< Esdras 2 >

1 Estas son las personas de la provincia que subieron de la cautividad, de los deportados que Nabucodonosor, rey de Babilonia, llevó a Babilonia. Regresaron a Jerusalén y Judá, cada uno a su ciudad.
تۆۋەندىكىلەر نېبوقادنەسار تەرىپىدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان [يەھۇدىيە] ئۆلكىسىدىكىلەردىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە چىقىپ، ھەربىرى ئۆز شەھىرلىرىگە كەتكەنلەر: ــ
2 Los que regresaron con Zorobabel fueron: Jesuá, Nehemías, Seraías, Reelaías, Mardoqueo, Bilsán, Mispar, Bigvai, Rehum y Baana. El número de las personas del pueblo de Israel era de los hijos de:
ــ ئۇلار زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، سېرايا، رەئىلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رەھۇم ۋە بائاناھلار بىلەن بىللە قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ
3 Paros, 2.172;
پاروشنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛
4 Sefatías, 372;
شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛
5 Ara, 775;
ئاراھنىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز يەتمىش بەش كىشى؛
6 Pajat-moab, Jesuá y Joab, 2.812;
پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى يەشۇئا بىلەن يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون ئىككى كىشى؛
7 Elam, 1.254;
ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛
8 Zatu, 945;
زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز قىرىق بەش كىشى؛
9 Zacai, 760;
زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى؛
10 Bani, 642;
بانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى؛
11 Bebai, 623;
بىباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛
12 Azgad, 1.222;
ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛
13 Adonicam, 666;
ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە كىشى؛
14 Bigvai, 2.056;
بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئەللىك ئالتە كىشى؛
15 Adín, 454;
ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى تۆت يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛
16 Ater y de Ezequías, 98;
ھەزەكىيانىڭ جەمەتىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى؛
17 Bezai, 323;
بىزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛
18 Jora, 112;
يوراھنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى؛
19 Hasum, 223;
ھاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛
20 Gibar, 95;
گىببارنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى؛
21 Belén, 123;
بەيت-لەھەملىكلەر بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛
22 Netofa, 56;
نىتوفالىقلار ئەللىك ئالتە كىشى؛
23 Anatot, 128;
ئاناتوتلۇقلار بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛
24 Azmavet, 42;
ئازماۋەتلىكلەر قىرىق ئىككى كىشى؛
25 Quiriat-jearim, Cafira y Beerot, 743;
كىرىئات-ئارىملىقلار، كەفىراھلىقلار ۋە بەئەروتلۇقلار بولۇپ جەمئىي يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى؛
26 Ramá y de Geba, 621;
راماھلىقلار بىلەن گېبالىقلار جەمئىي ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛
27 los hombres de Micmas, 122;
مىكماشلىقلار بىر يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛
28 los hombres de Bet-ʼEl y de Hai, 223;
بەيت-ئەللىكلەر بىلەن ئايىلىقلار جەمئىي ئىككى يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛
29 Nebo, 52;
نېبولىقلار ئەللىك ئىككى كىشى؛
30 Magbis, 156;
ماگبىشنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئەللىك ئالتە كىشى؛
31 Elam, 1.254;
ئىككىنچى بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛
32 Harim, 320;
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى؛
33 Lod, Hadid y Ono, 725;
لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي يەتتە يۈز يىگىرمە بەش كىشى؛
34 Jericó, 345;
يېرىخولۇقلار ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى؛
35 y de Senaa, 3.630.
سىنائاھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز ئوتتۇز كىشى.
36 Los sacerdotes fueron los hijos de: Jedaías, la familia de Jesuá, 973;
كاھىنلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەشۇئا جەمەتىدىكى يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى؛
37 Imer, 1.052;
ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى؛
38 Pasur, 1.246;
پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى؛
39 Harim, 1.017.
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى.
40 Los levitas fueron los hijos de: Jesuá, Cadmiel y Hodovías, 74.
لاۋىيلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ خوداۋىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى يەشۇئا بىلەن كادمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى؛
41 Los hijos de los cantores de Asaf, 128.
غەزەلكەشلەردىن: ــ ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى.
42 Los porteros fueron los hijos de: Salum, Ater, Talmón, Acub, Hatita y Sobai; el total, 139.
دەرۋازىۋەنلەرنىڭ نەسلىدىن: ــ شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن شوباينىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي بىر يۈز ئوتتۇز توققۇز كىشى.
