< Éxodo 32 >

1 Cuando el pueblo vio que Moisés se demoraba en bajar del monte, se reunió con Aarón y le dijo: “Ven, haznos dioses que vayan delante de nosotros, porque en cuanto a este Moisés, el hombre que nos sacó de la tierra de Egipto, no sabemos qué ha sido de él.”
خەلق مۇسانىڭ تاغدىن چۈشمەي ھايال بولۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ، ھارۇننىڭ قېشىغا يىغىلىپ ئۇنىڭغا: ــ سەن قوپۇپ، بىزگە ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭىدىغان بىر ئىلاھ ياساپ بەرگىن! چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن مۇسا دېگەن ھېلىقى كىشىگە نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دېيىشتى.
2 Aarón les dijo: “Quítense los anillos de oro que están en las orejas de sus esposas, de sus hijos y de sus hijas, y tráiganmelos”.
ھارۇن ئۇلارغا: ــ خوتۇنلىرىڭلار بىلەن ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنىڭ قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن زىرە ھالقىلارنى چىقىرىپ، مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى.
3 Todo el pueblo se quitó los anillos de oro que tenía en sus orejas y se los llevó a Aarón.
شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل خەلق ئۆز قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن زىرە ھالقىلارنى چىقىرىپ ھارۇننىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى.
4 El recibió lo que le entregaron, lo modeló con un instrumento de grabado y lo convirtió en un becerro moldeado. Luego le dijeron: “Estos son tus dioses, Israel, que te sacaron de la tierra de Egipto”.
ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئىسكىنە بىلەن قۇيما بىر موزاينى ياساتقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: ــ ئەي ئىسرائىل، سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار مانا بۇدۇر! ــ دېيىشتى.
5 Al ver esto, Aarón construyó un altar delante de él; y Aarón hizo una proclama y dijo: “Mañana será una fiesta para Yahvé.”
ھارۇن ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئالدىدا بىر قۇربانگاھنى ياسىتىپ ئاندىن: «ئەتە پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ھېيت ئۆتكۈزۈلىدۇ»، دەپ ئېلان قىلدى.
6 Al día siguiente se levantaron temprano, ofrecieron holocaustos y trajeron ofrendas de paz; el pueblo se sentó a comer y a beber, y se levantó a jugar.
ئەتىسى ئۇلار سەھەر قوپۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ كەلتۈردى؛ ئاندىن خالايىق ئولتۇرۇپ يەپ-ئىچىشتى، قوپۇپ ئەيش-ئىشرەت قىلىشتى.
7 El Señor le dijo a Moisés: “Ve, baja, porque tu pueblo, al que sacaste de la tierra de Egipto, se ha corrompido.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، تېزدىن پەسكە چۈشكىن! چۈنكى سەن مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خەلقىڭ بۇزۇقچىلىققا بېرىلىپ كەتتى.
8 Se han desviado rápidamente del camino que les ordené. Se han hecho un becerro moldeado, lo han adorado y le han ofrecido sacrificios, y han dicho: ‘Estos son tus dioses, Israel, que te hicieron subir de la tierra de Egipto’.”
مەن ئۇلارغا بۇيرۇغان يولدىن شۇنچە تېزلا چەتنەپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر قۇيما موزاينى ياساپ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ قۇربانلىق كەلتۈرۈشتى ھەمدە: «ئەي ئىسرائىل، سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭ مانا شۇدۇر!»، دېيىشتى، ــ دېدى.
9 Yahvé dijo a Moisés: “He visto a este pueblo, y he aquí que es un pueblo de dura cerviz.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، بۇ خەلقنى كۆرۈپ قويدۇم؛ مانا، ئۇلار دەرۋەقە بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر.
10 Ahora, pues, déjame en paz, para que arda mi ira contra ellos y los consuma; y haré de ti una gran nación.”
ئەمدى مېنى توسما، مەن غەزەپ ئوتۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن؛ ئاندىن سېنى ئۇلۇغ بىر ئەل قىلىمەن، ــ دېدى.
11 Moisés suplicó a su Dios y le dijo: “Señor, ¿por qué arde tu ira contra tu pueblo, que sacaste de la tierra de Egipto con gran poder y con mano poderosa?
لېكىن مۇسا خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي پەرۋەردىگار، نېمىشقا سەن غەزەپ ئوتۇڭنى ئۆزۈڭ زور قۇدرەت ۋە كۈچلۈك قول بىلەن مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىسەن؟
12 ¿Por qué han de hablar los egipcios diciendo: ‘Los sacó para mal, para matarlos en los montes y consumirlos de la superficie de la tierra’? Vuélvete de tu feroz ira, y aléjate de este mal contra tu pueblo.
