< Proverbios 21 >

1 COMO los repartimientos de las aguas, así está el corazón del rey en la mano de Jehová: á todo lo que quiere lo inclina.
پادىشاھنىڭ كۆڭلى ئېرىقلاردىكى سۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر؛ [پەرۋەردىگار] قەيەرگە توغرىلىسا، شۇ تەرەپكە ماڭىدۇ.
2 Todo camino del hombre es recto en su opinión: mas Jehová pesa los corazones.
ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى توغرا دەپ بىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار قەلبدىكى نىيەتلەرنى تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر.
3 Hacer justicia y juicio es á Jehová más agradable que sacrificio.
پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، ھەققانىيلىق بىلەن ئادالەت يۈرگۈزۈش قۇربانلىق قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.
4 Altivez de ojos, y orgullo de corazón, y el brillo de los impíos, son pecado.
تەكەببۇر كۆزلەر، مەغرۇر قەلب، يامانلارنىڭ چىرىغى ــ ھەممىسى گۇناھتۇر.
5 Los pensamientos del solícito ciertamente [van] á abundancia; mas todo presuroso, indefectiblemente á pobreza.
ئەستايىدىل كىشىلەرنىڭ ئويلىرى ئۇلارنى پەقەت باياشاتلىققا يېتەكلەر؛ چېچىلاڭغۇلارنىڭ ئويلىرى بولسا، ئۇلارنى پەقەت يوقسۇزلۇققىلا يېتەكلەر.
6 Allegar tesoros con lengua de mentira, es vanidad desatentada de aquellos que buscan la muerte.
ياغلىما تىل بىلەن ئېرىشكەن بايلىقلار، ئۆلۈمنى ئىزدەپ يۈرگەنلەر قوغلاپ يۈرگەن بىر تۈتۈنلا، خالاس.
7 La rapiña de los impíos los destruirá; por cuanto no quisieron hacer juicio.
يامانلارنىڭ زالىملىقى ئۆزلىرىنى چىرمىۋالار؛ چۈنكى ئۇلار ئادالەت يولىدا مېڭىشنى رەت قىلغان.
8 El camino del hombre perverso es torcido y extraño: mas la obra del limpio es recta.
جىنايەتكار ماڭىدىغان يول ناھايىتى ئەگرىدۇر؛ ساپ دىل ئادەمنىڭ ھەرىكىتى تۈپتۈزدۇر.
9 Mejor es vivir en un rincón de zaquizamí, que con la mujer rencillosa en espaciosa casa.
سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن [ئازادە] ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا [يالغۇز] يېتىپ قوپقان ياخشى.
10 El alma del impío desea mal: su prójimo no le parece bien.
يامان كىشىنىڭ كۆڭلى يامانلىققىلا ھېرىسمەندۇر؛ ئۇ يېقىنىغىمۇ شاپائەت كۆرسەتمەس.
11 Cuando el escarnecedor es castigado, el simple se hace sabio; y cuando se amonestare al sabio, aprenderá ciencia.
ھاكاۋۇرنىڭ جازاغا تارتىلىشى، بىلىمسىزگە ئىبرەت بولار؛ دانا كىشى قوبۇل قىلغان نەسىھەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالار.
12 Considera el justo la casa del impío: [cómo] los impíos son trastornados por el mal.
ھەققانىي بولغۇچى ياماننىڭ ئۆيىنى كۆزلەر؛ ئۇ ھامان يامانلارنى يامانلىققا قويۇپ يىقىتار.
13 El que cierra su oído al clamor del pobre, también él clamará, y no será oído.
مىسكىنلەرنىڭ نالىسىغا قۇلىقىنى يوپۇتۇپ كارى بولمىغۇچى، ئاخىرى ئۆزى پەرياد كۆتۈرەر، بىراق ھېچكىم پەرۋا قىلماس.
14 El presente en secreto amansa el furor, y el don en el seno, la fuerte ira.
يوشۇرۇن سوۋغات غەزەپنى باسار؛ يەڭ ئىچىدە بېرىلگەن پارا قەھر-غەزەپنى پەسەيتەر.
15 Alegría es al justo hacer juicio; mas quebrantamiento á los que hacen iniquidad.
ئادالەتنى بەجا كەلتۈرۈش ھەققانىيلارنىڭ خۇشاللىقىدۇر، بىراق يامانلىق قىلغۇچىلارغا ۋەھىمىدۇر.
