< Torati 28 >

1 Kama ukimtii Bwana Mungu wako kwa bidii na kufuata amri zake zote ninazokupa leo kwa bidii, Bwana Mungu wako atakuweka juu ya mataifa yote katika dunia.
ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ مەن بۈگۈن ساڭا تاپشۇرىدىغان ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەڭ، خۇدايىڭ پەرۋەردىگار سېنى يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەرنىڭ ئۈستىگە چوڭ قىلىدۇ؛
2 Baraka hizi zote zitakuja juu yako na kukupata, kama ukimtii Bwana Mungu wako:
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىساڭ بۇ ھەممە بەخت-بەرىكەتلەر ساڭا ئەگىشىپ ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ: ــ
3 Utabarikiwa mjini na utabarikiwa mashambani.
سەن شەھەردە بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن، سەھرادىمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن.
4 Utabarikiwa uzao wa tumbo lako, na mazao ya nchi yako na wanyama wako wachanga wa kufugwa, yaani ndama wa makundi yako ya ngʼombe, na wana-kondoo wa makundi yako.
بالىياتقۇڭنىڭ مېۋىسى بىلەن يېرىڭنىڭ مېۋىسى، چارپايلىرىڭنىڭ مېۋىسى، يەنى كالاڭنىڭ نەسىللىرى ۋە قوي پادىلىرىڭ تۇغقىنى بولسا، بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ.
5 Kapu lako na vyombo vyako vya kukandia vitabarikiwa.
سېۋىتىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ، تەڭنەڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ.
6 Utabarikiwa uingiapo na utabarikiwa utokapo.
سەن كىرسەڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن، چىقساڭمۇ بەخت-بەرىكەتلىك بولىسەن.
7 Bwana atasababisha adui wainukao dhidi yako kushindwa mbele yako. Watakujia kwa njia moja lakini watakimbia mbele yako kwa njia saba.
ساڭا قارشى چىققان دۈشمەنلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئالدىڭدا مەغلۇپ قىلىدۇ؛ ئۇلار بىر يول بىلەن ساڭا ھۇجۇمغا كېلىپ، يەتتە يول بىلەن ئالدىڭدىن قاچىدۇ.
8 Bwana ataagiza baraka juu ya ghala zako na juu ya kila kitu utakachogusa kwa mkono wako. Bwana Mungu wako atakubariki katika nchi anayokupa.
سېنىڭ ئامبارلىرىڭدا ۋە قولۇڭ بىلەن قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىڭدا پەرۋەردىگار ئۈستۈڭگە بەخت-بەرىكەت بۇيرۇيدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا ئۇ سېنى بەرىكەتلەيدۇ.
9 Bwana atakufanya kuwa taifa lake takatifu, kama alivyokuahidi kwa kiapo, kama ukishika maagizo ya Bwana Mungu wako na kwenda katika njia zake.
ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتۇپ يوللىرىدا ماڭساڭ، ئۆزى قەسەم بىلەن ساڭا ۋەدە قىلغاندەك پەرۋەردىگار سېنى تىكلەپ ئۆزىگە مۇقەددەس بىر خەلق قىلىدۇ.
10 Kisha mataifa yote ya dunia wataona kuwa unaitwa kwa jina la Bwana, nao watakuogopa.
شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر سېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغىنىڭنى كۆرۈپ سەندىن قورقىدۇ.
11 Bwana atakupa kustawi kwa wingi, katika tunda la uzao wa tumbo lako, katika wanyama wachanga wa mifugo yako na katika mazao ya ardhi yako, katika nchi aliyowaapia baba zako kuwapa.
پەرۋەردىگار سېنى ياشنىتىدۇ؛ ساڭا بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىندا سېنى ئۆز بەدىنىڭنىڭ مېۋىسى بىلەن چارپايلىرىڭنىڭ مېۋىسى ۋە يېرىڭنىڭ مېۋىسىنى مول ۋە بەركەتلىك قىلىدۇ.
12 Bwana atafungua mbingu, ghala zake za baraka, kukupa mvua kwa majira yake na kubariki kazi zako zote za mikono yako. Utakopesha mataifa mengi lakini hutakopa kwa yeyote.