مىسىرلىقلار مازاق قىلىپ: ــ ئۇلارنىڭ بېشىغا بالا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى تاغلارنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ يەر يۈزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، [ئۇلارنىڭ خۇداسى] ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېيىشسۇنمۇ؟ ئۆز ئوتلۇق غەزىپىڭدىن يېنىپ، ئۆز خەلقىڭگە بالايىئاپەت كەلتۈرۈش نىيىتىڭدىن يانغايسەن!
13 Acuérdate de Abraham, de Isaac y de Israel, tus siervos, a quienes juraste por ti mismo y les dijiste: ‘Multiplicaré tu descendencia como las estrellas del cielo, y toda esta tierra de la que he hablado se la daré a tu descendencia, y la heredarán para siempre’.”
ئۆز قۇللىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنى ياد قىلغىن؛ سەن ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلىپ: «نەسلىڭلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتىمەن، ئۆزۈم ئۇنىڭ توغرىسىدا سۆزلىگەن مۇشۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى نەسلىڭلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بولىدۇ» دېگەنىدىڭغۇ، ــ دېدى.
14 Entonces Yahvé se apartó del mal que dijo que haría a su pueblo.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىگە: «بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن» دېگەن نىيىتىدىن ياندى.
15 Moisés se volvió y bajó del monte con las dos tablas del testimonio en la mano, tablas que estaban escritas por ambos lados. Estaban escritas de un lado y del otro.
مۇسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيىنى قولىغا ئېلىپ تاغدىن چۈشتى. تاختايلارنىڭ ئىككى تەرىپىگە سۆزلەر پۈتۈلگەنىدى؛ ئۇ يۈزىگىمۇ، بۇ يۈزىگىمۇ پۈتۈكلۈك ئىدى.
16 Las tablas eran obra de Dios, y la escritura era la escritura de Dios, grabada en las tablas.
بۇ تاختايلار بولسا خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ ياسىغىنى، پۈتۈلگەنلىرى بولسا خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ پۈتكىنى ئىدى، ئۇ تاختايلارغا ئويۇلغانىدى.
17 Cuando Josué oyó el ruido del pueblo al gritar, dijo a Moisés: “Hay ruido de guerra en el campamento”.
يەشۇئا خەلقنىڭ كۆتۈرگەن چۇقان-سۈرەنلىرىنى، ۋارقىراشلىرىنى ئاڭلاپ مۇساغا: ــ چېدىرگاھدىن جەڭنىڭ خىتابى چىقىۋاتىدۇ، دېدى.
18 Dijo: “No es la voz de los que gritan por la victoria. No es la voz de los que gritan por ser vencidos, sino el ruido de los que cantan lo que oigo”.
لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋاز نە نۇسرەت تەنتەنىسى ئەمەس، نە مەغلۇبىيەتنىڭ پەريادى ئەمەس، بەلكى ناخشا-كۈي ساداسى! ــ دېدى.
19 En cuanto se acercó al campamento, vio el becerro y las danzas. Entonces la ira de Moisés se encendió, y arrojó las tablas de sus manos, y las rompió debajo de la montaña.
مۇسا چېدىرگاھغا يېقىن كېلىپ، موزاينى ۋە جامائەتنىڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ شۇنداق دەرغەزەپ بولدىكى، تاختايلارنى قولىدىن تاشلاپ تاغنىڭ تۈۋىدە چېقىۋەتتى.
20 Tomó el becerro que habían hecho, lo quemó con fuego, lo molió hasta hacerlo polvo y lo esparció sobre el agua, e hizo que los hijos de Israel lo bebieran.
ئاندىن ئۇلار ياسىغان موزاينى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈپ، ئۇنى يانجىپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ، سۇ ئۈستىگە چېچىپ ئىسرائىللارنى ئىچىشكە مەجبۇرلىدى.
21 Moisés le dijo a Aarón: “¿Qué te ha hecho esta gente para que les hayas provocado un gran pecado?”
ئاندىن مۇسا ھارۇنغا: سەن ئۇلارنى شۇنچە ئېغىر گۇناھقا پاتقۇزغۇدەك، مۇشۇ خەلق ساڭا نېمە قىلدى؟ ــ دېدى.
22 Aarón dijo: “No dejes que se caliente la ira de mi señor. Tú conoces al pueblo, que está empeñado en el mal.
ھارۇن جاۋاب بېرىپ: ــ خوجامنىڭ غەزەپ-ئاچچىقى تۇتاشمىغاي! بۇ خەلقنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ زەزىللىككە مايىل ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسەن.
23 Porque me han dicho: ‘Haznos dioses que vayan delante de nosotros’. En cuanto a este Moisés, el hombre que nos sacó de la tierra de Egipto, no sabemos qué ha sido de él’.
ئۇلار ماڭا: ــ «بىزگە ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭىدىغان بىر ئىلاھنى ياساپ بەرگىن؛ چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن مۇسا دېگەن شۇ ئادەمگە نېمە بولغىنىنى بىلمەيمىز»، دېدى.
