< 2 Crónicas 35 >

1 Después celebró Josías la Pascua en honor de Yahvé en Jerusalén; y se inmoló la pascua el día catorce del primer mes.
يوسىيا پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزمەكچى بولدى؛ بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى سويدى.
2 Estableció a los sacerdotes en sus funciones, y los exhortó a cumplir el servicio de la Casa de Yahvé.
پادىشاھ كاھىنلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.
3 Dijo a los levitas, que enseñaban a todo Israel, y que estaban consagrados a Yahvé: “Colocad el Arca santa en a Casa que edificó Salomón, hijo de David, rey de Israel, porque ya no habéis de llevarla a hombros; servid ahora a Yahvé, vuestro Dios, y a Israel, su pueblo.
ئۇ يەنە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىگە ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس بولۇشقا تەلىم بەرگۈچى لاۋىيلارغا: ــ سىلەر مۇقەددەس ئەھدە ساندۇقىنى ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان سالدۇرغان ئۆيگە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇڭلار؛ ئەمدى ئۇنى مۈرەڭلەردە كۆتۈرۈپ يۈرۈش ۋەزىپىسى قالمىدى. ئەمدى سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە، شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلقى ئىسرائىلنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار.
4 Teneos preparados según vuestras casas paternas y vuestras clases, conforme a lo prescrito por David, rey de Israel, y lo prescrito por Salomón, su hijo.
شۇنىڭ ئۈچۈن جەمىتىڭلار ۋە نۆۋەت-گۇرۇپپاڭلار بويىچە، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ يازغىنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ يازغىنىغا ئاساسەن، ئۆزۈڭلارنى ئوبدان تەييارلاڭلار.
5 Ocupad vuestros sitios en el Santuario según las divisiones de las casas paternas de vuestros hermanos, los hijos del pueblo, y según la división de las casas paternas de los levitas.
سىلەر ئۆز ئاتا جەمەتلىرىڭلارنىڭ نۆۋەت-گۇرۇپپا تەرتىپى بويىچە قېرىنداشلىرىڭلاردىن ئىبارەت شۇ ئاددىي خەلق-پۇقرالار جەمەت-جەمەتلىرىگە ۋەكىل بولۇپ، مۇقەددەسگاھتا تۇرىسىلەر؛ ھەربىر گۇرۇپپىدا لاۋىي جەمەتىدىن بىرنەچچە ئادەم بولسۇن.
6 E inmolad la pascua, santificaos y preparadla para vuestros hermanos, a fin de cumplir la orden de Yahvé, dada por boca de Moisés.”
سىلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى سويۇسىلەر، ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار، [ئىسرائىلدىكى] قېرىنداشلىرىڭلار ئۈچۈن، يەنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن تاپىلىغان سۆز-كالامىغا بېقىنىشى ئۈچۈن، ھەممە ئىشنى تەييار قىلىڭلار، دېدى.
7 Y dio Josías a la gente del pueblo reses de ganado menor, así corderos como cabritos, en número de treinta mil, todos ellos en calidad de víctimas pascuales para todos los que se hallaban presentes, y tres mil bueyes; (todo esto) de la hacienda del rey.
يوسىيا شۇ يەردە ھازىر بولغان بارلىق خەلق-پۇقرالارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتىغان قۇربانلىقى بولسۇن دەپ، جەمئىي ئوتتۇز مىڭ قوزا ۋە ئوغلاق، ۋە يەنە ئۈچ مىڭ بۇقا ھەدىيە قىلدى؛ بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ مېلىدىن چىقىرىلغانىدى.
8 También sus príncipes hicieron donaciones voluntarias al pueblo, a los sacerdotes y a los levitas. Helcías, Zacarías y Jehiel, príncipes de la Casa de Dios, dieron a los sacerdotes dos mil seiscientos corderos pascuales y trescientos bueyes.
ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خەلققە ۋە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارغا قۇربانلىق مېلى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى باشقۇرغۇچىلاردىن ھىلقىيا، زەكەرىيا ۋە يەھىيەلمۇ ئىككى مىڭ ئالتە يۈز قوزا-ئۆچكە بىلەن ئۈچ يۈز بۇقىنى كاھىنلارغا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ھەدىيە قىلىپ تاپشۇردى.
9 Conenías, Semeías y Natanael, hermanos suyos, y Hasabías, Jeiel y Josabad, príncipes de los levitas, dieron a los levitas, cinco mil corderos pascuales y quinientos bueyes.
لاۋىيلارنىڭ يولباشچىلىرى بولغان كونانىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شېمايا بىلەن نەتانەل، شۇنداقلا ھاشابىيا، جەئىيەل ۋە يوزابادمۇ بەش مىڭ قوزا بىلەن بەش يۈز بۇقىنى لاۋىيلارنىڭ ھېيتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلدى.