پەرۋەردىگار سېنىڭ زېمىنىڭغا ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر بېرىپ قوللىرىڭنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بەرىكەتلەش ئۈچۈن ئۆز خەزىنىسى بولغان ئاسماننى ساڭا ئاچىدۇ؛ ئۆزۈڭ ھېچ كىمدىن قەرز ئالمايسەن، بەلكى كۆپ ئەللەرگە قەرز بېرىسەن.
13 Bwana atakufanya kichwa, wala si mkia. Kama utazingatia maagizo ya Bwana Mungu wako ninayokupa siku hii ya leo na kuyafuata kwa bidii, daima utakuwa juu, kamwe hutakuwa chini.
پەرۋەردىگار سېنى قۇيرۇق ئەمەس، باش قىلىدۇ؛ سەن پەقەت ئۈستى بولۇپ، ئاستى بولمايسەن. ئەگەر مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ ئەمەل قىلساڭ،
14 Usihalifu amri zangu zozote ninazokupa leo, kwa kwenda kuume au kushoto, kwa kufuata miungu mingine na kuitumikia.
شۇنداقلا مەن بۈگۈن سىلەرگە بۇيرۇغان ھەممە سۆزلەرنىڭ ھېچ بىرىدىن ئوڭ ياكى سولغا چەتنەپ كەتمىسەڭ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ قۇللۇقىغا كىرمىسەڭ، شۇنداق بولىدۇ.
15 Hata hivyo, kama hutamtii Bwana Mungu wako na kuzishika kwa bidii amri zake zote na maagizo ninayokupa leo, laana hizi zote zitakuja juu yako na kukupata:
لېكىن شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرى بىلەن بەلگىلىمىلىرىنى تۇتمىساڭلار ھەم ئۇلارغا ئەمەل قىلمىساڭلار، بۇ لەنەتلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا ئەگىشىپ ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ: ــ
16 Utalaaniwa mjini na utalaaniwa mashambani.
سەن شەھەردە لەنەتكە قالىسەن، سەھرادىمۇ لەنەتكە قالىسەن.
17 Kapu lako na chombo chako cha kukandia kitalaaniwa.
سېۋىتىڭ لەنەتكە قالىدۇ، تەڭنەڭمۇ لەنەتكە قالىدۇ.
18 Uzao wa tumbo lako utalaaniwa, mazao ya ardhi yako, ndama wa makundi yako ya ngʼombe na wana-kondoo wa makundi yako.
بالىياتقۇڭنىڭ مېۋىسى، يېرىڭنىڭ مېۋىسى، كالاڭنىڭ نەسىللىرى ۋە قوي پادىلىرىڭنىڭ تۇغقىنى لەنەتكە قالىدۇ.
19 Utalaaniwa uingiapo na utokapo.
سەن كىرسەڭمۇ لەنەتكە قالىسەن، چىقساڭمۇ لەنەتكە قالىسەن.
20 Bwana ataleta laana juu yako, fadhaa na kukaripiwa katika kila kitu unachokigusa kwa mkono wako, mpaka uwe umeharibiwa na kuangamizwa ghafula kwa ajili ya maovu uliyoyafanya kwa kumwacha yeye.
سېنىڭ پەرۋەردىگارنى تاشلىغان رەزىل قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن ئۇ سەن يوق قىلىنغۇچە، تېزدىن ھالاك قىلىنغۇچە، قولۇڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىڭدا سېنىڭ ئۈستۈڭگە لەنەت، پاراكەندىلىك ۋە دەشنەم چۈشۈرىدۇ.
21 Bwana atakupiga kwa magonjwa mpaka akuangamize kutoka nchi unayoingia kuimiliki.
پەرۋەردىگار سەن ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندىن سېنى يوقاتقۇچە ساڭا ۋابا چاپلاشتۇرىدۇ.
22 Bwana atakupiga kwa magonjwa ya kudhoofisha, kwa homa na kuwashwa, hari na kwa ukame, kutu na kuwa na uchungu ambavyo vitakupiga mpaka uangamie.
پەرۋەردىگار سېنى سىل-ۋابا كېسىلى، كېزىك كېسىلى، ياللۇغلۇق كېسىلى ۋە بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ، قۇرغاقچىلىق، چاۋىرىش ئاپىتى ۋە ھال ئاپىتىگە مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ ئاپەتلەر سەن يوق قىلىنغۇچە سېنى قوغلايدۇ.
23 Anga juu yako itakuwa shaba, na ardhi chini yako itakuwa chuma.
بېشىڭنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمان مىستەك، ئايىغىڭنىڭ ئاستىدىكى يەر تۆمۈردەك بولىدۇ.
