرىپىدىنمۇ يەرگە قارىتىلىسەن.
37 Ty du måste ock dädan draga, och slå dina händer tillhopa uppå hufvudet; ty Herren skall låta ditt hopp fela, och intet skall lyckas dig när dem.
بەرھەق، سەن مىسىردىن قوللىرىڭنى بېشىڭغا ئالغان پېتى چىقىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن يۆلەنچۈك قىلغانلارنى چەتكە قاقتى؛ سەن ئۇلاردىن ھېچ پايدا كۆرمەيسەن.

< Jeremia 2 >