< 1 Crónicas 8 >

1 BENJAMÍN engendró á Bela su primogénito, Asbel el segundo, Ara el tercero,
بىنيامىننىڭ تۇنجى ئوغلى بېلا، ئىككىنچى ئوغلى ئاشبەل، ئۈچىنچى ئوغلى ئاخاراھ،
2 Noha el cuarto, y Rapha el quinto.
تۆتىنچى ئوغلى نوخاھ، بەشىنچى ئوغلى رافا ئىدى.
3 Y los hijos de Bela fueron Addar, Gera, Abiud,
بېلانىڭ ئوغۇللىرى ئاددار، گېرا، ئابىھۇد،
4 Abisua, Naamán, Ahoa,
ئابىشۇئا، نائامان، ئاخوئاھ،
5 Y Gera, Sephuphim, y Huram.
گېرا، شېفۇفان ۋە ھۇرام ئىدى.
6 Y estos son los hijos de Ehud, estos las cabezas de padres que habitaron en Gabaa, y fueron trasportados á Manahath:
تۆۋەندىكىلەر ئەخۇدنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ نائامان، ئاخىياھ ۋە گېرا (ئەسلىدە ئۇلار گېبالىقلارنىڭ جەمەت بېشى ئىدى. گېبالىقلار ماناھاتقا كۆچۈرۈۋېتىلگەنىدى. بۇلارنى كۆچۈرۈۋەتكۈچى بولسا گېرا ئىدى؛ ئۇنىڭدىن ئۇززا بىلەن ئاخىھۇد تۆرەلگەن).
7 [Es á saber]: Naamán, Achîas, y Gera: éste los trasportó, y engendró á Uzza, y á Ahihud.
8 Y Saharaim engendró hijos en la provincia de Moab, después que dejó á Husim y á Baara que eran sus mujeres.
شاھارائىم ھۇشىم بىلەن بائارا دېگەن ئىككى ئايالىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن موئاب دىيارىدا ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن.
9 Engendró pues de Chôdes su mujer, á Jobab, Sibias, Mesa, Malchâm,
ئۇنىڭ خودەش دېگەن ئايالىدىن يوباب، زىبىيا، مېشا، مالكام،
10 Jeus, Sochîas, y Mirma. Estos son sus hijos, cabezas de familias.
يەئۇز، شاقىيا، مىرماھ دېگەن ئوغۇللار تۆرەلگەن؛ ئۇنىڭ بۇ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت بېشى بولغانىدى.
11 Mas de Husim engendró á Abitob, y á Elphaal.
ھۇشىمدىنمۇ ئۇنىڭغا ئابىتۇب، ئەلپائال دېگەن ئوغۇللار تۆرەلگەن.
12 Y los hijos de Elphaal: Heber, Misam, y Semeb, (el cual edificó á Ono, y á Loth con sus aldeas, )
ئەلپائالنىڭ ئوغۇللىرى ئېبەر، مىشام ۋە شېمەد (شېمەد ئونو بىلەن لود دېگەن ئىككى شەھەرنى ۋە ئۇلارغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى بىنا قىلغان)،
13 Berías también, y Sema, que fueron las cabezas de las familias de los moradores de Ajalón, los cuales echaron á los moradores de Gath;
بېرىياھ ۋە شېما ئىدى. ئۇ ئىككىسى ئايجالوندىكىلەر ئىچىدە جەمەت باشلىرى بولۇپ، گات ئاھالىسىنى قوغلىۋەتكەنىدى.
14 Y Ahío, Sasac, Jeremoth;
ئاخىيو، شاشاق، يەرەموت،
15 Zebadías, Arad, Heder;
زەبادىيا، ئاراد، ئېدەر،
16 Michâel, Ispha, y Joa, hijos de Berías;
مىكائىل، ئىشپاھ ۋە يوخا بولسا بېرىياھنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