24 Bwana atafanya mvua ya nchi yako kuwa mavumbi na mchanga; vitakujia kutoka angani mpaka uangamie.
پەرۋەردىگار سېنىڭ زېمىنىڭدا ياغىدىغان يامغۇرنى توپا-چاڭ ۋە قۇم قىلىدۇ؛ ئۇلار تاكى سەن ھالاك بولغۇچە ئاسماندىن ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ.
25 Bwana atakufanya ushindwe mbele ya adui zako. Utawajia kwa njia moja lakini utawakimbia mbele yao kwa njia saba, nawe utakuwa kitu cha kuchukiza kwa falme zote za dunia.
پەرۋەردىگار ئۆزى سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سەن ئۇلارغا قارشى بىر يول بىلەن بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن يەتتە يول بىلەن قاچىسەن؛ يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەرنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان ئوبيېكت بولۇپ قالىسىلەر.
26 Mizoga yenu itakuwa chakula cha ndege wa angani na wanyama wa nchi, wala hapatakuwepo mtu yeyote wa kuwafukuza.
ئۆلۈكلىرىڭلار ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار بىلەن يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ؛ ئۇلارنى ھەيدىۋېتىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.
27 Bwana atakupiga kwa majipu ya Misri na kwa vidonda vitokavyo usaha na kuwashwa, ambako huwezi kuponywa.
پەرۋەردىگار سېنى مىسىردىكى ساقايماس يارا-چاقىلىرى، چىقان-ھۈررەكلەر، تەمرەتكە، قىچىشقاق بىلەن ئۇرىدۇ.
28 Bwana atakupiga kwa wazimu, upofu na kuchanganyikiwa kwa akili.
پەرۋەردىگار سېنى ساراڭلىق، كورلۇق ۋە پاراكەندىلىك بىلەن ئۇرىدۇ.
29 Wakati wa adhuhuri utapapasapapasa huku na huko kama mtu kipofu katika giza. Hutafanikiwa katika lolote ufanyalo; siku baada ya siku utaonewa na kunyangʼanywa, wala hakuna yeyote atakayekuokoa.
سەن كۈپكۈندۈزدە كور كىشى قاراڭغۇدا تەمتىلىگەندەك تەمتىلەپ يۈرىسەن، بارلىق يوللىرىڭ ئاقمايدۇ؛ سەن كۈندىن-كۈنگە پەقەت زۇلۇم بىلەن بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغۇچى بولىسەن، سېنى قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.
30 Utaposa mke, lakini mtu mwingine atakutana naye kimwili. Utajenga nyumba, lakini hutaishi ndani yake. Utapanda shamba la mizabibu, lakini hutakula matunda yake.
سەن بىر خوتۇن بىلەن ۋەدىلەشسەڭ باشقا بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن ياتىدۇ؛ ئۆينى سالساڭ ئۇنىڭدا ئولتۇرالمايسەن، تەك تىككەن بولساڭ مېۋىسىنى يېيەلمەيسەن.
31 Ngʼombe wako atachinjwa mbele ya macho yako lakini hutakula nyama yake. Punda wako atachukuliwa kwa nguvu kutoka kwako wala hatarudishwa. Kondoo wako watapewa adui zako, wala hakuna mtu yeyote wa kuwaokoa.
كالاڭ كۆزلىرىڭنىڭ ئالدىدا سويۇلىدۇ، لېكىن گۆشىدىن يېيەلمەيسەن؛ قاراپ تۇرۇپ ئېشىكىڭ سەندىن بۇلاپ كېتىلىدۇ، ساڭا يېنىپ كەلمەيدۇ. قويلىرىڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ياندۇرۇپ كېلىشكە ياردەمگە ھېچكىم چىقمايدۇ.
32 Wanao na binti zako watatolewa kwa mataifa mengine, nawe utayachosha macho yako ukiwatazamia siku baada ya siku, hutakuwa na nguvu kuinua mkono.
ئوغۇل بىلەن قىزلىرىڭ باشقا بىر ئەلنىڭ قولىغا چۈشۈپ، كۆزلىرىڭ پۈتۈن كۈن ئۇلارغا تەلمۈرۈش بىلەن چارچايدۇ؛ لېكىن قولۇڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.
