< 1 Crónicas 25 >

1 Asimismo David y los príncipes del ejército apartaron para el ministerio a los hijos de Asaf, y de Hemán, y de Iditún, los cuales profetizaban con arpas, salterios y címbalos: y fue el número de ellos, de los varones que obraban en su ministerio:
داۋۇت بىلەن قوشۇننىڭ سەردارلىرى ئاساف، ھېمان ۋە يەدۇتۇنلارنىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ ۋەزىپە يۈكلەپ، ئۇلارنى چىلتار، تەمبۇر ۋە جاڭ-جاڭلار چېلىپ، بېشارەت بېرىش خىزمىتىگە قويدى. ئۇلاردىن ۋەزىپىگە قويۇلغانلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:
2 De los hijos de Asaf: Zacur, José, Natanías, y Asarela, hijos de Asaf, debajo de la mano de Asaf, el cual profetizaba al mandado del rey.
ئاسافنىڭ ئوغۇللىرىدىن زاككۇر، يۈسۈپ، نىتانىيا ۋە ئاشارىلاھ بار ئىدى؛ ئاسافنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئاسافنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى؛ ئاساف پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بېشارەت بېرىپ سۆزلەيتتى.
3 De Iditún: los hijos de Iditún; Godolías, Sori, Jesaías, Hasabías, y Matatías, seis debajo de la mano de su padre Iditún, el cual profetizaba con arpa para glorificar y alabar a Jehová.
يەدۇتۇنغا كەلگەندە، ئۇنىڭ گەدالىيا، زېرى، يەشايا، شىمەي، ھاشابىيا ۋە ماتتىتىياھ دېگەن ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى يەدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى. يەدۇتۇن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىپ مەدھىيە ئوقۇش ئۈچۈن چىلتار چېلىپ بېشارەت بېرەتتى.
4 De Hemán: los hijos de Hemán; Bocciau, Mataniau, Oziel, Subuel, Jerimot, Jananias, Janani, Eliata, Guedelti, Romenti-ezer, Jezba-casa, Melloti, Otir, y Mahaziot.
ھېماننىڭ بولسا، ئۇنىڭ بۇككىيا، ماتتانىيا، ئۇززىيەل، شەبۇيەل، يەرىموت، ھانانىيا، ھانانى، ئەلىياتا، گىددالتى ۋە رومامتى-ئېزەر، يوشبىكاشا، ماللوتى، ھوتىر ۋە ماخازىئوت دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى.
5 Todos estos fueron hijos de Hemán, vidente del rey en palabras de Dios, para ensalzar cuerno: y dio Dios a Hemán catorce hijos y tres hijas.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېماننىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، خۇداغا بولغان مەدھىيىسىنى ياڭرىتىش ئۈچۈن قويۇلغان (ھېمان بولسا پادىشاھقا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزىدىغان ئالدىن كۆرگۈچى ئىدى)؛ خۇدا ھېمانغا ئون تۆت ئوغۇل، ئۈچ قىز ئاتا قىلغانىدى.
6 Y todos estos estaban debajo de la mano de su padre para cantar en la casa de Jehová con címbalos, salterios, y arpas, para el ministerio del templo de Dios debajo de la mano del rey, de Asaf, de Iditún, y de Hemán.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتىلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە نەغمە-ناۋا قىلىش ئۈچۈن، جاڭ-جاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتار چېلىپ خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. ئاساف، يەدۇتۇن ۋە ھېمان [بۇ ئىشلاردا] پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى.
7 Y fue el número de ellos con sus hermanos sabios en cánticos de Jehová, todos los sabios, doscientos y ochenta y ocho.
ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ سانى جەمئىي ئىككى يۈز سەكسەن سەككىز ئىدى (ئۇلار ھەممىسى پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەش نەغمە-ناۋالىقىدا ئالاھىدە تەربىيە كۆرگەن، كۈي ئېيتىشقا ئۇستا ئىدى).
8 Asimismo echaron suertes, guarda contra guarda, el chico con el grande, el sabio con el discípulo.
بۇلار چوڭ-كىچىكىگە، ئۇستاز-شاگىرتلىقىغا قارىماي ھەممىسى بىردەك چەك تارتىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەنىدى.
9 Y la primera suerte salió a Asaf por José. La segunda por Godolías, él con sus hermanos e hijos que eran doce.
بىرىنچى چەك ئاسافنىڭ ئوغلى يۈسۈپكە، ئىككىنچى چەك گەدالىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئىنىلىرى ۋە ئوغۇللىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
10 La tercera por Zacur, y sus hijos y hermanos, doce.
ئۈچىنچى چەك زاككۇرغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
11 La cuarta por Isarí, y sus hijos y sus hermanos, doce.
تۆتىنچى چەك ئىزرىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
12 La quinta por Natanías, y sus hijos y sus hermanos, doce.
بەشىنچى چەك نەتانىياغا چىقتى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
13 La sexta por Bocciau, y sus hijos y sus hermanos, doce.
ئالتىنچى چەك بۇككىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
14 La séptima por Isreela, y sus hijos y sus hermanos, doce.
يەتتىنچى چەك يەشارىلاھقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
15 La octava por Jesaías, y sus hijos y sus hermanos, doce.
سەككىزىنچى چەك يەشاياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
16 La nona por Matanías, y sus hijos y sus hermanos, doce.
توققۇزىنچى چەك ماتتانىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
17 La décima por Semeí, y sus hijos y sus hermanos, doce.
ئونىنچى چەك شىمەيگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
18 La undécima por Azareel, y sus hijos y sus hermanos, doce.
ئون بىرىنچى چەك ئازارەلگە چىقتى؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
19 La duodécima por Hasabías, y sus hijos y sus hermanos, doce.
ئون ئىككىنچى چەك ھاسابىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
20 La trecena por Subael, y sus hijos y sus hermanos, doce.
ئون ئۈچىنچى چەك شۇبايەلگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
21 La catorcena por Matatías, y sus hijos y sus hermanos, doce.
ئون تۆتىنچى چەك ماتتىتىياھقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
22 La quincena por Jerimot, y sus hijos y sus hermanos, doce.
ئون بەشىنچى چەك يەرىموتقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
23 La dieziseisena por Jananías, y sus hijos y sus hermanos, doce.
ئون ئالتىنچى چەك ھانانىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
24 La decimaséptima por Jesbacasa, y sus hijos y sus hermanos, doce.
ئون يەتتىنچى چەك يوشبىكاشاغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
25 La décimaoctava por Janani, y sus hijos y sus hermanos, doce.
ئون سەككىزىنچى چەك ھانانىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
26 La décimanona por Melloti, y sus hijos y sus hermanos, doce.
ئون توققۇزىنچى چەك ماللوتىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
27 La vigésima por Eliata, y sus hijos y sus hermanos, doce.
يىگىرمىنچى چەك ئەلىياتاغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
28 La veinte y una por Otir, y sus hijos y sus hermanos, doce.
يىگىرمە بىرىنچى چەك ھوتىرغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
29 La veinte y dos por Gedelti, y sus hijos y sus hermanos, doce.
يىگىرمە ئىككىنچى چەك گىددالتىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
30 La veinte y tres por Mahaziot, y sus hijos y sus hermanos, doce.
يىگىرمە ئۈچىنچى چەك ماخازىئوتقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛
31 La veinte y cuatro por Romenti-ezer, y sus hijos y sus hermanos, doce.
يىگىرمە تۆتىنچى چەك رومامتى-ئېزەرگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى.

< 1 Crónicas 25 >