< Sofonías 3 >

1 ¡Ay de la rebelde y contaminada, la ciudad opresora!
ئاسىيلىق قىلغۇچى، بۇلغانغان، جەبىر-زۇلۇم يەتكۈزگۈچى شەھەرگە ۋاي!
2 Ella no obedeció la voz. No recibió la corrección. No confió en el Señor. No se acercó a su Dios.
ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىدى، تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى؛ پەرۋەردىگارغا تايانمىدى، خۇداسىغا يېقىنلاشمىدى.
3 Sus príncipes son leones rugientes. Sus jueces son lobos nocturnos. No dejan nada para el día siguiente.
ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى ھۆركىرەيدىغان شىرلار، ئۇنىڭ سوراقچىلىرى بولسا كەچلىكى ئوۋلايدىغان، ئەتىگىنى غاجىلىغۇدەك ھېچنەرسە قالدۇرمايدىغان بۆرىلەردۇر؛
4 Sus profetas son gente arrogante y traicionera. Sus sacerdotes han profanado el santuario. Han violado la ley.
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋەزىنسىز، ئاسىي كىشىلەر؛ ئۇنىڭ كاھىنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدىغانلار، تەۋرات-قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلار.
5 Yahvé, dentro de ella, es justo. Él no hará ningún mal. Cada mañana saca a la luz su justicia. Él no falla, pero los injustos no conocen la vergüenza.
ھەققانىي پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر؛ ئۇ ھېچ ھەققانىيەتسىزلىك قىلمايدۇ؛ ھەر ئەتىگەندە ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدۇ؛ ھۆكۈمىدە كەمچىلىك يوقتۇر؛ بىراق نامەرد ئادەم ھېچ نومۇسنى بىلمەيدۇ.
6 He eliminado naciones. Sus almenas están desoladas. He hecho que sus calles queden desiertas, para que nadie pase por ellas. Sus ciudades están destruidas, para que no haya ningún hombre, para que no haya ningún habitante.
ــ مەن ئەللەرنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنمەن، ئۇلارنىڭ ئىستىھكام پوتەيلىرى ۋەيرانىدۇر؛ كوچىلىرىنى ھېچبىر ئادەم ئۆتمىگۈدەك قىلىپ خارابە قىلغانمەن؛ شەھەرلىرى ئادەمزاتسىز، ھېچ تۇرغۇچىسى يوق قىلىنىپ ھالاك بولغان.
7 Dije: “Temedme. Recibe la corrección”, para que su morada no sea cortada, según todo lo que he dispuesto respecto a ella. Pero se levantaron temprano y corrompieron todas sus acciones.
مەن: «پەقەت مەندىن قورقۇڭلار، تەربىيىنى قوبۇل قىلىڭلار» ــ دېدىم. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا ھەممە بېكىتكەنلىرىم چۈشۈرۈلمەي، ماكانى ھېچ خانىۋەيران بولماس. بىراق ئۇلار بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممە ئىشلىرىنى ھارام قىلىۋەتتى.
8 “Por tanto, espérame — dice Yahvé — hasta el día en que me levante a la presa, porque mi determinación es reunir a las naciones, para reunir a los reinos y derramar sobre ellos mi indignación, toda mi furia, porque toda la tierra será devorada con el fuego de mis celos.
شۇڭا مېنى كۈتۈڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئورنۇمدىن قوزغالغان كۈنگىچە ــ چۈنكى مېنىڭ قارارىم ــ ئەللەرنى يىغىش، پادىشاھلىقلارنى جەم قىلىشتىن ئىبارەتكى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى، ھەممە دەھشەتلىك ئاچچىقىمنى بېشىغا تۆكۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى يەر يۈزىنىڭ ھەممىسى ئاچچىق غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ.
9 Porque entonces purificaré los labios de los pueblos, para que todos invoquen el nombre de Yahvé, para servirle hombro con hombro.
چۈنكى شۇ تاپتا بارلىق ئەللەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چاقىرىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بىر جان بىر تەن بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ساپ بىر تىلغا ئايلاندۇرىمەن،
10 Desde más allá de los ríos de Cus, mis adoradores, la hija de mi pueblo disperso, traerán mi ofrenda.
چۈنكى ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ نېرىسىدىن مېنىڭ دۇئا-تىلاۋەتچىلىرىم، يەنى مەن تارقاتقانلارنىڭ قىزى، ماڭا سۇنۇلغان ھەدىيەنى ئېپكېلىدۇ.
11 En ese día no te sentirás defraudado por todas tus acciones en las que has transgredido contra mí; porque entonces quitaré de en medio de ti a tus orgullosos exaltados, y ya no serás arrogante en mi santo monte.