16 El hombre que se extravía del camino de la sabiduría, vendrá á parar en la compañía de los muertos.
ھېكمەت يولىدىن ئېزىپ كەتكەن كىشى، ئەرۋاھلارنىڭ جامائىتى ئىچىدىكىلەردىن بولۇپ قالار.
17 Hombre necesitado será el que ama el deleite: y el que ama el vino y ungüentos no enriquecerá.
تاماشاغا بېرىلگەن كىشى نامرات قالار؛ ياغ چايناشقا، شاراب ئىچىشكە ئامراق بېيىماس.
18 El rescate del justo es el impío, y por los rectos el prevaricador.
يامان ئادەم ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن گۆرۈ پۇلىنىڭ ئورنىدا قالار؛ [ئېزىلگەن] دۇرۇسلارنىڭ ئورنىغا ئىپلاسلار قالار.
19 Mejor es morar en tierra del desierto, que con la mujer rencillosa é iracunda.
سوقۇشقاق ۋە تېرىككەك ئايال بىلەن ئورتاق تۇرغاندىن، چۆل-باياۋاندا يالغۇز ياشىغان ياخشىدۇر.
20 Tesoro codiciable y pingüe hay en la casa del sabio; mas el hombre insensato lo disipará.
ئاقىلانىنىڭ ئۆيىدە بايلىق بار، زەيتۇن ماي بار؛ بىراق ئەخمەقلەر تاپقىنىنى ئۇتتۇرلۇق بۇزۇپ-چاچار.
21 El que sigue la justicia y la misericordia, hallará la vida, la justicia, y la honra.
ھەققانىيەت، مېھرىبانلىقنى ئىزدىگۈچى ئادەم، ھايات، ھەققانىيەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشەر.
22 La ciudad de los fuertes tomó el sabio, y derribó la fuerza en que ella confiaba.
دانا كىشى كۈچلۈكلەر شەھىرىنىڭ سېپىلىغا يامىشار، ئۇلارنىڭ تايانچى بولغان قورغىنىنى غۇلىتار.
23 El que guarda su boca y su lengua, su alma guarda de angustias.
ئۆز تىلىغا، ئاغزىغا ئىگە بولغان كىشى، جېنىنى ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلاپ قالار.
24 Soberbio y presuntuoso escarnecedor es el nombre del que obra con orgullosa saña.
چوڭچىلىق قىلغانلار، «ھاكاۋۇر»، «ھالى چوڭ»، «مازاقچى» ئاتىلار.
25 El deseo del perezoso le mata, porque sus manos no quieren trabajar.
ھۇرۇن كىشى ئۆز نەپسىدىن ھالاك بولار، چۈنكى ئۇنىڭ قولى ئىشقا بارماس؛
26 Hay quien todo el día codicia: mas el justo da, y no desperdicia.
نەپسى يامان بولۇپ ئۇ كۈن بويى تەمە قىلىپ يۈرەر؛ بىراق ھەققانىي ئادەم ھېچنېمىنى ئايىماي سەدىقە قىلار.
27 El sacrificio de los impíos es abominación: ¡cuánto más ofreciéndolo con maldad!
يامان ئادەمنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ رەزىل غەرەزدە ئەپكېلىنگەن بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر!
28 El testigo mentiroso perecerá: mas el hombre que oye, permanecerá en su dicho.
يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچى ھالاك بولار؛ ئەينى ئەھۋالنى ئاڭلاپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۆزى ئەبەدگىچە ئاقار.
29 El hombre impío afirma su rostro: mas el recto ordena sus caminos.
يامان ئادەم يۈزىنى قېلىن قىلار؛ دۇرۇس كىشى يولىنى ئويلاپ پۇختا باسار.
30 No hay sabiduría, ni inteligencia, ni consejo, contra Jehová.
پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرالايدىغان ھېچقانداق دانالىق، ئەقىل-پاراسەت ياكى تەدبىر يوقتۇر.
31 El caballo se apareja para el día de la batalla: mas de Jehová es el salvar.
ئاتلار جەڭ كۈنى ئۈچۈن تەييار قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق غەلىبە-نىجات پەقەت پەرۋەردىگاردىندۇر.

< Proverbios 21 >