24 Les dije: ‘El que tenga oro, que lo saque’. Y me lo dieron; lo eché al fuego, y salió este becerro”.
مەن ئۇلارغا: «كىمدە ئالتۇن بولسا شۇنى چىقىرىپ بەرسۇن» دېسەم، ئۇلار ماڭا تاپشۇرۇپ بەردى؛ مەن ئۇنى ئوتقا تاشلىۋىدىم، مانا، بۇ موزاي چىقتى، ــ دېدى.
25 Cuando Moisés vio que el pueblo estaba fuera de control, (pues Aarón los había dejado perder el control, causando la burla de sus enemigos),
مۇسا خەلقنىڭ قانداقسىگە تىزگىنسىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى؛ چۈنكى ھارۇن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا مەسخىرە ئوبيېكتى بولۇشقا ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنىدى.
26 entonces Moisés se paró en la puerta del campamento y dijo: “¡Quien esté del lado de Yahvé, venga a mí!” Todos los hijos de Leví se reunieron con él.
مۇسا چېدىرگاھنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ: ــ كىمكى پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىدە بولسا مېنىڭ يېنىمغا كەلسۇن! ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قېشىغا يىغىلدى.
27 Él les dijo: “Yahvé, el Dios de Israel, dice: ‘Cada uno ponga su espada en el muslo y vaya de puerta en puerta por todo el campamento, y cada uno mate a su hermano, a su compañero y a su vecino’”.
ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەربىر كىشى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئېسىپ، چېدىرگاھنىڭ ئىچىگە كىرىپ، بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە كېزىپ يۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى، ئۆز دوست-بۇرادىرىنى، ئۆز قوشنىسىنى ئۆلتۈرسۇن!» ــ دېدى.
28 Los hijos de Leví hicieron lo que dijo Moisés. Ese día cayeron unos tres mil hombres del pueblo.
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش كۆردى؛ شۇ كۈنى خەلقنىڭ ئىچىدىن ئۈچ مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلدى.
29 Moisés dijo: “Conságrense hoy a Yahvé, porque cada hombre estaba en contra de su hijo y de su hermano, para que él les dé hoy una bendición.”
ئاندىن مۇسا: ــ ھەربىرىڭلار بۈگۈن ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا خاس بولۇشقا ئاتىدىڭلار؛ چۈنكى ھەربىرىڭلار ھەتتا ئۆز ئوغلۇڭلار ھەم قېرىندىشىڭلارنىمۇ ئايىمىدىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بەخت-بەرىكەتنى ئۈستۈڭلارغا چۈشۈردۇڭلار، دېدى.
30 Al día siguiente, Moisés dijo al pueblo: “Habéis cometido un gran pecado. Ahora subiré a Yahvé. Tal vez haga expiación por su pecado”.
ئەتىسى مۇسا خەلققە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر دەرۋەقە ناھايىتى ئېغىر بىر گۇناھ سادىر قىلدىڭلار. ئەمدى مانا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقىمەن؛ گۇناھىڭلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرەلەيمەنمىكىن، ــ دېدى.
31 Moisés volvió a Yahvé y dijo: “Oh, este pueblo ha cometido un gran pecado y se ha hecho dioses de oro.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېنىپ بېرىپ: ــ ھەي...! بۇ خەلق دەرۋەقە ئېغىر بىر گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۆزلىرىگە ئالتۇندىن ئىلاھلارنى ياساپتۇ!
32 Pero ahora, si quieres, perdona su pecado; y si no, por favor, bórrame de tu libro que has escrito.”
لېكىن ئەمدى سەن ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىشقا ئۇنىغايسەن...، ئۇنىمىساڭ، ئىسمىمنى ئۆزۈڭ يازغان دەپتىرىڭدىن ئۆچۈرۈۋەتكىن! ــ دېدى.
33 Yahvé dijo a Moisés: “A quien haya pecado contra mí, lo borraré de mi libro.
پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋاب بېرىپ: ــ كىمكى مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتىنى ئۆز دەپتىرىمدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن.
34 Ahora ve, conduce al pueblo al lugar del que te he hablado. He aquí que mi ángel irá delante de ti. Sin embargo, el día en que yo castigue, los castigaré por su pecado”.
ئەمدى سەن بېرىپ، مەن ساڭا ئېيتقان جايغا خەلقنى باشلاپ بارغىن. مانا، مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا ماڭىدۇ. لېكىن ئۇلارغا جازا بېرىدىغان كۈنۈم كەلگەندە، ئۇلارغا گۇناھى ئۈچۈن جازا بېرىمەن، دېدى.
35 El Señor golpeó al pueblo por lo que hicieron con el becerro que hizo Aarón.
بۇ سۆزدىن كېيىن پەرۋەردىگار خەلقنىڭ ھارۇننىڭ قولى بىلەن موزاينى قۇيدۇرۇپ ياساتقىنى ئۈچۈن ئۇلارنى ۋابا بىلەن جازالىدى.

< Éxodo 32 >