چۈنكى، قارا! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، يېرۇسالېم ۋە يەھۇداغا قۇۋۋەت ۋە يۆلەنچۈك بولغان [بارلىق نەرسىلەرنى يوق قىلىدۇ]، ــ يەنى قۇۋۋەت بولغان پۈتكۈل ئاش-نان، يۆلەنچۈك بولغان ھەممە سۇ، |
پالۋان ۋە لەشكەر، سوتچى ۋە پەيغەمبەر، پالچى ۋە ئاقساقال، |
ئەللىك بېشى، مۆتىۋەر ۋە مەسلىھەتچى، ھۈنەرۋەن ئۇستىلار ۋە جادۇ قىلغۇچىلارنى يوق قىلىدۇ. |
ــ «[ئۇلارنىڭ ئورنىغا] ياشلارنى ئەمەلدار قىلىمەن، بەتخۇي بالىلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئىدارە قىلىدۇ. |
پۇقرالار بىر-بىرىنى ئېزىدۇ، ھەربىرى قوشنىسى تەرىپىدىن ئېزىلىدۇ؛ بالىلار قېرىلارغا، مۇتتەھەملەر مۆتىۋەرلەرگە ئەدەپسىزلىك قىلىدۇ؛ |
شۇ كۈنى بىرسى ئاتا جەمەتىدىكى قېرىندىشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ «سىزنىڭ كىيىم-كېچىكىڭىز بار؛ بىزگە يېتەكچى بولۇڭ، بۇ خارابىلەر قولىڭىز ئاستىدا بولسۇن»، ــ دەيدۇ؛ ئۇ جاۋابەن قولىنى كۆتۈرۈپ [قەسەم ئىچىپ]: «دەردىڭلارغا دەرمان بولالمايمەن؛ ئۆيۈمدىمۇ يا ئاش-نان يا كىيىم-كېچەك يوق؛ مېنى خەلققە يېتەكچى قىلماڭلار!» ــ دەيدۇ. |
چۈنكى يېرۇسالېم پۇتلىشىدۇ-چۈشكۈنلىشىدۇ، يەھۇدا بولسا يىقىلىدۇ؛ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە ئىللەتلىرى پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىپ، شەرەپ ئىگىسىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ئىسيانكارلىق قىلدى. |
ئۇلارنىڭ چىرايى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ ئۇلار سودوم شەھىرىدەك گۇناھىنى ھېچ يوشۇرماي، ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلايدۇ. ئۇلارنىڭ جېنىغا ۋاي! ئۇلار يامانلىقنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن! |
ھەققانىيلارغا ئېيتقىنكى، ئۇلار ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز ئەمللىرىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ؛ |
رەزىللەرگە ۋاي! بېشىغا يامانلىق چۈشىدۇ، چۈنكى ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرى ئۆزىگە يانىدۇ. |
مېنىڭ خەلقىمدە بولسا، بالىلار ئۇلارنى خار قىلىدۇ، ئاياللار ئۇلارنى ئىدارە قىلىدۇ؛ ئى خەلقىم! سىلەرنى يېتەكلەۋاتقانلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار ماڭىدىغان يوللىرىڭلارنى يوق قىلىدۇ. |
پەرۋەردىگار ئۆز دەۋاسىنى سوراشقا ئورۇن ئالىدۇ، خەلق-مىللەتلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئۆرە تۇرىدۇ؛ |
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئەمىرلىرى بىلەن دەۋالىشىپ، ئۇلارغا: ــ ئۈزۈمزارنى يەپ تۈگەتكەنلەر سىلەر ئۆزۈڭلار، ئاجىز مۆمىنلەردىن ئالغان ئولجا ئۆيۈڭلاردا ياتىدۇ، دەيدۇ. |
ــ سىلەرنىڭ خەلقىمنى ئاشۇنداق ئېزىپ، ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرىگە دەسسەپ زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار. |
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دېدى: ــ «زىئون قىز-ئاياللىرى تەكەببۇرلۇق قىلىپ، قاش-كىرپىكلىرىنى سۈزۈپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ناز قىلىپ تايتاڭلىشىپ، پۇتلىرىنى جىلدىرلىتىپ مېڭىپ يۈرىشىدۇ؛ |
شۇڭا رەب زىئون قىز-ئاياللىرىنىڭ باش چوققىلىرىنى تاز قىلىدۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۇيات يەرلىرىنى ئېچىۋېتىدۇ». |
ئاشۇ كۈنى رەب ئۇلارنى گۈزەللىكىدىن مەھرۇم قىلىدۇ؛ ــ ئۇلارنىڭ ئوشۇق جىلدىراقلىرىنى، باش جىيەكلىرىنى، ئاي شەكىللىك مارجانلىرىنى، |
ھالقىلىرىنى، بىلەزۈكلىرىنى، چۈمپەردە-چاچۋانلىرىنى، |
روماللىرىنى، ئوشۇق زەنجىرلىرىنى، پوتىلىرىنى، ئەتىردانلىرىنى، تىلتۇمارلىرىنى، |
ئۈزۈكلىرىنى، بۇرۇن ھالقىلىرىنى، |
ھېيتلىق تونلىرىنى، يوپۇقلىرىنى، پۈركەنجىلىرىنى، ھەميانلىرىنى، |
ئەينەكلىرىنى، ئاپئاق ئىچ كۆينەكلىرىنى، سەللىلىرىنى ۋە تور پەردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. |
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، ئەتىر پۇرىقىنىڭ ئورنىغا بەتبۇيلۇق؛ پوتىنىڭ ئورنىدا ئارغامچا، چىرايلىق ياسىغان چاچلىرىنىڭ ئورنىدا تاز بېشى، كېلىشكەن توننىڭ ئورنىدا بۆز رەختلەر، گۈزەللىكىنىڭ ئورنىدا داغمال تامغىسى بولىدۇ. |
سېنىڭ يىگىتلىرىڭ قىلىچلىنىپ، باتۇرلىرىڭ جەڭدە يىقىلىدۇ. |
[زىئوننىڭ] قوۋۇقلىرى زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتىدۇ؛ ئۇ يالىڭاچلانغان ھالدا يەرگە ئولتۇرۇپ قالىدۇ. |