43 Los servidores del Templo fueron los hijos de: Ziha, Hasufa, Tabaot,
ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى،
44 Queros, Siaha, Padón,
كىروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىياھانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى،
45 Lebana, Hagaba, Acub,
لىباناھنىڭ ئەۋلادلىرى، ھاگاباھنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى،
46 Hagab, Samlai, Hanán,
ھاگابنىڭ ئەۋلادلىرى، شاملاينىڭ ئەۋلادلىرى، ھاناننىڭ ئەۋلادلىرى،
47 Gidel, Gahar, Reaía,
گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاھارنىڭ ئەۋلادلىرى، رېئاياھنىڭ ئەۋلادلىرى،
48 Rezín, Necoda, Gazam,
رەزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى، گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى،
49 Uza, Paseah, Besai,
ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسىيانىڭ ئەۋلادلىرى، بىساينىڭ ئەۋلادلىرى،
50 Asena, de los Meunim, Nefusim,
ئاسناھنىڭ ئەۋلادلىرى، مەئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇسسىمنىڭ ئەۋلادلىرى،
51 Bacbuc, Hacufa, Harhur,
باكبۇكنىڭ ئەۋلادلىرى، خاكۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى،
52 Bazlut, Mehída, Harsa,
بازلۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەھىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى،
53 Barcos, Sísara, Tema,
باركوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى،
54 Nezía y Hatifa.
نەزىيانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرى.
55 Los hijos de los esclavos de Salomón fueron los hijos de: Sotai, Soferet, Peruda,
سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پىرۇدانىڭ ئەۋلادلىرى،
56 Jaala, Darcón, Gidel,
يائالاھنىڭ ئەۋلادلىرى، داركوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى،
57 Sefatías, Hatil, Poqueret-hazebaim y Ami.
شەفەتىيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوقەرەت-ھاززىبائىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئامىنىڭ ئەۋلادلىرى.
58 Todos los servidores del Templo y los hijos de los esclavos de Salomón fueron 392.
ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى.
59 Éstos son los que subieron de Tel-mela, Tel-harsa, Querub, Addán e Imer, aunque ellos no pudieron demostrar la casa de sus antepasados ni su linaje, si eran de Israel:
تۆۋەندىكى كىشىلەر تەل-مېلاھ، تەل-خارشا، كېرۇب، ئاددان ۋە ئىممەردىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ياكى نەسەبىنىڭ ئىسرائىل ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى.
60 Los hijos de Delaía, Tobías, y Necoda fueron 652.
بۇلار دېلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز ئەللىك ئىككى كىشى؛
61 De los sacerdotes fueron los hijos de Habaía, Cos, y Barzilai, quien tomó una esposa de entre las hijas de Barzilai galaadita y fue llamado con el nombre de ellas.
كاھىنلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، كوزنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرى بار ئىدى؛ بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى ئالغاچقا ئۇلارنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى.
62 Éstos buscaron su registro entre los antepasados, pero no pudieron ser hallados, por lo cual fueron declarados impuros y excluidos del sacerdocio.
بۇلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ شۇڭا ئۇلار «ناپاك» ھېسابلىنىپ كاھىنلىقتىن قالدۇرۇلدى.
63 El gobernador les dijo que no debían comer de las cosas más sagradas hasta que se levantara sacerdote para usar el Urim y Tumim.
ۋالىي ئۇلارغا: ــ ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە «ئەڭ مۇقەددەس يىمەكلىكلەر»گە ئېغىز تەگكۈزمەيسىلەر، دېدى.
64 Toda la congregación en conjunto era de 42.360,
پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى؛
65 sin contar sus esclavos y esclavas, los cuales eran 7.337. Tenían 200 cantores y cantoras.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە قۇل-دېدىكى بار ئىدى؛ يەنە ئىككى يۈز ئەر-ئايال غەزەلچىسى بار ئىدى.
66 Sus caballos eran 736; sus mulas, 245;
ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئېتى، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىرى،
67 sus camellos, 435; asnos, 6.720.
تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگىسى ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكى بار ئىدى.
68 Cuando llegaron a la Casa de Yavé en Jerusalén, algunos de los jefes de familia dieron ofrendas voluntarias para reedificar la Casa de ʼElohim en su mismo sitio.
جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى يېرۇسالېمغا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلگەن چاغدا، خۇدانىڭ شۇ ئۆيى ئەسلى ئورنىغا يېڭىۋاشتىن سېلىنىشى ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى.
69 Según sus recursos, aportaron para la obra 488 kilogramos de oro, 2.750 kilogramos de plata y 100 túnicas sacerdotales.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇربىغا قاراپ قۇرۇلۇش خەزىنىسىگە ئاتمىش بىر مىڭ دارىك ئالتۇن، بەش مىڭ مىنا كۈمۈش ۋە يۈز قۇر كاھىن تونى تەقدىم قىلدى.
70 Los sacerdotes y levitas, parte del pueblo, cantores, porteros y servidores del Templo vivieron en sus ciudades, y todo Israel en sus respectivas ciudades.
شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە بىر قىسىم خەلق قوشۇلۇپ، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى؛ قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى.

< Esdras 2 >