< Salmos 35 >

1 Salmo de David. DISPUTA, oh Jehová, con los que contra mí contienden; pelea con los que me combaten.
داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، مەن بىلەن ئېلىشقانلار بىلەن ئېلىشقايسەن؛ ماڭا جەڭ قىلغانلارغا جەڭ قىلغايسەن!
2 Echa mano al escudo y al pavés, y levántate en mi ayuda.
قولۇڭغا سىپار ۋە قالقان ئالغىن؛ ماڭا ياردەمگە ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن؛
3 Y saca la lanza, cierra contra mis perseguidores; di á mi alma: Yo soy tu salud.
نەيزىنى سۇغۇرۇپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنىڭ يولىنى توسقايسەن؛ مېنىڭ جېنىمغا: «مەن سېنىڭ نىجاتلىقىڭدۇرمەن!» ــ دېگەيسەن!
4 Avergüéncense y confúndanse los que buscan mi alma: vuelvan atrás, y sean avergonzados los que mi mal intentan.
مېنىڭ ھاياتىمغا چاڭ سالماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛ ماڭا قەست ئەيلىگەنلەر كەينىگە ياندۇرۇلۇپ رەسۋا بولغاي.
5 Sean como el tamo delante del viento; y el ángel de Jehová [los] acose.
ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەي!
6 Sea su camino oscuridad y resbaladeros; y el ángel de Jehová los persiga.
ئۇلارنىڭ يولى قاراڭغۇ ۋە تېيىلغاق بولغاي، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى قوغلىۋەتكەي!
7 Porque sin causa escondieron para mí su red en un hoyo; sin causa hicieron [hoyo] para mi alma.
چۈنكى ئۇلار ماڭا ئورۇنسىز ئورا-تۇزاق تەييارلىدى؛ جېنىمنى سەۋەبسىز ئېلىشقا ئۇلار ئۇنى كولىدى.
8 Véngale el quebrantamiento que no sepa, y su red que escondió lo prenda: con quebrantamiento en ella caiga.
ھالاكەت تۇيدۇرماستىن ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەي، ئۆزى يوشۇرۇن قۇرغان تورغا ئۆزى چۈشكەي، ھالاكەتكە يىقىلغاي.
9 Y gócese mi alma en Jehová; y alégrese en su salud.
ئۇ چاغدا جېنىم پەرۋەردىگاردىن سۆيۈنىدۇ، ئۇنىڭ نىجاتلىق-قۇتقۇزۇشىدىن شادلىنىدۇ!
10 Todos mis huesos dirán: Jehová, ¿quién como tú, que libras al afligido del más fuerte que él, y al pobre y menesteroso del que le despoja?
مېنىڭ ھەممە ئۇستىخانلىرىم: ــ «ئى پەرۋەردىگار، كىممۇ ساڭا تەڭداش كېلەلىسۇن؟» ــ دەيدۇ، ــ «سەن ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن، ئېزىلگەنلەر ھەم يوقسۇللارنى ئۇلارنى بۇلىغۇچىلاردىن تارتىۋېلىپ قۇتقۇزىسەن».
11 Levantáronse testigos falsos; demandáronme lo que no sabía;
ياۋۇز، يالغان گۇۋاھچىلار قوپۇپ، خەۋىرىم بولمىغان گۇناھلار بىلەن ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلماقتا.
12 Volviéronme mal por bien, para abatir á mi alma.
ئۇلار مېنىڭ ياخشىلىقىمغا يامانلىق قىلىپ، مېنى پاناھسىز يېتىم قىلىپ قويغانىدى!
13 Mas yo, cuando ellos enfermaron, me vestí de saco; afligí con ayuno mi alma, y mi oración se revolvía en mi seno.
لېكىن مەن بولسام، ئۇلار كېسەل بولغاندا، بۆزنى يۆگەپ كىيىۋالدىم؛ ئۇلارنى دەپ روزا تۇتۇپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلدىم؛ ئەمدى دۇئايىم بولسا ھازىر باغرىمغا يېنىپ كەلدى!
14 Como por mi compañero, como por mi hermano andaba; como el que trae luto por madre, enlutado me humillaba.
مەن بۇ ئىشلاردىن دوست ياكى قېرىندىشىمنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئىشقا ئوخشاش مەيۈسلىنىپ يۈردۇم، مەن ئۆز ئانىسىغا ھازا تۇتقاندەك، بېشىمنى سېلىپ يۈردۈم.
