دانالىق ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىپ، ئۇنىڭ يەتتە تۈۋرۈكىنى ئورناتتى. |
ئۇ ماللىرىنى سويۇپ، ئېسىل شارابلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، زىياپەت داستىخىنىنى يايدى؛ |
دېدەكلىرىنى [مېھمان چاقىرىشقا] ئەۋەتتى، ئۆزى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرۇپ: |
«ئى ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار، ــ دەپ چاقىرىۋاتىدۇ؛ نادانلارغا: |
قېنى، نانلىرىمدىن ئېغىز تېگىپ، مەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان شارابلاردىن ئىچىڭلار؛ |
نادانلار قاتارىدىن چىقىپ، ھاياتقا ئېرىشىڭلار، يورۇقلۇق يولىدا مېڭىڭلار»، ــ دەۋاتىدۇ. |
ھاكاۋۇرلارغا تەنبىھ بەرگۈچى ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ، قەبىھلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئۆزىگە داغ كەلتۈرىدۇ. |
ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛ ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ. |
دانا ئادەمگە دەۋەت قىلساڭ، ئەقلى تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ؛ ھەققانىي ئادەمگە دۇرۇس يول كۆرسەتسەڭ، بىلىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ. |
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر، مۇقەددەس بولغۇچىنى تونۇش يورۇقلۇقتۇر. |
مەن [دانالىق] سەندە بولسام، كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپىيەر. |
سەندە دانالىق بولسا، پايدىنى كۆرىدىغان ئۆزۈڭسەن، دانالىقنى مازاق قىلساڭ زىيان تارتىدىغانمۇ ئۆزۈڭسەن. |
نادان خوتۇن ئاغزى بىسەرەمجان، ئەقىلسىزدۇر، ھېچنېمە بىلمەستۇر. |
ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا ئورۇن ئېلىپ، |
ئۇدۇل ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا: |
«كىمكى ساددا بولسا، بۇ يەرگە كەلسۇن!» ــ دەۋاتىدۇ، ۋە ئەقىلسىزلەرنى: |
«ئوغرىلىقچە ئىچكەن سۇ تاتلىق بولىدۇ، ئوغرىلاپ يېگەن نان تەملىك بولىدۇ!» ــ دەپ چارقىۋاتىدۇ. |
لېكىن چاقىرىلغۇچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە ياتقانلىقىدىن بىخەۋەردۇر، ئۇنىڭ [بۇرۇنقى] مېھمانلىرىنىڭ ئاللىقاچان تەھتىسارانىڭ تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇ سەزمەس. (Sheol h7585) |