شۇ كۈنى سەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئىزا تارتىپ قالمايسەن؛ چۈنكى شۇ تاپتا مەن تەكەببۇرلۇقۇڭدىن خۇشاللىنىپ كەتكەنلەرنى ئاراڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس تېغىم تۈپەيلىدىن ھالىڭنى ئىككىنچى چوڭ قىلمايسەن؛
12 Pero dejaré entre ustedes un pueblo afligido y pobre, y se refugiará en el nombre de Yahvé.
ۋە مەن ئاراڭدا كەمتەر ھەم مىسكىن بىر خەلقنى قالدۇرىمەن، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تايىنىدۇ.
13 El remanente de Israel no hará iniquidad ni dirá mentiras, ni se hallará en su boca una lengua engañosa, porque se alimentará y se acostará, y nadie le hará temer.”
ئىسرائىلنىڭ قالدىسى نە قەبىھلىك قىلمايدۇ، نە يالغان سۆزلىمەيدۇ، نە ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئالدامچى تىل تېپىلمايدۇ؛ ئۇلار بەلكى ئوزۇقلىنىپ، ياتىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ.
14 ¡Canta, hija de Sión! ¡Grita, Israel! Alégrate y regocíjate con todo tu corazón, hija de Jerusalén.
يايراپ-ياشنا، ئى زىئون قىزى! تەنتەنە قىلىپ ۋارقىرا، ئى ئىسرائىل! پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلان، ئى يېرۇسالېمنىڭ قىزى!
15 El Señor ha quitado tus juicios. Ha expulsado a tu enemigo. El Rey de Israel, Yahvé, está en medio de ti. Ya no tendrás miedo del mal.
پەرۋەردىگار سېنى جازالايدىغان ھۆكۈملەرنى ئېلىپ تاشلىدى، دۈشمىنىڭنى قايتۇرۇۋەتتى؛ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار ئاراڭدىدۇر؛ يامانلىقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن.
16 En ese día se le dirá a Jerusalén: “No temas, Sión. No dejes que tus manos sean débiles”.
شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا ئېيتىلىدۇكى، «قورقما، ئى زىئون! قوللىرىڭ بوشاپ، ساڭگىلاپ كەتمىسۇن!
17 Yahvé, tu Dios, está en medio de ti, un poderoso que salvará. Se alegrará de ti con su alegría. Te calmará en su amor. Se alegrará por ti con cantos.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدا، قۇتقۇزىدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر! ئۇ شادلىق بىلەن ئۈستۈڭدە شادلىنىدۇ؛ ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىدە ئارام ئالىدۇ؛ ئۈستۈڭدە ناخشىلار ئېيتىپ يايراپ-ياشنايدۇ.
18 Voy a eliminar los que se afligen sobre las fiestas señaladas de usted. Ellos son una carga y un reproche para usted.
جەمئىيەت سورۇنلىرىدىكى نومۇسسىز ئىبادەت تۈپەيلىدىن ئاراڭلاردىن ئازابلانغانلارنى يىغىمەن؛ بۇلارنىڭ شەرمەندىلىكلىرى ئۇلارغا ئېغىر كېلەتتى.
19 He aquí, en ese momento voy a tratar con todos los que te afligen; y voy a salvar a los cojos y reunir a los que fueron expulsados. Les daré alabanza y honor, cuya vergüenza ha estado en toda la tierra.
مانا، مەن شۇ تاپتا سېنى خارلىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلىمەن، ئاقساق بولغان قىزنى قۇتقۇزىمەن تالاغا ھەيدىۋېتىلگەن قىزنى يىغىمەن؛ دەل ئۇلار خورلانغان بارلىق زېمىنلاردا ئۇلارنى [ئۆزۈمگە] مەدھىيە كەلتۈرگۈچى، شۆھرەت بولغۇچى قىلىپ تىكلەيمەن.
20 En aquel tiempo los haré entrar, y en aquel tiempo los reuniré; porque les daré honor y alabanza entre todos los pueblos de la tierra cuando restablezca su suerte ante sus ojos, dice el Señor.
مەن شۇ تاپتا، يەنى سىلەرنى يىغقان ۋاقىتتا، سىلەرنى [ئۆيگە] ئېپكېلىمەن؛ چۈنكى مەن كۆز ئالدىڭلاردا سىلەرنى ئاسارەتتىن ئازادلىققا چىقارغىنىمدا، سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئارىسىدا شۆھرەتلىك، [ئۆزەمگە] مەدھىيە كەلتۈرگۈچى قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

< Sofonías 3 >