33 Taifa usilolijua watakula mazao ya nchi yako na taabu ya kazi yako, hutakuwa na chochote, bali kuonewa kikatili siku zako zote.
يېرىڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئەمگىكىڭنىڭ بارلىق مېۋىسىنى سەن تونۇمايدىغان بىر ئەل يەپ كېتىدۇ؛ سەن بارلىق كۈنلىرىڭدە ئېزىلىپ زۇلۇم تارتىسەن؛
34 Vitu utakavyoviona kwa macho yako vitakufanya wazimu.
كۆزلىرىڭ كۆرگەن ئىشلاردىن سەن ساراڭ بولۇپ كېتىسەن.
35 Bwana atayapiga magoti yako na miguu yako kwa majipu yenye maumivu makali yasiyoponyeka, yakienea kutoka nyayo za miguu yako hadi utosini.
پەرۋەردىگار سېنى تاپىنىڭدىن چوققاڭغىچە، تىزىڭ بىلەن پاچاق-پۇتلىرىڭغىچە ساقايماس دەھشەتلىك يارا-چاقىلار بىلەن ئۇرىدۇ.
36 Bwana atakupeleka wewe na mfalme uliyemweka juu yako uende kwenye taifa ambalo hukulijua wewe wala baba zako. Huko utaabudu miungu mingine, miungu ya miti na mawe.
پەرۋەردىگار سېنى ئۆز ئۈستۈڭگە تىكلىگەن پادىشاھىڭغا قوشۇپ ئۆزۈڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭ تونۇمىغان بىر ئەلگە تۇتۇپ بېرىدۇ. سەن شۇ يەردە تۇرۇپ ياغاچ ۋە تاشتىن ياسالغان باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىسەن.
37 Utakuwa kitu cha kuchukiza, tena kitu cha kudharauliwa na kudhihakiwa kwa mataifa yote huko Bwana atakakokupeleka.
سەن پەرۋەردىگار سېنى ئېلىپ بارىدىغان ھەممە ئەللەر ئارىسىدا ۋەھىمە، سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالىسەن.
38 Utapanda mbegu nyingi katika shamba lakini utavuna haba, kwa sababu nzige watazila.
سەن ئېتىزلىققا بېرىپ كۆپ ئۇرۇق چاچىسەن، لېكىن چېكەتكىلەر ئۇلارنى يەپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن ئاز يىغىپ كېلىسەن.
39 Utapanda mashamba ya mizabibu na kuyapalilia, lakini hutakunywa divai yake wala hutakusanya zabibu, kwa sababu wadudu watazila.
تاللارنى تىكىپ پەرۋىش قىلساڭمۇ، ئۇلارنى قۇرتلار يەپ كېتىپ، نە مېۋىسىنى يىغالمايسەن، نە شاراب ئىچەلمەيسەن.
40 Utakuwa na mizeituni katika nchi yako yote, lakini hutatumia hayo mafuta yake, kwa sababu zeituni zitapukutika.
زېمىنىڭنىڭ ھەر يېرىدە زەيتۇن باغلىرىڭ بولسىمۇ، ئۇنىڭ مېيى بىلەن بەدىنىڭنى مەسىھلەپ مايلىيالمايسەن؛ چۈنكى دەرەخلەردىكى مېۋىلەر پىشمايلا چۈشۈپ كېتىدۇ.
41 Utakuwa na wana na binti lakini hawatakuwa nawe, kwa sababu watachukuliwa mateka.
ئوغۇل ۋە قىز پەرزەنت كۆرسەڭمۇ، لېكىن ئۇلار يېنىڭدا تۇرمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.
42 Makundi ya nzige yatavamia miti yako yote na mazao ya nchi yako.
سېنىڭ ھەربىر دەرىخىڭ بىلەن يېرىڭنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى چېكەتكىلەر ئۆزىنىڭ قىلىدۇ.
43 Mgeni anayeishi miongoni mwako atainuka juu zaidi na zaidi kuliko wewe, lakini wewe utashuka chini zaidi na zaidi.
ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر سەندىن بارغانسېرى ئۈستۈن بولۇپ، سەن بارغانسېرى تۆۋەن بولۇپ قالىسەن.
44 Yeye atakukopesha, lakini wewe hutamkopesha. Yeye atakuwa kichwa, lakini wewe utakuwa mkia.
ئۇ ساڭا قەرز بەرگۈچى بولىدۇ، ئەمما سەن ئۇنىڭغا قەرز بېرەلمەيسەن. ئۇ باش بولىدۇ، سەن قۇيرۇق بولىسەن.