10 Preparado así el servicio, ocuparon los sacerdotes sus puestos, lo mismo que los levitas, según sus clases, conforme al mandato del rey.
شۇنداق قىلىپ، ئۆتىلىدىغان ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇنغاندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، كاھىنلار ئۆز ئورنىدا تۇردى، لاۋىيلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەت-گۇرۇپپا تەرتىپى بويىچە تۇرۇشتى.
11 Estos inmolaron las víctimas pascuales, y mientras los sacerdotes derramaban (la sangre) de ellos, los levitas las desollaban.
لاۋىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى بوغۇزلىدى؛ كاھىنلار ئۇلارنىڭ قولىدىن قاننى ئېلىپ قۇربانگاھقا سەپتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لاۋىيلار قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسىنى سويدى.
12 Apartaron (las partes destinadas para) el holocausto para darlas a las divisiones de las casas paternas de los hijos del pueblo, a fin de que las ofreciesen a Yahvé, conforme a lo escrito en el libro de Moisés. Lo mismo hicieron con los bueyes.
كۆيدۈرمە قۇربانلىققا سۇنۇلىدىغان ماللارنى بولسا، ئۇلار خەلق-پۇقرالارغا ۋەكىل بولغان جەمەتلەر بويىچە خەلققە بۆلۈپ بېرىپ، ئۇلارنى مۇسانىڭ كىتابىدا يېزىلغىنىغا مۇۋاپىق، پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا تەييارلىدى. سۇنۇلىدىغان بۇقىلارنىمۇ شۇنداق قىلدى.
13 Asaron la pascua al fuego según el reglamento; y cocieron las cosas santas en ollas, calderos y cazuelas, para repartirlas inmediatamente entre todos los hijos del pueblo.
ئاندىن بەلگىلىمە بويىچە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزا-ئۆچكىلەرنى ئوتقا قاقلاپ كاۋاپ قىلدى؛ باشقا قۇربانلىقلاردىن قالغان، يەنى خۇداغا ئاتالغان قىسىملارنى قازاندا، داڭقاندا ياكى داستا پىشۇرۇپ تېزدىن خەلق-پۇقرالارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى؛
14 Después prepararon (la pascua) para sí y los sacerdotes; porque los sacerdotes, hijos de Aarón, estaban ocupados en ofrecer los holocaustos y los sebos, hasta la noche. Por eso los levitas la prepararon para sí y los sacerdotes, hijos de Aarón.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىگە ۋە كاھىنلارغا قۇربانلىقلاردىن تەييارلىدى، چۈنكى كاھىنلار، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى كەچ كىرگۈچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ۋە مايلارنى كۆيدۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى؛ شۇڭا لاۋىيلار ئۆزلىرىگە ۋە كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ قۇربانلىقلاردىن [گۆش] تەييارلاپ قويۇشتى.
15 También los cantores, hijos de Asaf, estaban en su puesto, conforme a lo dispuesto por David, Asaf, Hernán y Jedutún, vidente del rey; los porteros, asimismo, cada uno en su puerta. No tenían que retirarse de su servicio, porque sus hermanos, los levitas, les preparaban (la pascua).
ناۋا-نەغمىچىلەر، يەنى ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى داۋۇت، ئاساف، ھېمان ۋە [داۋۇت] پادىشاھنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى يەدۇتۇننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى؛ دەرۋازىۋەنلەر ھەرقايسىسى ئۆز دەرۋازىسى ئالدىدا تۇردى؛ ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئاجرىشىنىڭ ھاجىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار قۇربانلىقلاردىن تەييارلاپ قوياتتى.
16 De esta manera se organizó en aquel día todo el servicio de Yahvé para celebrar la Pascua y para ofrecer los holocaustos sobre el altar de Yahvé, según la orden del rey Josías.
شۇنداق قىلىپ، شۇ بىر كۈن ئىچىدە يوسىيا پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇلۇشى بىلەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن ئىبادەت تولۇق ئورۇنلاندى.
17 Los hijos de Israel, que se hallaban allí, celebraron en ese tiempo la Pascua y la fiesta de los Ácimos durante siete días.
شۇ چاغدا ھازىر بولغان ئىسرائىللار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.
18 No hubo Pascua como esta en Israel desde los días de Samuel, profeta; y ningún rey de Israel celebró Pascua semejante a esta que celebraron Josías, los sacerdotes y los levitas, todo Judá e Israel que allí se hallaban, y los habitantes de Jerusalén.
سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ زامانىدىن بۇيان ئىسرائىلدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى مۇنداق ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى؛ ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ ھېچقايسىسىمۇ يوسىيا، كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە شۇ يەردە ھازىر بولغان يەھۇدالار بىلەن ئىسرائىللار ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۆتكۈزگەندەك مۇنداق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى.
19 Esta Pascua se celebró el año diez y ocho del reinado de Josías.
بۇ قېتىمقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى يوسىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئۆتكۈزۈلدى.
20 Después de todo esto, cuando Josías había restaurado la Casa (de Yahvé), subió Necao, rey de Egipto para combatir en Carquemís, junto al Éufrates; y Josías le salió al paso.
يوسىيا [مۇقەددەس] ئۆينىڭ ھەممە ئىشىنى مۇشۇنداق تەرتىپكە سېلىپ بولغاندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھى نەقو ئەفرات دەرياسىنىڭ بويىدىكى كاركېمىش شەھىرىدە ئۇرۇشقا چىقتى، يوسىيا ئۇنىڭ ئالدىنى توسقىلى چىقتى.
21 (Necao) le envió mensajeros, para decirle: “¿Qué tengo yo que ver contigo, rey de Judá? No es contra ti contra quien he venido hoy, sino contra la casa con la cual estoy en guerra; y Dios me ha mandado que me apresure. Deja de oponerte a Dios, el cual está conmigo, no sea que Él te destruya.”
نەقو يوسىيانىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «ئى يەھۇدا پادىشاھى، ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارلىرى بار؟ بۈگۈن مەن سىلى بىلەن ئۇرۇشقىلى ئەمەس، بەلكى مېنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان جەمەت بىلەن ئۇرۇشقىلى چىققانمەن؛ يەنە كېلىپ، خۇدا مېنى تېز ھۇجۇم قىل، دېدى؛ خۇدانىڭ سىلىنى ھالاك قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىشىغا كاشىلا قىلمىسىلا، چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىلەن بىللىدۇر» دېدى.
22 Pero Josías no quiso retirarse de él, sino que se disfrazó, no escuchando las razones de Necao, que eran de boca de Dios. Y avanzó para librar la batalla en la llanura de Megiddó.
لېكىن يوسىيا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشتىن يانمىدى، ئەكسىچە ئۆزىنى نىقابلاپ ئۇنىڭغا جەڭ قىلغىلى چىقتى؛ ئۇ خۇدانىڭ نەقونىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقان گېپىگە قۇلاق سالماي، مەگىددو تۈزلەڭلىكىگە كېلىپ نەقو بىلەن تۇتۇشتى.
23 Mas los flecheros tiraron contra el rey Josías, y dijo el rey a sus siervos: “¡Sacadme fuera, pues estoy gravemente herido!”
ئوقياچىلار يوسىيا پادىشاھقا ئوق ئېتىپ ئۇنىڭغا [تەگكۈزدى]؛ پادىشاھ خىزمەتكارلىرىغا: ــ مەن ئېغىر يارىلاندىم، مېنى ئېلىپ كېتىڭلار، دېدى.
24 Sus siervos lo sacaron de su carro, le pasaron a otro que tenía, y le llevaron a Jerusalén. Así murió, y fue sepultado en los sepulcros de sus padres, y todo Judá y Jerusalén hicieron duelo por Josías.
ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنى جەڭ ھارۋىسىدىن يۆلەپ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى جەڭ ھارۋىسىغا ياتقۇزۇپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ مېڭىۋىدى، ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى؛ بارلىق يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر يوسىياغا تەزىيە تۇتۇشتى.
25 Jeremías compuso una elegía sobre Josías, y todos, los cantores y cantoras se refieren en sus elegías a Josías hasta el día de hoy; lo que se ha hecho costumbre en Israel, y he aquí que están escritas entre las Lamentaciones.
يەرىمىيا [پەيغەمبەر] يوسىيا ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇدى؛ نەغمە-ناۋاچى ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى تاكى بۈگۈنگىچە يوسىيانى تەرىپلەپ مەرسىيە ئوقۇپ كەلمەكتە؛ ئۇ ئىش ئىسرائىلدا بەلگىلىمىگە ئايلاندى. مانا بۇلار «مەرسىيەلەر» دېگەن كىتابقا پۈتۈلگەندۇر.
26 Los demás hechos de Josías, y sus obras piadosas, conforme a lo escrito en la Ley de Yahvé,
يوسىيانىڭ قالغان ئىشلىرى، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات كىتابىدا يېزىلغانلىرىغا ئەگەشكەن ياخشى ئەمەللىرى،
27 y sus obras primeras y las postreras, he aquí que esto está escrito en el libro de los reyes de Israel y de Judá.
قىلغانلىرى باشتىن-ئاخىرىغىچە ھەممىسى «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.

< 2 Crónicas 35 >