< Éxodo 24 >

1 Le dijo a Moisés: “Sube a Yahvé, tú, y Aarón, Nadab y Abiú, y setenta de los ancianos de Israel; y adora desde lejos.
ئۇ مۇساغا يەنە: ــ «سەن بېرىپ، ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ھارۇن، ناداب، ئابىھۇنى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئارىسىدىن يەتمىش ئادەمنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ، يىراقتا تۇرۇپ سەجدە قىلىڭلار.
2 Sólo Moisés se acercará a Yahvé, pero ellos no se acercarán. El pueblo no subirá con él”.
پەقەت مۇسالا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىن كەلسۇن؛ باشقىلار يېقىن كەلمىسۇن، خەلق ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈستىگە چىقمىسۇن، ــ دېدى.
3 Llegó Moisés y contó al pueblo todas las palabras de Yahvé y todas las ordenanzas; y todo el pueblo respondió a una sola voz y dijo: “Todas las palabras que Yahvé ha dicho las pondremos en práctica.”
مۇسا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق سۆزلىرى بىلەن ھۆكۈملىرىنى خالايىققا دەپ بەردى؛ پۈتكۈل خالايىق بىر ئاۋازدا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
4 Moisés escribió todas las palabras de Yahvé, luego se levantó de madrugada y construyó un altar al pie de la montaña, con doce pilares para las doce tribus de Israel.
ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزىنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئەتىسى سەھەر قوپۇپ تاغنىڭ تۈۋىدە بىر قۇربانگاھنى ياساپ، شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى تاش تۈۋرۈكنى تىكلىدى.
5 Envió a jóvenes de los hijos de Israel, que ofrecieron holocaustos y sacrificaron ofrendas de paz de ganado a Yahvé.
يەنە ئىسرائىللارنىڭ بىرنەچچە يىگىتلىرىنى ئەۋەتتى، ئۇلار بېرىپ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇندى، ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىرنەچچە تورپاقنىمۇ سويۇپ سۇندى.
6 Moisés tomó la mitad de la sangre y la puso en cuencos, y la otra mitad la roció sobre el altar.
ئاندىن مۇسا قاننىڭ يېرىمىنى قاچىلارغا قاچىلىدى، يەنە يېرىمىنى قۇربانگاھ ئۈستىگە چاچتى.
7 Tomó el libro de la alianza y lo leyó a la vista del pueblo, que dijo: “Haremos todo lo que Yahvé ha dicho y seremos obedientes”.
ئاندىن ئۇ ئەھدىنامىنى قولىغا ئېلىپ، خەلققە ئوقۇپ بەردى. ئۇلار جاۋابەن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سېلىپ، ئىتائەت قىلىمىز! ــ دېيىشتى.
8 Moisés tomó la sangre, la roció sobre el pueblo y dijo: “Miren, ésta es la sangre de la alianza que Yahvé ha hecho con ustedes sobre todas estas palabras.”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا قاچىلاردىكى قاننى ئېلىپ، خەلققە سېپىپ: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگار مۇشۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن سىلەر بىلەن باغلىغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر، دېدى.
9 Entonces subieron Moisés, Aarón, Nadab, Abiú y setenta de los ancianos de Israel.
ئاندىن كېيىن مۇسا ۋە ھارۇن، ناداب ۋە ئابىھۇ ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش ئادەم بىلەن بىللە تاغ ئۈستىگە چىقىشتى.
10 Vieron al Dios de Israel. Bajo sus pies había como una obra de piedra de zafiro, como los cielos por su claridad.
ئۇلار شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى كۆردى؛ ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ ئاستىدا خۇددى كۆك ياقۇتتىن ياسالغان نەپىس پاياندازدەك، ئاسمان گۈمبىزىدەك سۈپسۈزۈك بىر جىسىم بار ئىدى.
11 No puso su mano sobre los nobles de los hijos de Israel. Vieron a Dios, y comieron y bebieron.
لېكىن ئۇ ئىسرائىللارنىڭ مۆتىۋەرلىرىگە قول تەگكۈزمىدى؛ ئۇلار خۇدانى كۆرۈپ تۇردى ھەمدە يەپ-ئىچىشتى.
12 Yahvé dijo a Moisés: “Sube a mí en la montaña y quédate aquí, y te daré las tablas de piedra con la ley y los mandamientos que he escrito, para que los enseñes.”
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ تاغ ئۈستىگە، قېشىمغا چىقىپ شۇ يەردە تۇرغىن. ساڭا ئۇلارغا ئۆگىتىشكە تاش تاختايلارنى، يەنى مەن يېزىپ قويغان قانۇن-ئەمرنى بېرىمەن، دېدى.
13 Moisés se levantó con Josué, su siervo, y subió a la Montaña de Dios.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا قوپۇپ، ياردەمچىسى يەشۇئانى ئېلىپ ماڭدى. مۇسا خۇدانىڭ تېغىغا چىقتى.
14 Dijo a los ancianos: “Esperadnos aquí, hasta que volvamos a vosotros. He aquí que Aarón y Hur están con ustedes. El que esté involucrado en una disputa puede acudir a ellos”.
ئۇ ئاۋۋال ئاقساقاللارغا: بىز يېنىپ كەلگۈچە مۇشۇ يەردە بىزنى ساقلاپ تۇرۇڭلار. مانا، ھارۇن بىلەن خۇر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالىدۇ؛ ئەگەر بىرسىنىڭ ئىش-دەۋاسى چىقسا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسۇن، ــ دېدى.
15 Moisés subió al monte, y la nube cubrió la montaña.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە تاغنى بۇلۇت قاپلىدى.
16 La gloria de Yahvé se posó en el monte Sinaí, y la nube lo cubrió durante seis días. Al séptimo día llamó a Moisés desde el centro de la nube.
پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى سىناي تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى؛ بۇلۇت ئۇنى ئالتە كۈنگىچە قاپلاپ تۇردى؛ يەتتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن مۇسانى چاقىردى؛
17 La apariencia de la gloria de Yahvé era como un fuego devorador en la cima de la montaña a los ojos de los hijos de Israel.
پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسىنىڭ قىياپىتى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا تاغنىڭ چوققىسىدا ھەممىنى يۇتقۇچى ئوتتەك كۆرۈندى.
18 Moisés entró en medio de la nube y subió a la montaña; y Moisés estuvo en la montaña cuarenta días y cuarenta noches.
مۇسا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى. مۇسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاغدا تۇردى.

< Éxodo 24 >