17 Y Zebadías, Mesullam, Hizchî, Heber;
زەبادىيا، مەشۇللام، ھىزكى، خېبەر،
18 Ismari, Izlia, y Jobab, hijos de Elphaal.
ئىشمېراي، يېزلىيا ۋە يوبابلارنىڭ ھەممىسى ئەلپائالنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
19 Y Jacim, Zichri, Zabdi;
ياكىم، زىكرى، زابدى،
20 Elioenai, Silithai, Eliel;
ئەلىيەناي، زىلتاي، ئەلىيەل،
21 Adaías, Baraías, y Simrath, hijos de Simi;
ئادايا، بېرايا ۋە شىمراتلار شىمەينىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
22 E Isphán, Heber, Eliel;
ئىشپان، ئېبەر، ئەلىيەل،
23 Adón, Zichri, Hanán;
ئابدون، زىكرى، ھانان،
24 Hananía, Belam, Anathothías;
ھانانىيا، ئېلام، ئانتوتىيا،
25 Iphdaías, y Peniel, hijos de Sasac;
ئېفدېئاھ ۋە پەنۇئەللەر شاشاقنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
26 Y Samseri, Seharías, Atalía;
شامشىراي، شېخارىيا، ئاتالىيا،
27 Jaarsías, Elías, Zichri, hijos de Jeroham.
يائارېشىيا، ئەلىيا ۋە زىكرىلار يەروھامنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
28 Estos fueron jefes principales de familias por sus linajes, y habitaron en Jerusalem.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى نەسەبنامىلەردە خاتىرىلەنگەن جەمەت بېشى ئىدى؛ بۇلار ھەممىسى مۆتىۋەرلەر بولۇپ، يېرۇسالېمغا ماكانلاشقانىدى.
29 Y en Gabaón habitaron Abiga-baón, la mujer del cual se llamó Maachâ:
گىبېئوننىڭ ئاتىسى جەئىيەل گىبېئونغا ماكانلاشقانىدى؛ ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى.
30 Y su hijo primogénito, Abdón, luego Sur, Chîs, Baal, Nadab,
ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى ئابدون، قالغان ئوغۇللىرى زۇر، كىش، بائال، ناداب،
31 Gedor, Ahíe, y Zechêr.
گېدور، ئاخىيو، زېكەر ۋە مىكلوت ئىدى؛
32 Y Micloth engendró á Simea. Estos también habitaron con sus hermanos en Jerusalem, enfrente de ellos.
مىكلوتتىن شىمېيا تۆرەلگەن. بۇلارمۇ قېرىنداشلىرى بىلەن يېرۇسالېمدا قوشنا ئولتۇرۇشاتتى.
33 Y Ner engendró á Cis, y Cis engendró á Saúl, y Saúl engendró á Jonathán, Malchî-súa, Abinadab, y Esbaal.
نەردىن كىش تۆرەلگەن؛ كىشتىن سائۇل تۆرەلگەن؛ سائۇلدىن يوناتان، مالكىشۇئا، ئابىناداب ۋە ئېش-بائال تۆرەلگەن.
34 Hijo de Jonathán fué Merib-baal, y Merib-baal engendró á Michâ.
مېرىب-بائال يوناتاننىڭ ئوغلى ئىدى؛ مىكاھ مېرىب-بائالدىن تۆرەلگەن.
35 Los hijos de Michâ: Phitón, Melech, Thaarea y Ahaz.
مىكاھنىڭ ئوغۇللىرى پىتون، مەلەك، تارىيا ۋە ئاھاز ئىدى.
36 Y Ahaz engendró á Joadda; y Joadda engendró á Elemeth, y á Azmaveth, y á Zimri; y Zimri engendró á Mosa;
ئاھازدىن يەھوئادداھ تۆرەلگەن؛ يەھوئادداھدىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلگەن؛ زىمرىدىن موزا تۆرەلگەن؛
37 Y Mosa engendró á Bina, hijo del cual fué Rapha, hijo del cual [fué] Elasa, cuyo hijo [fué] Asel.
موزادىن بىنېئا تۆرەلگەن؛ بىنېئانىڭ ئوغلى رافا، رافانىڭ ئوغلى ئېلىئاساھ، ئېلىئاساھنىڭ ئوغلى ئازەل ئىدى.
38 Y los hijos de Asel fueron seis, cuyos nombres son Azricam, Bochru, Ismael, Searías, Obadías, y Hanán: todos estos fueron hijos de Asel.
ئازەلنىڭ ئالتە ئوغلى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىسمى ئازرىكام، بوكېرۇ، ئىشمائىل، شېئارىيا، ئوبادىيا ۋە ھانان ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازەلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
39 Y los hijos de Esec su hermano: Ulam su primogénito, Jehus el segundo, Elipheleth el tercero.
ئازەلنىڭ ئىنىسى يېشەكنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئۇلام، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى يېئۇش، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىفەلەت ئىدى.
40 Y fueron los hijos de Ulam hombres valientes y vigorosos, flecheros diestros, los cuales tuvieron muchos hijos y nietos, ciento y cincuenta. Todos estos fueron de los hijos de Benjamín.
ئۇلامنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى باتۇر جەڭچى، ئوقياچى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بىنيامىن ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.

< 1 Crónicas 8 >