45 Laana hizi zote zitakuja juu yako. Zitakufuatia na kukupata mpaka uangamizwe, kwa sababu hukumtii Bwana Mungu wako, na kuzishika amri zake na maagizo yake aliyokupa.
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، ئۇ ساڭا تاپىلىغان ئەمر ۋە بەلگىلىمىلەرنى تۇتمىغىنىڭ ئۈچۈن بۇ لەنەتلەرنىڭ ھەممىسى سەن ھالاك قىلىنغۇچە سېنى قوغلاپ يېتىپ، ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ.
46 Zitakuwa ishara na ajabu kwako na kwa wazao wako milele.
بۇ لەنەتلەر ئۆزۈڭ ۋە نەسلىڭنىڭ ئۈستىگە مەڭگۈلۈك چۈشىدىغان مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەت بولۇپ قالىدۇ.
47 Kwa sababu hukumtumikia Bwana Mungu wako kwa furaha na kwa moyo wakati wa kufanikiwa kwako,
سەن كەڭرىچىلىكتە شادلىق ۋە كۆڭۈل خۇشلۇقى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇللۇقىدا بولمىغاچقا،
48 kwa hiyo katika njaa na kiu, katika uchi na umaskini wa kutisha, utawatumikia adui ambao Bwana atawatuma dhidi yako. Yeye ataweka nira ya chuma shingoni mwako hadi amekwisha kukuangamiza.
بۇنىڭ ئورنىغا سەن ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق، يالىڭاچلىق ۋە ھەر نەرسىنىڭ كەمچىلىكىدە بولۇپ پەرۋەردىگار ساڭا قارشى ئەۋەتىدىغان دۈشمەنلىرىڭنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ قالىسەن؛ ئۇ سېنى ھالاك قىلغۇچە بوينۇڭغا تۆمۈر بويۇنتۇرۇقنى سالىدۇ.
49 Bwana ataleta taifa dhidi yako kutoka mbali, kutoka miisho ya dunia, kama tai ashukiavyo mawindo chini, taifa ambalo hutaijua lugha yake,
پەرۋەردىگار يىراقتىن، يەنى يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن سەن تىلىنى بىلمەيدىغان، بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىدىغان بىر ئەلنى ساڭا قارشى ئەۋەتىدۇ.
50 taifa lenye uso mkali lisilojali wazee wala kuwahurumia vijana.
ئۇ ئەلپازى ئەشەددىي، قېرىلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايدىغان ۋە ياشلارغا مېھىر كۆرسەتمەيدىغان بىر ئەل بولىدۇ.
51 Watakula wadogo wa mifugo yako na mazao ya nchi yako mpaka umeangamia. Hawatakuachia nafaka, divai mpya au mafuta, wala ndama wowote wa kundi lako au wana-kondoo wa kundi lako mpaka umekuwa magofu.
ئۇ سەن ھالاك بولغۇچە، چارۋىلىرىڭنىڭ نەسلى بىلەن يېرىڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ سېنى يوقىتىپ بولمىغۇچە ساڭا نە ئاشلىق، نە يېڭى شاراب، نە زەيتۇن مېيى، نە كالاڭنىڭ موزايلىرى نە قوي پادىلىرىڭنىڭ قوزىلىرىدىن بىر نېمىنى قويمايدۇ.
52 Nao wataizingira miji yote katika nchi yako mpaka kuta ndefu za ngome ambazo unazitegemea zimeanguka. Watazingira miji yote katika nchi ambayo Bwana Mungu wako anakupa.
سەن تايانغان پۈتكۈل زېمىنىڭدىكى ھەممە ئېگىز، مەھكەم سېپىللىرىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكۈچە، ئۇ پۈتكۈل زېمىنىڭدىكى بارلىق دەرۋازىلىرىڭ ئالدىغا كېلىپ، سېنى قورشىۋالىدۇ؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بەرگەن زېمىنىڭنىڭ ھەر يېرىدىكى ھەممە دەرۋازىلىرىڭ ئالدىغا كېلىپ، سېنى قورشىۋالىدۇ.
53 Utakula uzao wa tumbo lako, nyama ya wana wako na binti zako ambao Bwana Mungu wako amekupa, kwa sababu ya mateso yale adui zako watakayokuletea wakati wa kukuzingira.
