< Levítico 6 >

1 Y HABLÓ Jehová á Moisés, diciendo:
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 Cuando una persona pecare, é hiciere prevaricación contra Jehová, y negare á su prójimo lo encomendado, ó dejado en su mano, ó bien robare, ó calumniare á su prójimo;
ئەگەر بىرسى گۇناھ قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، قوشنىسى ئۆزىگە ئامانەت ياكى كاپالەتكە بەرگەن بىر نەرسە ياكى قوشنىسىدىن زوراۋانلىق بىلەن بۇلۇۋالغان مەلۇم بىر نەرسە توغرىسىدا يالغان گەپ قىلغان بولسا ياكى قوشنىسىدىن ناھەقلىق بىلەن مەلۇم نەرسىنى تارتىۋالغان بولسا،
3 O sea que hallando lo perdido, después lo negare, y jurare en falso, en alguna de todas aquellas cosas en que suele pecar el hombre:
ياكى يىتىپ كەتكەن بىر نەرسىنى تېپىۋېلىپ ئۇنىڭدىن تانسا ياكى كىشىلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان ھەرقانداق بىر ئىشى توغرىسىدا يالغان قەسەم ئىچسە،
4 Entonces será que, puesto habrá pecado y ofendido, restituirá aquello que robó, ó por el daño de la calumnia, ó el depósito que se le encomendó, ó lo perdido que halló,
ئۇ گۇناھ قىلغان ئىشتا ئۆزىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتسە، ئۇنداقتا ئۇ بۇلىۋالغان ياكى ناھەق تارتىۋالغان نەرسە ياكى ئۇنىڭغا ئامانەتكە بېرىلگەن نەرسە بولسۇن، ياكى يىتىپ كېتىپ تېپىۋالغان نەرسە بولسۇن،
5 O todo aquello sobre que hubiere jurado falsamente; lo restituirá, pues, por entero, y añadirá á ello la quinta parte, que ha de pagar á aquel á quien pertenece en el día de su expiación.
ياكى ئۇ ھەرقانداق نەرسە توغرىسىدا يالغان قەسەم ئىچكەن بولسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسىنى تولۇق باھاسى بويىچە تۆلىسۇن، شۇنداقلا شۇ باھانىڭ بەشتىن بىر قىسمى بويىچە قوشۇپ تۆلىسۇن؛ ئۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنى قىلغان كۈنىدە تۆلەمنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرسۇن.
6 Y por su expiación traerá á Jehová un carnero sin tacha de los rebaños, conforme á tu estimación, al sacerdote para la expiación:
ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئۇششاق مالدىن سەن توختاتقان قىممەت بويىچە بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كاھىننىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلسۇن.
7 Y el sacerdote hará expiación por él delante de Jehová, y obtendrá perdón de cualquiera de todas las cosas en que suele ofender.
كاھىن بۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇ ھەرقايسى ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولسىمۇ ئۇ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
8 Habló aún Jehová á Moisés, diciendo:
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
9 Manda á Aarón y á sus hijos diciendo: Esta es la ley del holocausto: (es holocausto, porque se quema sobre el altar toda la noche hasta la mañana, y el fuego del altar arderá en él: )
سەن ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا ئەمر قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق بولىدۇ: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق پۈتۈن كېچە تاڭ ئاتقۇچە قۇربانگاھتىكى ئوچاقنىڭ ئۈستىدە كۆيۈپ تۇرسۇن؛ ۋە قۇربانگاھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەي يېنىق تۇرغۇزۇڭلار.
10 El sacerdote se pondrá su vestimenta de lino, y se vestirá pañetes de lino sobre su carne; y cuando el fuego hubiere consumido el holocausto, apartará él las cenizas de sobre el altar, y pondrálas junto al altar.
كاھىن كاناپ تونىنى كىيىپ، يالىڭاچلىقىنى يېپىپ، ساغرىسىغىچە كاناپ ئىچ تامبال كىيىپ تۇرسۇن؛ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدىكى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ بىر تەرىپىدە قويسۇن؛
11 Después se desnudará de sus vestimentas, y se pondrá otras vestiduras, y sacará las cenizas fuera del real al lugar limpio.
ئاندىن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلىنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ پاكىز بىر جايدا قويسۇن.
12 Y el fuego encendido sobre el altar no ha de apagarse, sino que el sacerdote pondrá en él leña cada mañana, y acomodará sobre él el holocausto, y quemará sobre él los sebos de las paces.
قۇربانگاھنىڭ ئوتى بولسا ھەمىشە يېنىپ تۇرسۇن؛ ئۇنى ھېچ ۋاقىت ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ، كاھىن ئۆزى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭغا ئوتۇن سېلىپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تىزسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ مېيىنى قويۇپ كۆيدۈرسۇن.
13 El fuego ha de arder continuamente en el altar; no se apagará.
ئۈزۈلمەس بىر ئوت قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ھەمىشە كۆيۈپ تۇرسۇن؛ ئۇ ھەرگىز ئۆچۈرۈلمىسۇن.
14 Y esta es la ley del presente: Han de ofrecerlo los hijos de Aarón delante de Jehová, delante del altar.
ئاشلىق ھەدىيە توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا، قۇربانگاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن.
15 Y tomará de él un puñado de la flor de harina del presente, y de su aceite, y todo el incienso que está sobre el presente, y harálo arder sobre el altar por memoria, en olor suavísimo á Jehová.
ئۇ ئاشلىق ھەدىيە بولغان ئېسىل ئۇنغا قولىنى سېلىپ ئۇنىڭدىن شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى زەيتۇن مېيىدىن بىر چاڭگال ئېلىپ ۋە ھەدىيەنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق مەستىكىنى قوشۇپ، بۇلارنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ھەدىيەنىڭ «يادلىنىش ئۈلۈشى» بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان بولىدۇ.
