< Job 10 >

1 ¡Mi alma está hastiada de mi vida! Daré rienda suelta a mi queja. Hablaré con la amargura de mi alma.
مەن ئۆز جېنىمدىن نەپرەتلىنىمەن؛ ئۆز دەردىمنى تۆكۈۋالاي؛ قەلبىمدىكى ئاھ-زارىمنى سۆزلىۋالاي.
2 Diré a ʼElohim: ¡No me condenes! Hazme saber por qué contiendes conmigo.
مەن تەڭرىگە: «مېنىڭ گۇناھىمنى بېكىتمە؛ ماڭا كۆرسەتكىنكى، سەن زادى نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن دەۋالىشىسەن؟
3 ¿En verdad, es justo para Ti oprimir, desechar la obra de tus manos y favorecer el designio de los perversos?
ئادەمنى ئەزگىنىڭ، ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭنى چەتكە قاققىنىڭ ساڭا پايدىلىقمۇ؟ يامانلارنىڭ سۇيىقەستىگە نۇر چاچقىنىڭ ياخشىمۇ؟
4 ¿Tienes ojos humanos y miras como mira el hombre?
سېنىڭ كۆزۈڭ ئىنساننىڭكىدەك ئاجىزمۇ؟ سەن ئادەملەر كۆرگەندەك خىرە كۆرەمسەن؟
5 ¿Son tus días como los días del hombre o tus años como los años del hombre,
سېنىڭ كۈنلىرىڭ ئۆلىدىغان ئىنساننىڭ كۈنلىرىدەك چەكلىكمۇ؟ سېنىڭ يىللىرىڭ ئىنساننىڭ يىللىرىدەك قىسقىمۇ؟
6 para que indagues mi iniquidad e investigues mi pecado?
سەن مېنىڭ رەزىل ئادەم ئەمەسلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتۇلدۇرغۇدەك ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا مېنىڭ خاتالىقىمنى سوراپ يۈرىسەن؟ نېمىشقا مېنىڭ گۇناھىمنى سۈرۈشتۈرىسەن؟» ــ دەيمەن.
7 Tú sabes que no soy culpable, y que no hay quien libre de tu mano.
8 Tus manos me hicieron y me formaron. ¿Y ahora me destruyes?
ــ سەن ئۆز قوللىرىڭ بىلەن مېنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدە قىلىپ ياراتقانسەن؛ بىراق سەن مېنى يوقاتماقچىسەن!
9 Recuerda, te ruego, que del barro me moldeaste. ¿Y al polvo me harás volver?
سەن لاينى ياسىغاندەك مېنى ياسىغىنىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، دەپ يېلىنىمەن؛ سەن مېنى يەنە تۇپراققا قايتۇرامسەن؟
10 ¿No me vertiste como leche y me cuajaste como queso?
سەن [ئۇستىلىق بىلەن] مېنى سۈتتەك قۇيۇپ چايقاپ، مېنى ئىرىمچىكتەك ئۇيۇتقان ئەمەسمۇ؟
11 Me cubriste de piel y de carne, con huesos y tendones me tejiste.
سەن تېرە ھەم ئەت بىلەن مېنى كىيىندۈرگەنسەن، ئۇستىخان ھەم پەي بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مېنى توقۇغانسەن.
12 Me otorgaste vida y misericordia, y tu cuidado preservó mi espíritu.
سەن ماڭا ھايات ھەم مېھىر-شەپقەت تەقدىم قىلغانسەن، سەن سۆيگۈڭ بىلەن روھىمدىن خەۋەر ئالدىڭ.
13 Tenías estas cosas ocultas en tu corazón. Yo sé que esto estaba contigo.
بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭ قەلبىڭدە يوشۇرۇقلۇق ئىدى؛ بۇلارنىڭ ئەسلىدە قەلبىڭدە پۈكۈكلىكىنى بىلىمەن.
14 Si peco, Tú me observas, y no me tendrás como limpio de mi culpa.
گۇناھ قىلغان بولسام، سەن مېنى كۆزىتىپ يۈرگەن بولاتتىڭ؛ سەن مېنىڭ قەبىھلىكىمنى جازالىماي قويمايتتىڭ.
15 Si soy malo, ¡ay de mí! Y si soy justo, no levantaré mi cabeza. Estoy hastiado de la afrenta y de ver mi aflicción.
رەزىل ھېسابلانغان بولسام، ماڭا بالا كېلەتتى! ھەم ياكى ھەققانىي ھېسابلانساممۇ، قاتتىق نومۇسقا چۆمۈپ، ئازابقا چۆمگىنىمدە، بېشىمنى يەنىلا كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم؛
16 Si mi cabeza se levanta, me cazas como a león y vuelves a mostrar tus proezas en mí.
ھەتتا [بېشىمنى] كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلساممۇ، سەن ئەشەددىي شىردەك مېنىڭ پېيىمگە چۈشەتتىڭ؛ سەن ماڭا كارامەت كۈچۈڭنى ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتەتتىڭ.
17 Renuevas tus testigos contra mí y aumentas contra mí tu furor como tropas de relevo.
سەن مېنى ئەيىبلەيدىغان گۇۋاھچىلىرىڭنى قايتىدىن ئالدىمغا كەلتۈرىسەن؛ ماڭا قارىتىلغان غەزىپىڭنى زور قىلىسەن؛ كۈچلىرىڭ ماڭا قارشى دولقۇنلاپ كەلمەكتە.
18 ¿Por qué entonces me sacaste de la matriz? ¡Hubiera yo expirado sin que ningún ojo me viera!
سەن ئەسلىدە نېمىشقا مېنى بالىياتقۇدىن چىقارغانسەن؟ كاشكى، مەن چاچراپ كەتكەن بولسام، ھېچ ئادەم مېنى كۆرمەس ئىدى!
19 Sería como si nunca hubiera existido, llevado del vientre a la tumba.
مەن ھېچقاچان بولمىغان بولاتتىم! بالىياتقۇدىن بىۋاسىتە گۆرگە ئاپىرىلغان بولاتتىم!
20 ¿No son pocos mis días? Cesa pues, y déjame, para que me consuele un poco
مېنىڭ ئازغىنە كۈنلىرىم تۈگەي دېگەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا مەن بارسا كەلمەس يەرگە بارغۇچە، ــ قاراڭغۇلۇق، ئۆلۈم سايە بولغان زېمىنغا، ــ زۇلمەت بىر زېمىنغا، يەنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىغا، ئۆلۈم سايىسىنىڭ زېمىنىغا، تەرتىپسىز، ھەتتا ئۆز نۇرى قاپقاراڭغۇ قىلىنغان شۇ زېمىنغا بارغۇچە، ماڭا ئازراق جان كىرىش ئۈچۈن، ئىشىڭنى بىر دەقىقە توختات، مەندىن نېرى بول!».
21 antes que me vaya a la región tenebrosa de la muerte para no volver,
22 tierra de oscuridad, lóbrega, lugar de sombra de muerte, sin orden, donde la luz es como densa oscuridad.

< Job 10 >