< Псалтирь 141 >

1 Господи, воззвах к Тебе, услыши мя: вонми гласу моления моего, внегда воззвати ми к Тебе.
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، مەن ساڭا نىدا قىلدىم؛ يېنىمغا تېزدىن كەلگەيسەن؛ ساڭا نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن.
2 Да исправится молитва моя яко кадило пред Тобою: воздеяние руку моею, жертва вечерняя.
دۇئايىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، ساڭا سۇنۇلغان خۇشبۇيدەك يېقىملىق بولسۇن، قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن.
3 Положи, Господи, хранение устом моим и дверь ограждения о устнах моих.
ئاغزىم ئالدىدا كۆزەتچى تۇرغۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ لەۋلىرىم دەرۋازىسىنى ساقلىغايسەن؛
4 Не уклони сердце мое в словеса лукавствия, непщевати вины о гресех с человеки делающими беззаконие: и не сочтуся со избранными их.
كۆڭلۈمنى ھېچقانداق يامان ئىشقا، قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا شېرىك بولۇپ، رەزىللىك قىلىشقا مايىل قىلمىغايسەن. مېنى ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىدىن ھېچ يېگۈزمىگەيسەن!
5 Накажет мя праведник милостию и обличит мя, елей же грешнаго да не намастит главы моея: яко еще и молитва моя во благоволениих их.
ھەققانىي ئادەم مېنى ئۇرسۇن ــ بۇ ماڭا مېھرىبانلىقتۇر؛ ماڭا تەنبىھ بەرسۇن ــ بۇ بولسا، بېشىم رەت قىلمايدىغان، قۇيۇلغان ئېسىل مايدەك بولىدۇ. چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ.
6 Пожерты быша при камени судии их: услышатся глаголи мои, яко возмогоша.
ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى تىك يارلاردىن تاشلىۋېتىلگەندە، [خەلق] مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛ چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر.
7 Яко толща земли проседеся на земли, расточишася кости их при аде. (Sheol h7585)
بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك، مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى؛ (Sheol h7585)
8 Яко к Тебе, Господи, Господи, очи мои: на Тя уповах, не отими душу мою:
بەرھەق، كۆزلىرىم ساڭىلا تىكىلىپ قارايدۇ، پەرۋەردىگار رەببىم؛ ساڭا تايىنىمەن؛ جېنىمنى خاراب قىلىپ تاشلىۋەتمىگەيسەن.
9 сохрани мя от сети, юже составиша ми, и от соблазн делающих беззаконие.
ئۇلارنىڭ ماڭا سالغان قىلتىقىدىن، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن مېنى ساقلىغايسەن؛
10 Падут во мрежу свою грешницы: един есмь аз, дондеже прейду.
رەزىللەر ئۆزىنىڭ تورلىرىغا يىقىلسۇن، مەن بولسام ــ ئۆتۈپ كېتىمەن.

< Псалтирь 141 >