شۇ ۋاقىتتا دۈشمەنلىرىڭنىڭ قىستاپ كېلىشلىرى بىلەن بولغان قامال-قىستاڭنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئىچىدە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلغان، ئۆز تېنىڭنىڭ مېۋىسى بولغان ئوغۇللىرىڭنىڭ گۆشىنى ۋە قىزلىرىڭنىڭ گۆشىنى يەيسەن.
54 Hata yule mtu muungwana sana na makini miongoni mwako hatakuwa na huruma kwa ndugu yake mwenyewe au kwa mke ampendaye au watoto wake waliosalia,
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئاراڭلاردىكى نازۇك، ئىنتايىن سىلىق-سىپايە بىر ئادەم قېرىندىشى، قۇچىقىدىكى ئايالى، شۇنداقلا تېخى تىرىك بالىلىرىدىن قىزغىنىپ، ئۇلارغا يامان كۆزى بىلەن قارايدۇ؛
55 naye hatampa hata mmoja wao nyama ya watoto wake ambao anawala. Kwa kuwa hakuna kitu kingine kilichosalia kwake katika mazingirwa makali ambayo adui yako watakuletea kwa miji yako yote.
شۇڭا، دۈشمەنلىرىڭنىڭ قامال-ئىسكەنجىسىدە سەن ئۆز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە قىينالغىنىڭدا ھېچنېمە قالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى يەۋاتقان بالىلىرىنىڭ گۆشىدىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئازراقمۇ بەرمەيدۇ.
56 Mwanamke ambaye ni muungwana sana na makini miongoni mwako, yaani ambaye ni makini sana na muungwana kiasi kwamba asingethubutu kugusa ardhi kwa wayo wa mguu wake, yeye atakuwa mchoyo kwa mume ampendaye na mwanawe mwenyewe au binti yake,
ئاراڭلاردىكى ئەسلىدە نازۇك ۋە سىلىق-سىپايە بولغان، سىلىق-سىپايىلىكى ۋە نازۇكلۇقىدىن پۇتى بىلەن يەرگە دەسسەشنىمۇ خالىمايدىغان ئايال قۇچىقىدىكى ئېرى، ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرىدىن قىزغىنىپ، ئۇلارغا يامان كۆزى بىلەن قارايدۇ؛ چۈنكى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قامال-ئىسكەنجىسى بىلەن سەن ئۆز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە قىينالغىنىڭدا ھېچنەرسە قالمىغاچقا، ئۇ ئۆز پۇتى ئارىلىقىدىن چىققان بالا ھەمراھى بىلەن ئۆزى تۇغقان بالىلىرىنى يوشۇرۇنچە يەيدۇ.
57 kondoo wa nyuma kutoka kwenye tumbo lake na watoto anaowazaa. Kwa kuwa anakusudia kuwala kwa siri wakati wa kuzingirwa na katika taabu zile ambazo adui yako atazileta juu yako na miji yako.
58 Kama hutafuata kwa bidii maneno yote ya sheria hii, ambayo yameandikwa katika kitabu hiki na kama hutalicha hili jina la fahari na la kutisha, yaani la Bwana Mungu wako,
سەن بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمىسەڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك نامىدىن قورقمىساڭ،
59 Bwana ataleta mapigo ya kutisha juu yako na kwa wazao wako, maafa makali na ya kudumu, magonjwa mazito na ya kudumu.
پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۈستۈڭگە چۈشۈرىدىغان ۋابالار ھەم نەسلىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان ۋابالارنى ئاجايىب قىلىدۇ؛ ئۇ دەھشەتلىك، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ۋابالارنى ۋە ئېغىر، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان كېسەللەرنى ئۈستۈڭگە ۋە نەسلىڭگە چۈشۈرىدۇ؛
60 Atakuletea juu yako magonjwa yote ya Misri yale uliyoyaogopa, nayo yataambatana nawe.
پەرۋەردىگار سەن قورقىدىغان، مىسىردىكى بارلىق كېسەللەرنى ئۈستۈڭگە چۈشۈرۈپ، ساڭا چاپلاشتۇرىدۇ.
61 Pia Bwana atakuletea kila aina ya ugonjwa na maafa ambayo hayakuandikwa humu katika kitabu hiki cha sheria, mpaka utakapokuwa umeangamizwa.
