< Ester 10 >

1 El rey Asuero impuso un tributo sobre la tierra y sobre las islas del mar.
پادىشاھ ئاھاشۋېروش قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئاراللىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئالۋان تۆلىگۈزەتتى.
2 Todos los actos de autoridad y poder, así como la declaración de la grandeza de Mardoqueo, a quien el rey engrandeció, ¿no están escritos en el rollo de las crónicas de los reyes de Media y Persia?
ئۇنىڭ نوپۇز-ھەيۋىتى ۋە قۇدرىتىنى ئايان قىلغان بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرى، شۇنداقلا موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ئۆستۈرۈشى بىلەن ئېرىشكەن كاتتا شۆھرىتى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار مېدىئا ۋە پارس پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرىدە پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟
3 Porque el judío Mardoqueo llegó a ser el segundo del rey Asuero, grande entre los judíos y aceptado por la multitud de sus hermanos. Procuró el bienestar de su pueblo y habló paz a todo su linaje.
چۈنكى يەھۇدىي موردىكاينىڭ مەرتىۋىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشتىن كېيىنلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى؛ ئۇ دائىم ئۆز خەلق-مىللىتىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، بارلىق نەسلىدىكىلەرگە ئامان-ئېسەنلىك تىلەك سۆزلىرىنى قىلاتتى، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا زور ئىززەت-ھۆرمەت تېپىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنىدى.

< Ester 10 >