< 1 Samuel 8 >

1 Y cuando Samuel era viejo, hizo a sus hijos jueces sobre Israel.
شۇنداق بولدىكى، سامۇئىل قېرىغاندا ئوغۇللىرىنى ئىسرائىلغا ھاكىم قىلىپ قويدى.
2 El nombre de su primer hijo fue Joel y el nombre de su segundo Abías: eran jueces en Beerseba.
ئۇنىڭ تۇنجىسىنىڭ ئىسمى يوئېل بولۇپ، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىياھ ئىدى. بۇلار بەئەر-شېبادا ھاكىملىق قىلدى.
3 Y sus hijos no siguieron sus caminos, sino que, movidos por el amor al dinero, recibieron sobornos y no fueron rectos al juzgar.
لېكىن ئوغۇللىرى ئۇنىڭ يوللىرىدا يۈرمەيتتى، بەلكى مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئېزىپ، پارىلارنى يەپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى.
4 Entonces todos los hombres responsables de Israel se reunieron y fueron a Samuel en Ramá.
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى راماھدا جەم بولۇپ سامۇئىلنىڭ قېشىغا كېلىپ
5 Y le dijo: Mira, eres viejo, y tus hijos no van en tus caminos. Danos un rey ahora para que sea nuestro juez, para que podamos ser como las otras naciones.
ئۇنىڭغا: ــ مانا سەن قېرىدىڭ، ئوغۇللىرىڭ بولسا سېنىڭ يوللىرىڭدا يۈرمەيدۇ. بارلىق ئەللەردە بولغاندەك ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھ بېكىتكىن، دېدى.
6 Pero a Samuel no le gustó la petición que le hicieron. Danos un rey para que sea nuestro juez. Y Samuel hizo oración al Señor.
ئۇلارنىڭ «ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھ بېكىتكىن» دېگىنى سامۇئىلنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر كەلدى. سامۇئىل پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىۋىدى،
7 Entonces el Señor le dijo a Samuel: Escucha la voz de la gente y lo que te dicen. No se han apartado de ti, sino que se han apartado de mí, no queriendo que yo fuera rey sobre ellos.
پەرۋەردىگار سامۇئىلغا جاۋابەن: ــ خەلق ساڭا ھەرنېمە ئېيتسا ئۇلارغا قۇلاق سالغىن؛ چۈنكى ئۇلار سېنى ئەمەس، بەلكى «ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولمىسۇن» دەپ مېنى تاشلىدى.
8 Como lo han hecho desde el principio, desde el día en que los saqué de Egipto hasta el día de hoy, dándome la espalda y adorando a otros dioses, así que ahora están actuando de la misma manera contigo.
مەن ئۇلارنى مىسىردىن چىقارغان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلار شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، مېنى تاشلاپ باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن. ئەمدى ئۇلار ساڭا ھەم شۇنداق قىلىدۇ.
9 Escucha ahora su voz: pero advertirles seriamente a ellos y dales una imagen de la clase de rey que será su gobernante.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئۇنىغىن. لېكىن ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلىدىغان پادىشاھنىڭ ئۇلارنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىن، دېدى.
10 Y Samuel dijo todas estas palabras del Señor a la gente que deseaba un rey.
سامۇئىل ئۆزىدىن بىر پادىشاھ سورىغان خەلققە، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى.
11 Y él dijo: Este es el tipo de rey que será su gobernante: él tomará a sus hijos y los convertirá en sus sirvientes, sus jinetes y conductores de sus carros de guerra, y ellos irán corriendo ante su carruaje de guerra;
ئۇ: ــ ئۈستۈڭلاردا سەلتەنەت قىلىدىغان پادىشاھنىڭ تۇتىدىغان يولى مۇنداق بولىدۇ: ــ ئۇ ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا قويۇپ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەشكە، ئاتلىق ئەسكەرلىرى بولۇشقا سالىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرىدۇ؛
12 Y los convertirá en capitanes de miles y de cincuenta; a algunos los pondrá a trabajar arando y cortando su grano y haciendo sus instrumentos de guerra y construyendo sus carruajes de guerra.
ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن مىڭ بېشى ۋە ئەللىك بېشى بولۇشقا، يېرىنى ھەيدەشكە، ھوسۇلىنى ئورۇشقا، جەڭ قوراللىرى بىلەن ھارۋا ئەسۋابلىرىنى ياساشقا سالىدۇ.
13 Tus hijas las llevará a ser fabricantes de perfumistas, cocineras y panaderas.
قىزلىرىڭلارنى ئەتىر ياساشقا، تاماق ئېتىشكە ۋە نان يېقىشقا سالىدۇ.
14 Tomará sus campos y sus viñas y sus olivares, todo lo mejor de ellos, y se los dará a sus siervos.
ئەڭ ئېسىل زېمىنلىرىڭلار، ئۈزۈمزارلىرىڭلار بىلەن زەيتۇنلۇقلىرىڭلارنى تارتىۋېلىپ ئۆز خىزمەتكارلىرىغا بېرىدۇ.
15 Tomará una décima parte de su semilla y del fruto de sus viñas y se la dará a sus siervos y oficiales.
ئۇ ئۇرۇقۇڭلاردىن، ئۈزۈمزارلىرىڭلارنىڭ ھوسۇلىدىن ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۆزىنىڭ غوجىدارلىرى ۋە خىزمەتكارلىرىغا بۆلۈپ بېرىدۇ.
16 Tomará a sus siervos y sirvientas de ustedes, y al mejor de sus bueyes y de sus asnos, y los pondrá a su trabajo para el.
ئۇ قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، ئەڭ كېلىشكەن يىگىتلىرىڭلارنى ۋە ئېشەكلىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا سالىدۇ.
17 Tomará la décima parte de sus ovejas, y ustedes serán sus siervos también.
ئۇ قويلىرىڭلاردىن ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئالىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى بولىسىلەر.
18 Entonces clamarán por causa del rey, que habían escogido. Pero el Señor no les dará una respuesta en ese día.
سىلەر ئۇ كۈندە ئۆزۈڭلارغا تاللىغان پادىشاھ تۈپەيلىدىن پەرياد كۆتۈرىسىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇ كۈنىدە سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، دېدى.
19 Pero el pueblo no prestó atención a la voz de Samuel; Y ellos dijeron: No, pero tendremos un rey sobre nosotros,
خەلق بولسا سامۇئىلنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي: ــ ياق، بەلكى ئۈستىمىزگە سەلتەنەت قىلىدىغان بىر پادىشاھ بولسۇن، دېدى.
20 Para que podamos ser como las otras naciones, y para que nuestro rey sea nuestro juez y salga ante nosotros a la guerra.
ــ شۇنداق قىلىپ بىز باشقا ھەربىر ئەللەرگە ئوخشاش بولىمىز؛ بىزنىڭ پادىشاھىمىز ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، بىزنى باشلايدۇ ۋە بىز ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، دېدى.
21 Entonces Samuel, después de escuchar todo lo que la gente tenía que decir, fue y dio cuenta de ello al Señor.
سامۇئىل خەلقنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى.
22 Y él Señor dijo a Samuel: Atiende su voz y nombra un rey para ellos. Entonces Samuel dijo a los hombres de Israel: Que cada uno vuelva a su pueblo.
پەرۋەردىگار ئەمدى سامۇئىلغا: ــ سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا بىر پادىشاھ بېكىتكىن، دېدى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا: ــ ھەربىرىڭلار ئۆز شەھىرىڭلارغا قايتىڭلار، دېدى.

< 1 Samuel 8 >