< Kutoka 33 >

1 Kisha Bwana akamwambia Mose, “Ondoka mahali hapa, wewe pamoja na hao watu uliowapandisha kutoka Misri, mpande mpaka nchi niliyomwahidi Abrahamu, Isaki na Yakobo kwa kiapo, nikisema, ‘Nitawapa wazao wenu nchi hii.’
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭ مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كەلگەن خەلق بىلەن بىللە مۇشۇ يەردىن كېتىپ: «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارغىن.
2 Nitamtuma malaika mbele yenu, naye atawafukuza Wakanaani, Waamori, Wahiti, Waperizi, Wahivi na Wayebusi.
شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، قانائانىي، ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىيلەرنى، ھىۋىي بىلەن يەبۇسىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ،
3 Pandeni mwende katika nchi itiririkayo maziwa na asali. Lakini mimi sitakwenda pamoja nanyi, kwa sababu ninyi ni watu wenye shingo ngumu, nisije nikawaangamiza njiani.”
سېنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كەلتۈرىمەن. چۈنكى سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق بولغاچقا، يولدا سىلەرنى ھالاك قىلىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولۇپ، شۇ [زېمىنغا] بىللە چىقمايمەن، ــ دېدى.
4 Watu waliposikia habari hizo za huzuni, wakaanza kuomboleza wala hakuna mtu aliyevaa mapambo yoyote.
خالايىق بۇ قاتتىق سۆزنى ئاڭلاپ، قايغۇغا چۆمۈپ ھېچقايسىسى ئۆز زىبۇ-زىننەتلىرىنى تاقىمىدى.
5 Kwa kuwa Bwana alikuwa amemwambia Mose, “Waambie Waisraeli, ‘Ninyi ni watu wenye shingo ngumu. Kama ningefuatana nanyi hata kwa muda mfupi, ningewaangamiza. Sasa vueni mapambo yenu, nami nitaamua nitakalowatendea.’”
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا: «[پەرۋەردىگار]: ــ سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق ئىكەنسىلەر؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگار ئاراڭلارغا چىقىپ بىر دەقىقىلا تۇرسام، سىلەرنى يوقىتىۋەتكەن بولاتتىم. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىكى زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېلىۋېتىڭلار؛ شۇ چاغدا مەن سىلەرگە نېمە قىلىدىغىنىمنى بىلىمەن، دېدى»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېگەنىدى.
6 Hivyo Waisraeli wakavua mapambo yao katika Mlima wa Horebu.
شۇڭا ئىسرائىللار ھورەب تېغىدىن ئايرىلىپلا زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۆزلىرىدىن ئېلىۋەتتى.
7 Basi Mose alikuwa na desturi ya kuchukua hema na kuliweka wakfu nje ya kambi umbali kiasi, akaliita “Hema la Kukutania.” Kila aliyekuwa akiulizia shauri kwa Bwana, angelikwenda katika Hema la Kukutania nje ya kambi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆز چېدىرىنى ئېلىپ، ئۇنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا، چېدىرگاھدىن نېرىراق بىر جايغا تىكىپ، ئۇنى «كۆرۈشۈش چېدىرى» دەپ ئاتىدى. كىمكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ، يول سورىماقچى بولسا چېدىرگاھنىڭ سىرتىدىكى «كۆرۈشۈش چېدىرى»غا باراتتى.
8 Wakati wowote Mose alipokwenda kwenye Hema, watu wote waliinuka na kusimama kwenye maingilio ya mahema yao, wakimwangalia Mose mpaka aingie kwenye Hema.
شۇنداق بولاتتىكى، ھەر قېتىم مۇسا چېدىرغا چىقسا، پۈتكۈل خالايىق قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئۆرە تۇرۇپ، مۇسا چېدىرغا كىرىپ بولغۇچە ئۇنىڭ كەينىدىن قارىشىپ تۇراتتى.
9 Kila mara Mose alipoingia ndani ya hema, nguzo ya wingu ingeshuka chini na kukaa kwenye ingilio, wakati Mungu akizungumza na Mose.
ئاندىن مۇسا ھەر قېتىم چېدىرغا كىرىپ كەتسە شۇنداق بولاتتىكى، بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى.
10 Kila mara watu walipoona hiyo nguzo ya wingu ikiwa imesimama kwenye ingilio la hema, wote walisimama wakaabudu, kila mmoja kwenye ingilio la hema lake.
پۈتكۈل خالايىق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختىغىنىنى كۆرەتتى؛ ئۇنى كۆرگىنىدە خەلقنىڭ ھەممىسى قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ سەجدە قىلىشاتتى.
11 Bwana angezungumza na Mose uso kwa uso, kama vile mtu azungumzavyo na rafiki yake. Kisha Mose angerudi kambini, lakini msaidizi wake kijana Yoshua mwana wa Nuni hakuondoka mle Hemani.
شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن كىشىلەر ئۆز دوست-بۇرادىرى بىلەن سۆزلەشكەندەك، يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. ئاندىن مۇسا چېدىرگاھغا يېنىپ كېلەتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا دېگەن ياش يىگىت چېدىرنىڭ ئىچىدىن چىقمايتتى.
12 Mose akamwambia Bwana, “Umekuwa ukiniambia, ‘Ongoza watu hawa,’ lakini hujanifahamisha ni nani utakayemtuma pamoja nami. Umesema, ‘Ninakujua wewe kwa jina lako, nawe umepata kibali mbele zangu.’
مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: ــ مانا، سەن دائىم ماڭا: «بۇ خەلقنى ئېلىپ چىققىن» دەپ كەلدىڭ؛ لېكىن ئۆزۈڭ ماڭا: «مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن»، ۋە شۇنىڭدەك «نەزىرىم ئالدىدا ئىلتىپات تاپتىڭ» دېگەن بولساڭمۇ، سەن مېنىڭ بىلەن بىرگە كىمنى ئەۋەتىدىغىنىڭنى ماڭا ئايان قىلمىدىڭ.
13 Ikiwa umependezwa nami, nifundishe njia zako ili nipate kukujua, nami nizidi kupata kibali mbele zako. Kumbuka kuwa taifa hili ni watu wako.”
ئەگەر مەن راستتىنلا نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆزۈمنىڭ سېنى تونۇشۇم ئۈچۈن، نەزىرىڭدە ئىلتىپات تېپىۋېرىشىم ئۈچۈن ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئايان قىلغايسەن؛ مانا، بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ بولغىنىنى نەزىرىڭدە تۇتقايسەن! ــ دېدى.
14 Bwana akajibu, “Uso wangu utakwenda pamoja nawe, nami nitakupa raha.”
ئۇ جاۋاب بېرىپ: مەن ئۆزۈم [سەن] بىللە بىللە بېرىپ، ساڭا ئارام ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى.
15 Kisha Mose akamwambia, “Kama Uso wako hauendi pamoja nasi, usituondoe hapa.
مۇسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەگەر سەن ئۆزۈڭ [بىز] بىلەن بىللە ماڭمىساڭ، بىزنى بۇ يەردىن چىقارمىغايسەن؛
16 Mtu yeyote atajuaje kuwa mimi pamoja na watu wako tumepata kibali mbele zako, usipokwenda pamoja nasi? Ni nini kingine kitakachoweza kututofautisha mimi na watu wako miongoni mwa watu wengine wote walio katika uso wa dunia?”
چۈنكى، مەن ۋە خەلقىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمىز نېمىدىن بىلىنىدۇ؟ ئەجەبا، ئۆزۈڭنىڭ بىز بىلەن بىللە ماڭغىنىڭدىن بىلىنمەمدۇ؟ شۇ سەۋەبتىن مەن ۋە خەلقىڭ يەر يۈزىدىكى ھەربىر تائىپىلەردىن ئالاھىدە پەرقلەنمەمدۇق؟! ــ دېدى.
17 Bwana akamwambia Mose, “Nitakufanyia jambo lile uliloomba, kwa sababu ninapendezwa nawe, nami ninakujua kwa jina lako.”
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مۇشۇ ئىلتىجايىڭنىمۇ ئىجابەت قىلىمەن؛ چۈنكى سەن نەزىرىمدە ئىلتىپات تاپتىڭ ۋە مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن، دېدى.
18 Kisha Mose akasema, “Basi nionyeshe utukufu wako.”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا: ــ ئۆز شان-شەرپىڭنى ماڭا كۆرسەتكەيسەن، ــ دېدى.
19 Ndipo Bwana akasema, “Nitapitisha wema wangu wote mbele yako, nami nitalitangaza Jina langu, Bwana, mbele ya uso wako. Nitamrehemu yeye nimrehemuye, na pia nitamhurumia yeye nimhurumiaye.”
[پەرۋەردىگار]: ــ ئۆزۈمنىڭ پۈتكۈل مېھرىبانلىقىمنى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدىن ئۆتكۈزىمەن ۋە ئالدىڭدا «ياھۋەھ» دېگەن نامنى جاكارلايمەن. كىمگە شاپائەت قىلماقچى بولسام شۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتىمەن، كىمگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمەكچى بولسام، شۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن، دېدى.
20 Lakini Mungu akasema, “Hutaweza kuuona uso wangu, kwa kuwa hakuna mtu yeyote awezaye kuniona akaishi.”
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن يۈزۈمنى كۆرەلمەيسەن؛ چۈنكى ھېچ ئادەمزات مېنى كۆرسە تىرىك قالمايدۇ، دېدى.
21 Kisha Bwana akasema, “Kuna mahali karibu nami ambapo unaweza kusimama juu ya mwamba.
ئاندىن پەرۋەردىگار: ــ مانا، يېنىمدا بىر جاي باردۇر؛ سەن شۇ يەردىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرغىن.
22 Utukufu wangu unapopita, nitakuweka gengeni kwenye mwamba na kukufunika kwa mkono wangu mpaka nitakapokwisha kupita.
مېنىڭ شان-شەرىپىم ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، شۇنداق بولىدۇكى، مەن سېنى شۇ قورام تاشنىڭ يېرىقىدا تۇرغۇزۇپ، مەن ئۆتۈپ بولغۇچە سېنى قولۇم بىلەن يېپىپ تۇرىمەن.
23 Kisha nitaondoa mkono wangu nawe utaona mgongo wangu; lakini kamwe uso wangu hautaonekana.”
ئاندىن قولۇمنى تارتىۋالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ ئارقا تەرىپىمنى كۆرىسەن، لېكىن يۈزۈم كۆرۈنمەيدۇ، ــ دېدى.

< Kutoka 33 >