< Isaías 32 >

1 HE aquí que en justicia reinará un rey, y príncipes presidirán en juicio.
مانا، ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بىر پادىشاھ چىقىدۇ؛ ئەمىرلەر بولسا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئىدارە قىلىدۇ.
2 Y será aquel varón como escondedero contra el viento, y como acogida contra el turbión; como arroyos de aguas en tierra de sequedad, como sombra de gran peñasco en tierra calurosa.
ھەم شامالغا دالدا بولغۇدەك، بورانغا پاناھ بولغۇدەك، قاغجىراق جايغا ئېرىق-سۇلاردەك، چاڭقاپ كەتكەن زېمىنغا قورام تاشنىڭ سايىسىدەك بولغان بىر ئادەم چىقىدۇ.
3 No se ofuscarán entonces los ojos de los que ven, y los oídos de los oyentes oirán atentos.
شۇنىڭ بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرى ھېچ تورلاشمايدۇ، ئاڭلايدىغانلارنىڭ قۇلىقى ئېنىق تىڭشايدۇ؛
4 Y el corazón de los necios entenderá para saber, y la lengua de los tartamudos será desenvuelta para hablar claramente.
بەڭباشنىڭ كۆڭلى بىلىمنى تونۇپ يېتىدۇ، كېكەچنىڭ تىلى تېز ھەم ئېنىق سۆزلەيدۇ.
5 El mezquino nunca más será llamado liberal, ni será dicho generoso el avariento.
پەسەندىلەر ئەمدى پەزىلەتلىك دەپ ئاتالمايدۇ، پىقسىق ئىپلاسلار ئەمدى مەرد دەپ ئاتالمايدۇ،
6 Porque el mezquino hablará mezquindades, y su corazón fabricará iniquidad, para hacer la impiedad y para hablar escarnio contra Jehová, dejando vacía el alma hambrienta, y quitando la bebida al sediento.
چۈنكى پەسەندە ئادەم پەسلىكنى سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇقچىلىق تەييارلايدۇ، ئىپلاسلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارغا داغ كەلتۈرۈشكە، ئاچلارنىڭ قورسىقىنى ئاچ قالدۇرۇشقا، چاڭقىغانلارنىڭ ئىچىملىكىنى يوقىتىۋېتىشكە نىيەتلىنىدۇ.
7 Cierto los avaros malas medidas [tienen]: él maquina pensamientos para enredar á los simples con palabras cautelosas, y para hablar en juicio [contra] el pobre.
بەرھەق، ئىپلاس ئادەمنىڭ تەدبىرلىرى قەبىھتۇر؛ ئۇ قەستلەرنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ، مۆمىنلەرنى يالغان گەپ بىلەن، يوقسۇلنىڭ دەۋاسىدا گەپ قىلىپ ئۇنى ۋەيران قىلىشنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ.
8 Mas el liberal pensará liberalidades, y por liberalidades subirá.
پەزىلەتلىك ئادەمنىڭ قىلغان نىيەتلىرى بەرھەق پەزىلەتلىكتۇر؛ ئۇ پەزىلەتتە مۇقىم تۇرىدۇ.
9 Mujeres reposadas, levantaos, oid mi voz; confiadas, escuchad mi razón.
ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، ئى خاتىرجەم ئاياللار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار! ئى ئەندىشىسىز قىزلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار!
10 Días y años tendréis espanto, oh confiadas; porque la vendimia faltará, y la cosecha no acudirá.
بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئى بىغەم ئاياللار، پاراكەندە قىلىنىسىلەر! چۈنكى ئۈزۈم ھوسۇلى بىكارغا كېتىدۇ، مېۋە يىغىش يوق بولىدۇ.
11 Temblad, oh reposadas; turbaos, oh confiadas: despojaos, desnudaos, ceñid los lomos [con saco].
ئى خاتىرجەم ئاياللار، تىترەڭلار! ئى ئەندىشىسىز قىزلار، پاتىپاراق بولۇڭلار! كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يالاڭ قىلىڭلار، چاترىقىڭلارغا بۆز باغلاڭلار!
12 Sobre los pechos lamentarán por los campos deleitosos, por la vid fértil.
گۈزەل ئېتىز-باغلار ئۈچۈن، مېۋىلىك ئۈزۈم تاللىرى ئۈچۈن مەيدەڭلارغا ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىڭلار!
13 Sobre la tierra de mi pueblo subirán espinas y cardos; y aun sobre todas las casas de placer en la ciudad de alegría.
ئۈستىدە تىكەن-يانتاقلار ئۆسىدىغان ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنى ئۈچۈن، شاد-خۇرام ئۆيلەر، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئوينايدىغان بۇ شەھەر ئۈچۈن قايغۇرۇڭلار!
14 Porque los palacios serán desiertos, la multitud de la ciudad cesará: las torres y fortalezas se tornarán cuevas para siempre, donde huelguen asnos monteses, y ganados hagan majada:
چۈنكى ئوردا تاشلىنىدۇ، ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر ئادەمزاتسىز بولىدۇ، ئىستىھكام ۋە كۆزەت مۇنارلىرى ئۇزۇن زامانغىچە پەقەتلا ياۋايى ئېشەكلەر زوق ئالىدىغان، قوي پادىلىرى ئوزۇقلىنىدىغان بوز يەرلەر بولىدۇ.
15 Hasta que sobre nosotros sea derramado espíritu de lo alto, y el desierto se torne en campo labrado, y el campo labrado sea estimado por bosque.
تاكى روھ بىزگە يۇقىرىدىن تۆكۈلگۈچە، دالالار مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار بولغۇچە، مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار ئورمانزار دەپ ھېسابلانغۇچە شۇ پېتى بولىدۇ.
16 Y habitará el juicio en el desierto, y en el campo labrado asentará la justicia.
شۇ چاغدا ئادالەت دالانى، ھەققانىيلىق مېۋىلىك باغ-ئېتىزلارنى ماكان قىلىدۇ.
17 Y el efecto de la justicia será paz; y la labor de justicia, reposo y seguridad para siempre.
ھەققانىيلىقتىن چىقىدىغىنى خاتىرجەملىك بولىدۇ، خاتىرجەملىكنىڭ نەتىجىسى بولسا مەڭگۈگە بولىدىغان ئارام-تىنچلىق ۋە ئامان-ئېسەنلىك بولىدۇ.
18 Y mi pueblo habitará en morada de paz, y en habitaciones seguras, y en recreos de reposo.
شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم خاتىرجەم ماكانلاردا، ئىشەنچلىك تۇرالغۇلاردا ۋە تىنچ ئارامگاھلاردا تۇرىدۇ.
19 Y el granizo, cuando descendiere, [será] en los montes; y la ciudad será del todo abatida.
ئورمان كېسىلىپ يىقىتىلغاندا مۆلدۈر ياغسىمۇ، شەھەر پۈتۈنلەي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلسىمۇ،
20 Dichosos vosotros los que sembráis sobre todas aguas, y metéis [en ellas] el pie de buey y de asno.
سۇ بويىدا ئۇرۇق تېرىغۇچىلار، كالا ۋە ئېشەكلەرنى كەڭ دالاغا قويۇۋېتىدىغانلار بەختلىكتۇر!

< Isaías 32 >