شۇنىڭدەك بۇ قانۇنىي كىتابتا پۈتۈلمىگەن ھەممە كېسەل ۋە ھەممە ۋابانىمۇ پەرۋەردىگار تاكى سەن ھالاك بولغۇچە ئۈستۈڭگە چۈشۈرىدۇ.
62 Ninyi ambao mlikuwa wengi kama nyota za angani mtaachwa wachache tu, kwa sababu hamkumtii Bwana Mungu wenu.
شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن بولساڭلارمۇ، ئەمدىلىكتە ئاز بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇپ قالىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدىڭلار.
63 Kama ilivyompendeza Bwana kuwafanya ninyi mstawi na kuongezeka kwa idadi, ndivyo itakavyompendeza kuwaharibu na kuwaangamiza ninyi. Mtangʼolewa kutoka nchi mnayoiingia kuimiliki.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار ئىلگىرى سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ، سىلەرنى ئاۋۇتقىنىدىن سۆيۈنگەندەك، ئۇ ئەمدى سىلەرنى يوقىتىپ ھالاك قىلىدىغىنىدىن سۆيۈنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندىن يۇلۇپ تاشلىنىسىلەر.
64 Kisha Bwana atawatawanya miongoni mwa mataifa yote, kutoka mwisho mmoja wa dunia hadi mwingine. Huko mtaabudu miungu mingine, miungu ya miti na ya mawe, ambayo ninyi wala baba zenu hamkuijua.
پەرۋەردىگار سىلەرنى يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بولغان ھەممە ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارقىتىدۇ؛ سىلەر ئۆزۈڭلار ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تونۇمىغان ياغاچ بىلەن تاشتىن ياسالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر؛
65 Miongoni mwa mataifa hayo hamtapata raha wala mahali pa kupumzisha wayo wa mguu wenu. Huko Bwana atawapa mahangaiko ya mawazo, macho yaliyochoka kwa kungojea na moyo uliokata tamaa.
سىلەر ئۇ ئەللەرنىڭ ئارىسىدا نە ئارام تاپالمايسىلەر، نە تاپىنىڭلار تىرەپ تۇرغۇدەك ھېچ مەزمۇت جاي بولمايدۇ؛ پەرۋەردىگار بەلكى شۇ يەردە سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى غۇۋالاشتۇرۇپ تىترىتىپ، كۆزۈڭلارنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ جېنىڭلارنى سولاشتۇرىدۇ.
66 Utaishi katika mahangaiko siku zote, ukiwa umejaa hofu usiku na mchana, wala hutakuwa kamwe na uhakika wa maisha yako.
سىلەر قاراپ تۇرۇپ جېنىڭلار قىلدا ئېسىقلىقتەك تۇرىدۇ؛ سىلەر كېچە-كۈندۈز دەككە-دۈككىدە بولۇپ جېنىمدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟ ــ دەپ قورقىسىلەر؛
67 Wakati wa asubuhi utasema hivi, “Laiti ingekuwa jioni!” Jioni utasema, “Laiti ingekuwa asubuhi,” kwa sababu ya hofu ile itakayojaza moyo wako na vitu vile macho yako yatakavyoviona.
كۆڭلۈڭنى باسقان ۋەھىمە ۋە پاراكەندىچىلىك ۋە كۆزلىرىڭ كۆرگەن كۆرۈنۈشلەر تۈپەيلىدىن ئەتىگىنى: «كاشكى كەچ بولسىدى!»، كەچتە بولسا: «كاشكى ئەتىگەن بولسىدى!» دەيسەن.
68 Bwana atawarudisha tena Misri kwa meli, safari niliyosema kamwe hamngeenda tena. Huko mtajiuza ninyi wenyewe kwa adui zenu kama watumwa wa kiume na wa kike, lakini hakuna yeyote atakayewanunua.
پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلىپ: «سىلەر بۇ يولنى ئىككىنچى يەنە كۆرمەيسىلەر» دېگەن شۇ يول بىلەن سىلەرنى كېمىگە چۈشۈرۈپ مىسىرغا ياندۇرىدۇ. سىلەر شۇ يەردە دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل-دېدەك بولۇشقا ئۆزۈڭلارنى ساتىسىلەر، لېكىن سىلەرنى ئالغىلى ئادەم چىقمايدۇ.

< Torati 28 >