15 Pero ellos se alegraron en mi adversidad, y se juntaron; juntáronse contra mí gentes despreciables, y yo no lo entendía: despedazábanme, y no cesaban;
بىراق مەن پۇتلىشىپ كەتكىنىمدە، ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ كەتكەنىدى، بىر يەرگە جەم بولدى؛ دەرۋەقە جەم بولۇشۇپ مۇشۇ زوراۋانلار ماڭا قارشى چىقىشتى، بىراق خەۋىرىم يوق ئىدى. ئۇلار مېنى پارە-پارە قىلىش ئۈچۈن توختىماي زەربە بېرىشتى.
16 Con los lisonjeros escarnecedores truhanes, crujiendo sobre mí sus dientes.
خۇددى بىر چىشلەم پوشكال ئۈستىدە چاقچاق ۋە تالاش قىلغان خۇداسىزلاردەك، ئۇلار ماڭا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىشتى.
17 Señor, ¿hasta cuándo verás [esto]? Recobra mi alma de sus quebrantamientos, mi única de los leones.
ئى رەب، قاچانغىچە پەرۋا قىلمايسەن؟ جېنىمنى ئۇلارنىڭ ھالاكىتىدىن قۇتقۇزغايسەن، مېنىڭ بىردىنبىر ھاياتىمنى [مۇشۇ] يىرتقۇچ شىرلارنىڭ ئاغزىدىن تارتىۋالغايسەن!
18 Te confesaré en grande congregación; te alabaré entre numeroso pueblo.
زور جامائەت ئارىسىدا مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ نۇرغۇنلىغان خەلق ئارىسىدا سېنى مەدھىيىلەيمەن.
19 No se alegren de mí mis enemigos injustos: ni los que me aborrecen sin causa hagan del ojo.
يالغان سەۋەب بىلەن ماڭا رەقىب بولغانلارنى ئۈستۈمدىن شادلاندۇرمىغايسەن؛ مەندىن سەۋەبسىز نەپرەتلەنگەنلەرنى ئۆزئارا كۆز قىسىشتۇرمىغايسەن!
20 Porque no hablan paz; y contra los mansos de la tierra piensan palabras engañosas.
ئۇلار دوستانە سۆز قىلمايدۇ، زېمىندىكى تىنچلىقپەرۋەرلەرگە پىتنە-ئىغۋا توقۇماقتا.
21 Y ensancharon sobre mí su boca; dijeron: ¡Ea, ea, nuestros ojos [lo] han visto!
ئۇلار ماڭا قاراپ ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ: «ۋاي-ۋاي! كۈتكۈنىمىزنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋالدۇق!» ــ دېيىشىدۇ.
22 Tú lo has visto, oh Jehová; no calles: Señor, de mí no te alejes.
ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇلارنى كۆرۈپ چىقتىڭ، سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ ئى رەب، مەندىن ئۆزۈڭنى يىراقلاشتۇرمىغايسەن؛
23 Muévete y despierta para mi juicio, para mi causa, Dios mío y Señor mío.
قوزغالغايسەن، مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئويغانغايسەن، ئى مېنىڭ خۇدايىم ــ رەببىم!
24 Júzgame conforme á tu justicia, Jehová Dios mío; y no se alegren de mí.
مېنىڭ ئىشىم ئۈستىدە ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم؛ ئۇلارنى مېنىڭ [ئوڭۇشسىزلىقىمدىن] شادلاندۇرمىغايسەن!
25 No digan en su corazón: ¡Ea, alma nuestra! No digan: ¡Hémoslo devorado!
ئۇلار كۆڭلىدە: «ۋاھ! ۋاھ! ئەجەب ئوبدان بولدى!» ــ دېيىشمىسۇن؛ ياكى: «ئۇنى يۇتۇۋەتتۇق!» ــ دېيىشمىسۇن.
26 Avergüéncense, y sean confundidos á una los que de mi mal se alegran: vístanse de vergüenza y de confusión los que se engrandecen contra mí.
مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇشال بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛ مېنىڭدىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن تۇتقۇچىلارنىڭ كىيىم-كېچىكى خىجالەت ۋە نومۇسسۇزلۇق بولسۇن!
27 Canten y alégrense los que están á favor de mi justa causa, y digan siempre: Sea ensalzado Jehová, que ama la paz de su siervo.
مېنىڭ ھەققانىيلىقىمدىن سۆيۈنگەنلەر تەنتەنە قىلىپ شادلانسۇن! ئۇلار ھەمىشە: «ئۆز قۇلىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىگە سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن!» ــ دېگەي.
28 Y mi lengua hablará de tu justicia, y de tu loor todo el día.
شۇ چاغدا مېنىڭ تىلىم كۈن بويى ھەققانىيلىقىڭ توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ، مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ.

< Salmos 35 >