< Книга пророка Наума 3 >

1 О, граде кровей, весь лживый, полн неправды! Не осяжется ловитва.
قانلىق شەھەرگە ۋاي! ئۇ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تولغان، ئۇ ئولجا ئېلىشتىن ھېچ قول ئۈزگەن ئەمەس!
2 Глас бичей и глас труса колес, и коня текуща и колесницы шумящия,
ئاھ، قامچىنىڭ قارسىلداشلىرى! چاقلىرىنىڭ داقاڭشىۋاتقان، ئاتلارنىڭ چاپچىۋاتقان، پىڭىلداپ كېتىۋاتقان جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سادالىرى!
3 и конника едуща, и блистающа меча и блистающих оружий, и множества язвеных и тяжкаго падения, и не бяше конца языком ея: и изнемогут в телесех своих от множества блужения.
قارا، ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ قاڭقىشلىرى، قىلىچلارنىڭ ۋالىلداشلىرى، نەيزىلەرنىڭ پالىلداشلىرى، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپلۈكى، ئۆلۈكلەر دۆۋە-دۆۋە! جەسەتلەرنىڭ سانى يوقتۇر؛ ئۇلار جەسەتلەرگە پۇتلىشىدۇ.
4 Блудница добра и приятна, началница волхвований, продающая языки во блужении своем и племена в чародеяниих своих.
ــ سېھىرلەرنىڭ پىرى ئۇ، ــ ئەللەرنى پاھىشىۋازلىقى، جەمەتلەرنى سېھىرلىرى بىلەن سېتىۋېتىدۇ؛ سەن شېرىنسۇخەن پاھىشىنىڭ نۇرغۇن پاھىشىلىكلىرى تۈپەيلىدىن،
5 Се, Аз на тя, глаголет Господь Бог Вседержитель, и открыю задняя твоя к лицу твоему, и покажу языком срамоту твою и царствам безчестие твое,
مانا، مەن ساڭا قارشىلىشىپ چىققانمەن، ــ ــ دەيدۇ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى قايرىپ يۈزۈڭگە يېپىپ، سېنى ئاشكارىلايمەن، ئەللەرگە ئۇيات يەرلىرىڭنى، پادىشاھلىقلارغا نومۇسۇڭنى كۆرسىتىمەن.
6 и возвергу на тя огнушение по нечистотам твоим, и положу тя в притчу.
ئۈستۈڭگە نىجاسەتنى تاشلايمەن، سېنى شەرمەندىچىلىكتە قالدۇرىمەن، سېنى رەسۋا قىلىمەن.
7 И будет, всяк видяй тя снидет с тебе и речет: окаянная Ниневиа, кто постенет по ней? Откуду взыщу утешение ей?
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەندىن قېچىپ: ــ «نىنەۋە ۋەيران قىلىندى! ئۇنىڭ ئۈچۈن كىم ھازا تۇتىدۇ؟» ــ دەيدۇ؛ مەن ساڭا تەسەللى بەرگۈچىلەرنى نەدىن تېپىپ بېرىمەن؟
8 Уготовити часть, устроити струну, уготовити часть Аммону, живущая в реках, вода окрест ея, ейже начало море, и вода забрала ея:
سەن دەريالارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، ئەتراپىدا سۇلار بولغان، ئىستىھكامى دېڭىز بولغان، سېپىلى دېڭىز بولغان نو-ئامون شەھىرىدىن ئەۋزەلمۇسەن؟
9 и Ефиопиа крепость ея и Египет, и несть конца бегству твоему: и Фуд и Ливиане быша помощницы ея.
ئېفىئوپىيەمۇ، مىسىرمۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىدى، ئۇلارنىڭ كۈچى چەكسىز ئىدى؛ پۇت ھەم لىۋىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ياردەمچى ئىدى؛
10 И сия в преселение пойдет пленница, и младенцы ея разбиют в началех всех путий ея, и о всех славных ея вергут жребия, и вси воеводы ея свяжутся путы.
