< Salmos 56 >

1 Oh ʼElohim, ten compasión de mí, Porque el hombre me pisotea, me devora, Me oprime y me combate todo el día.
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «خىلۋەتتىكى دۇب دەرەخلىرىدىكى پاختەك» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى (فىلىستىيلەر گات شەھىرىدە ئۇنى ئەسىرگە ئالغاندا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ نەپسى يوغىناپ مېنى قوغلىماقتا؛ كۈن بويى ئۇلار مەن بىلەن جەڭ قىلىپ مېنى باسماقتا؛
2 Los que me asaltan me pisotean todo el día, Porque son muchos los que con soberbia pelean contra mí.
مېنى كۆزلىگەن رەقىبلىرىمنىڭ نەپسى يوغىناپ كۈن بويى مېنى قوغلىماقتا؛ ماڭا ھەيۋە قىلىپ جەڭ قىلغۇچىلار ئىنتايىن كۆپتۇر!
3 El día cuando temo, confío en Ti.
مەن قورققان كۈنۈمدە، مەن ساڭا تايىنىمەن.
4 En ʼElohim, la Palabra de Quien alabo, En ʼElohim confío, no temeré. ¿Qué puede hacerme el hombre?
مەن سۆز-كالامىنى ئۇلۇغ دەپ مەدھىيەلەيدىغان خۇداغا، خۇداغىلا تايىنىمەن؛ مەن قورقمايمەن؛ ناھايىتى بىر ئەت ئىگىسى مېنى نېمە قىلالىسۇن؟
5 Todo el día pervierten mis palabras. Contra mí son todos sus pensamientos para mal.
ئۇلار كۈن بويى سۆزلىرىمنى بۇرمىلايدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويى ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشتۇر؛
6 Conspiran, acechan, observan atentamente mis pasos en acecho de mi vida.
ئۇلار توپ بولۇپ ئادەمنى قەستىلىشىپ، يوشۇرۇنىدۇ؛ پېيىمگە چۈشۈپ، جېنىمنى ئېلىشنى كۈتىدۇ.
7 Pésalos a causa de su perversidad. Con furia derriba los pueblos, oh ʼElohim.
[گۇناھ] بىلەن گۇناھنى يېپىپ قاچسا بولامدۇ؟ غەزىپىڭ بىلەن ئەللەرنى يەرگە ئۇرغايسەن، ئى خۇدا!
8 Tomaste en cuenta mis huidas. Coloca mis lágrimas en tu botella. ¿No están ellas en tu rollo?
مېنىڭ سەرسانلىقلىرىمنى ئۆزۈڭ ساناپ كەلگەن؛ كۆزدىن ئاققان ياشلىرىمنى تۇلۇمۇڭغا توپلاپ ساقلىغايسەن؛ بۇلار دەپتىرىڭدە پۈتۈكلۈك ئەمەسمۇ؟
9 El día cuando yo te invoque retrocederán mis enemigos. Esto sé porque ʼElohim está a mi favor.
شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا نىدا قىلغان كۈندە، دۈشمەنلىرىم چېكىنىدۇ؛ مەن شۇنى بىلدىمكى ــ خۇدا مەن تەرەپتىدۇر!
10 Oh ʼElohim, tu Palabra alabo, Oh Yavé, tu Palabra alabo.
خۇدانى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن! پەرۋەردىگارنى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن!
11 En ʼElohim confié, no temeré. ¿Qué puede hacerme el hombre?
خۇدانىلا تايانچىم قىلدىم ــ مەن قورقمايمەن، ناھايىتى شۇ بىر ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟
12 Oh ʼElohim, sobre mí están los votos. Te pagaré ofrendas de acción de gracias,
ساڭا قىلغان ۋەدىلىرىمگە ۋاپا قىلىمەن، ئى خۇدا؛ ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن.
13 Porque libraste mi vida de la muerte Y mis pies de tropezar, Para que ande delante de ʼElohim En la luz de los que viven.
چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانسەن؛ سەن پۇتلىرىمنى پۇتلىشىشتىن ساقلىمامسەن؟ شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا، تىرىكلەر تۇرىدىغان يورۇقلۇقتا ماڭىمەن.

< Salmos 56 >