< 2 Kroniška 17 >

1 Namesto njega je zakraljeval njegov sin Józafat in se okrepil zoper Izraela.
ئوغلى يەھوشافات ئاسانىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى؛ ئۇ ئىسرائىل پادىشاھلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى كۈچەيتتى.
2 Namestil je sile v vsa utrjena Judova mesta in postavil garnizije v Judovi deželi in v Efrájimovih mestih, ki jih je zavzel njegov oče Asá.
ئۇ ھەربىي كۈچلىرىنى يەھۇدانىڭ ھەممە قورغانلىق شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە يەھۇدا زېمىنىغا ۋە ئاتىسى ئاسا ئىشغال قىلغان ئەفرائىمدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرگە مۇداپىئە كۈچلىرىنى تۇرغۇزدى.
3 Gospod je bil z Józafatom, ker je hodil po prvih poteh svojega očeta Davida in ni iskal Báalov,
پەرۋەردىگار يەھوشافات بىلەن بىللە بولدى، چۈنكى ئۇ ئاتىسى داۋۇتنىڭ باشتا يۈرگۈزگەن يوللىرىدا مېڭىپ بائال بۇتلىرىنى ئىزدىمىدى،
4 temveč je sledil Gospodu, Bogu svojega očeta in hodil po njegovih zapovedih in ne po Izraelovih ravnanjih.
بەلكى ئاتىسىنىڭ خۇداسىنىلا ئىزدەپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىدە مېڭىپ، ئىسرائىللارنىڭ قىلمىشلىرىنى دورىمىدى.
5 Zato je Gospod utrdil kraljestvo v njegovi roki. Ves Juda je Józafatu prinesel darila in imel je bogastva, čast in obilje.
شۇڭا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىدى؛ پۈتكۈل يەھۇدادىكىلەر ئۇنىڭغا سالام-سوۋغىلارنى سۇنۇپ تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ، شان-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى.
6 Njegovo srce je bilo vzdignjeno na Gospodovih poteh. Poleg tega je iz Juda odstranil visoke kraje in ašere.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا ماڭغاچقا، غەيرەتلىك بولدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىن «يۇقىرى جايلار»نى ۋە ئاشەراھ بۇتلىرىنى يوقاتتى.
7 Tudi v tretjem letu svojega kraljevanja je poslal k svojim princem, torej k Ben Hajilu, k Obadjáju, k Zeharjáju, k Netanélu in k Mihajáju, da bi učili po Judovih mestih.
ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بەن-ھايىل، ئوبادىيا، زەكەرىيا، نەتانەل، مىكايالارنى يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشكە ئەۋەتتى.
8 Z njimi je poslal Lévijevce, torej Šemajája, Netanjája, Zebadjája, Asaéla, Šemiramóta, Jehonatana, Adoníja, Tobija, Tob Adoníja, Lévijevce in z njimi duhovnika Elišamája in Jehoráma.
ئۇلار بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە شېمايا، نەتانىيا، زەبادىيا، ئاساھەل، شەمىراموت، يوناتان، ئادونىيا، توبىيا، توب-ئادونىيا قاتارلىق بىرقانچە لاۋىيلار، شۇنداقلا يەنە ئەلىشاما بىلەن يەھورام دېگەن ئىككى كاھىنمۇ بار ئىدى.
9 Učili so v Judu in s seboj so imeli knjigo Gospodove postave in šli so naokoli po vseh Judovih mestih in učili ljudstvo.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنى كىتابىنى ئالغاچ بېرىپ، يەھۇدا زېمىنىدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ خەلق ئارىسىدا تەلىم بېرەتتى.
10 Gospodov strah je padel na vsa kraljestva dežel, ki so bile naokoli Juda, tako da zoper Józafata niso bojevali nobene vojne.
يەھۇدانىڭ ئەتراپىدىكى مەملىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى باستى ۋە ئۇلار يەھوشافات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا پېتىنالمايتتى.
11 Tudi nekateri izmed Filistejcev so Józafatu prinesli darila in davek srebra. Arabci so mu privedli trope, sedem tisoč sedemsto ovnov in sedem tisoč sedemsto kozlov.
فىلىستىيلەردىن بەزىلىرى يەھوشافاتقا سوۋغا-سالاملار ۋە كۈمۈش ئولپانلىرىنى تاپشۇردى؛ ئەرەبلەرمۇ پادىلىرىدىن ئۇنىڭغا يەتتە مىڭ يەتتە يۈز قوچقار، يەتتە مىڭ يەتتە يۈز تېكە سوۋغا قىلدى.
12 Józafat je postal silno velik in v Judu je zgradil gradove in skladiščna mesta.
يەھوشافات بارغانسېرى كارامەت قۇدرەت تېپىپ، يەھۇدادا بىرنەچچە قورغان ۋە ئامبار شەھىرى بىنا قىلدى.
13 Po Judovih mestih je imel mnogo posla. In v Jeruzalemu so bili bojevniki, močni junaški možje.
ئۇ يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە نۇرغۇن ماددىي ئەشيا زاپىسى تەييارلىدى؛ يېرۇسالېمدىمۇ ئۇنىڭ زەبەردەس باتۇر جەڭچىلىرى بار ئىدى.
14 To so njihova števila glede na hišo njihovih očetov. Iz Juda poveljniki nad tisočimi: vodja Adnáh in z njim tristo tisoč močnih junaških mož.
جەمەتلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەھۇدا قەبىلىسىدىكى مىڭباشلىرى ئىچىدە ئادناھ سەردار بولۇپ، باتۇر جەڭچىلەردىن ئۈچ يۈز مىڭغا باشلامچىلىق قىلاتتى؛
15 Poleg njega je bil poveljnik Johanán in z njim dvesto osemdeset tisoč.
ئادناھنىڭ قول ئاستىدا يەھوھانان سەردار بولۇپ، ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ ئادەمگە باشلامچىلىق قىلاتتى؛
16 Poleg njega je bil Zihríjev sin Amasjá, ki se je voljno daroval Gospodu in z njim dvesto tisoč močnih junaških mož.
يەھوھاناننىڭ قول ئاستىدا زىكرىنىڭ ئوغلى ئاماسىيا بار ئىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن ئادەم بولۇپ، ئىككى يۈز مىڭ باتۇر جەڭچىگە باشلامچىلىق قىلاتتى.
17 Od Benjamina Eljadá, mogočen hraber mož in z njim dvesto tisoč z lokom in ščitom oboroženih mož.
بىنيامىن قەبىلىسى ئىچىدە ئېلىيادا دېگەن باتۇر بىر جەڭچى بولۇپ، ئوقيا ۋە قالقان بىلەن قوراللانغان ئىككى يۈز مىڭ باتۇر جەڭچىگە باشلامچىلىق قىلاتتى؛
18 Poleg njega je bil Jozabád in z njim sto osemdeset tisoč pripravljenih za vojno.
ئېلىيادانىڭ قول ئاستىدا يەھوزاباد بولۇپ، جەڭگە تەييار قوشۇندىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەمگە باشلامچىلىق قىلاتتى.
19 Ti so čakali na kralja, poleg tistih, ki jih je kralj namestil v utrjenih mestih po vsem Judu.
بۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە ھازىر تۇراتتى؛ پادىشاھنىڭ يەنە پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدىكى قورغانلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادەملىرى بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتىدا ئىدى.

< 2 Kroniška 17 >