ئۇمۇ ئېلىپ كېتىلىپ، ئەسىرلىككە چۈشكەن؛ بارلىق كوچا بېشىدا بوۋاقلىرى چۆرۈپ تاشلىۋېتىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۈچۈن چەك تاشلىدى، ئۇنىڭ بارلىق ئەربابلىرى زەنجىردە باغلانغانىدى.
11 И ты упиешися и будеши презрена, и ты сама себе взыщеши помощи от враг.
سەنمۇ مەست بولىسەن؛ سەن مۆكۈنۈۋالىسەن؛ سەن دۈشمەندىن ھىمايە ئىزدەپ يۈرىسەن؛
12 Вся твердели твоя яко смоквичие стражу имущее: аще поколеблются, впадут во уста ядущаго.
سېنىڭ بارلىق ئىستىھكاملىرىڭ خۇددى تۇنجى مېۋىگە كىرگەن ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئەنجۈرلىرىگە ئوخشايدۇ؛ بىرلا سىلكىسە، ئۇلار يېگۈچىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ.
13 Се, людие твои, яко жены в тебе: врагом твоим отворяема отворятся врата земли твоея, и пояст огнь вереи твоя.
مانا، خەلقىڭ شەھىرىڭدە قىز-ئاياللاردەك بولۇپ قالدى؛ زېمىنىڭنىڭ قوۋۇقلىرى دۈشمەنلىرىڭگە كەڭ ئىچىلىدۇ؛ ئوت تۆمۈر تاقاقلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ.
14 Воду одержания восхити себе сама и утверди твердели твоя: влези в брение и поперися в плевах, утверди паче плинфа.
ئەمدى مۇھاسىرىگە تەييارلىق قىلىپ سۇ تارتىپ قوي! قورغانلىرىڭنى مۇستەھكەملە! سېغىز توپىدىن لاي ئېتىپ، ھاك لاينى چەيلەپ قوي! خۇمداننى راسلاپ قوي!
15 Тамо пояст тя огнь, потребит тя мечь, поядят тя аки прузи, и отягчаеши аки мшица.
ئوت سېنى شۇ يەردە يەپ كېتىدۇ؛ قىلىچ سېنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ ئۇ سېنى چېكەتكە لىچىنكىسىدەك يەۋاتىدۇ؛ ئەمدى ئۆزۈڭنى چېكەتكە لىچىنكىلىرىدەك كۆپ قىل، چېكەتكىدەك ئۆزۈڭنى زور كۆپ قىل!
16 Умножила еси купли твоя паче звезд небесных: мшицы устремишася и возлетеша.
سەن سودىگەرلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن كۆپ قىلدىڭ؛ مانا، چېكەتكە لىچىنكىسى قانات چىقىرىپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ!
17 Возскочи аки пруг смесник твой, аки акрида восходящая на ограду в день студеный: солнце взыде, и отлете, и не познася место ея: люте им!
سېنىڭ ئەربابلىرىڭ چېكەتكىلەردەك، سەردارلىرىڭ مىجىر-مىجىر چاقچىقىزلاردەك بولىدۇ؛ مانا ئۇلار سوغۇق كۈنىدە چىتلار ئىچىگە كىرىۋېلىپ ماكان قىلىدۇ؛ قۇياش چىققاندا، ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ، بارغان يېرىنى تاپقىلى بولمايدۇ.
18 Воздремашася пастуси твои, царь Ассирийск успи сильныя твоя, воздвигошася людие твои на горы, и не бяше приемлющаго.
چوپانلىرىڭ مۈگدەپ قالدى، ئى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى؛ سېنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىڭ جىم ياتىدۇ؛ خەلقىڭ تاغلار ئۈستىگە تارقىلىپ كەتتى، ھېچكىم ئۇلارنى يىغمايدۇ؛
19 Несть цельбы сокрушению твоему, разгореся язва твоя: вси слышащии весть твою восплещут руками о тебе: понеже на кого не найде злоба твоя всегда?
سېنىڭ ياراڭ داۋاسىز، سېنىڭ زەخمىڭ ئېغىردۇر؛ خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۈڭدىن چاۋاك چالىدۇ؛ چۈنكى توختاۋسىز رەزىللىكىڭ كىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەندۇ؟

< Книга пророка Наума 3 >