16 Y el sobrante de ella lo comerán Aarón y sus hijos: sin levadura se comerá en el lugar santo; en el atrio del tabernáculo del testimonio lo comerán.
ئېشىپ قالغانلىرىنى بولسا ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى يېسۇن؛ ئۇ ئېچىتقۇ سېلىنماي پىشۇرۇلۇپ مۇقەددەس بىر جايدا يېيىلسۇن؛ ئۇلار ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن.
17 No se cocerá con levadura: helo dado á ellos por su porción de mis ofrendas encendidas; es cosa santísima, como la expiación por el pecado, y como la expiación por la culpa.
ئۇ مۇتلەق ئېچىتقۇسىز پىشۇرۇلسۇن. مەن ئوتتا ماڭا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر ئىچىدىن شۇنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بولسۇن دەپ ئۇلارغا ھەق قىلىپ بەردىم؛ ئۇ گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىكنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلارغا ئوخشاش «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
18 Todos los varones de los hijos de Aarón comerán de ella. Estatuto perpetuo será para vuestras generaciones tocante á las ofrendas encendidas de Jehová: toda cosa que tocare en ellas será santificada.
ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن يېسۇن؛ بۇ دەۋردىن-دەۋرگە ئاراڭلاردا ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغانلىرىدىن بۇلار ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن. ئۇنىڭغا قول تەگكۈزگۈچى جەزمەن مۇقەددەس بولۇشى كېرەك.
19 Y habló Jehová á Moisés, diciendo:
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
20 Esta es la ofrenda de Aarón y de sus hijos, que ofrecerán á Jehová el día que serán ungidos: la décima parte de un epha de flor de harina, presente perpetuo, la mitad á la mañana y la mitad á la tarde.
ھارۇن مەسىھلىنىدىغان كۈنىدە ئۇ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنىدىغىنى مۇنداق بولۇشى كېرەك: ــ ئۇلار ئۈزۈلمەس ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى سۇنۇشى كېرەك؛ ئەتىگىنى يېرىمىنى، ئاخشىمى يەنە يېرىمىنى سۇنسۇن.
21 En sartén se aderezará con aceite; frita la traerás, y los pedazos cocidos del presente ofrecerás á Jehová en olor de suavidad.
ئۇ تاۋىدا زەيتۇن مېيى بىلەن ئېتىلسۇن؛ ئۇ زەيتۇن مېيىغا چىلاپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن سەن ئۇنى ئېلىپ كىر؛ ئاشلىق ھەدىيەنىڭ پىشۇرۇلغان پارچىلىرىنى خۇشبۇي سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغىن.
22 Y el sacerdote que en lugar de Aarón fuere ungido de entre sus hijos, hará la ofrenda; estatuto perpetuo de Jehová: toda ella será quemada.
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇشقا مەسىھلەنگەن بولسا ئۇمۇ [ھەدىيەنى] شۇنداق تەييارلاپ سۇنسۇن؛ بۇ ئەبەدىي مۇتلەق بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. بۇ ھەدىيە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تولۇق كۆيدۈرۈلسۇن.
23 Y todo presente de sacerdote será enteramente quemado; no se comerá.
كاھىننىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەسى بولسا پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن؛ ئۇ ھەرگىز يېيىلمىسۇن.
24 Y habló Jehová á Moisés, diciendo:
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
25 Habla á Aarón y á sus hijos, diciendo: Esta es la ley de la expiación: en el lugar donde será degollado el holocausto, será degollada la expiación por el pecado delante de Jehová: es cosa santísima.
ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ گۇناھ قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ گۇناھ قۇربانلىقىمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن؛ بۇ خىل قۇربانلىق «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
26 El sacerdote que la ofreciere por expiación, la comerá: en el lugar santo será comida, en el atrio del tabernáculo del testimonio.
گۇناھ قۇربانلىقىنى ئۆتكۈزگۈچى كاھىن ئۆزى ئۇنى يېسۇن؛ قۇربانلىق مۇقەددەس بىر يەردە، جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېيىلسۇن.
27 Todo lo que en su carne tocare, será santificado; y si cayere de su sangre sobre el vestido, lavarás aquello sobre que cayere, en el lugar santo.
ئۇنىڭ گۆشىگە قول تەگكۈزگۈچى ھەركىم مۇقەددەس بولمىسا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەگەر ئۇنىڭ قېنى بىرسىنىڭ كىيىمىگە چاچراپ كەتسە، ئۇنداقتا قان چېچىلغان جاي مۇقەددەس بىر يەردە يۇيۇلسۇن.
28 Y la vasija de barro en que fuere cocida, será quebrada: y si fuere cocida en vasija de metal, será fregada y lavada con agua.
قايسى ساپال قازاندا قۇربانلىق قاينىتىلىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ سۇندۇرۇلسۇن. ئەگەر ئۇ مىس قازاندا قاينىتىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ قىرىپ سۈرۈلسۇن ھەم سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن.
29 Todo varón de entre los sacerdotes la comerá: es cosa santísima.
كاھىنلاردىن بولغان بارلىق ئەر كىشىلەر ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. بۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
30 Mas no se comerá de expiación alguna, de cuya sangre se metiere en el tabernáculo del testimonio para reconciliar en el santuario: al fuego será quemada.
ھالبۇكى، مۇقەددەس جايدا كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن قېنى جامائەت چېدىرىغا كىرگۈزۈلگەن ھەرقانداق گۇناھ قۇربانلىقى بولسا، ھەرگىز يېيىلمىسۇن، بەلكى [پۈتۈنلەي] كۆيدۈرۈلسۇن.

< Levítico 6 >