< Послание Иакова 4 >

1 Откуду брани и свары в вас? Не отсюду ли, от сластей ваших, воюющих во удех ваших?
ئاراڭلاردىكى ئۇرۇش ۋە ماجىرالار نەدىن كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇ دەل تەن ئەزالىرىڭلار ئىچىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلاردىن ئەمەسمۇ؟
2 Желаете, и не имате: убиваете и завидите, и не можете улучити: сваряетеся и борете, и не имате, зане не просите:
سىلەر ئارزۇ-ھەۋەس قىلىسىلەر، لېكىن ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارغا ئېرىشمەيسىلەر؛ ئادەم ئولتۇرىسىلەر، ھەسەت قىلىسىلەر، لېكىن ئېرىشەلمەيسىلەر؛ جېدەل-ماجىرا چىقىرىپ جەڭ قىلىسىلەر. ئېرىشمەيسىلەر، چۈنكى تىلىمەيسىلەر.
3 просите, и не приемлете, зане зле просите, да в сластех ваших иждивете.
تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن رەزىل نىيەتلەر بىلەن تىلەيسىلەر.
4 Прелюбодее и прелюбодейцы, не весте ли, яко любы мира сего вражда Богу есть, иже бо восхощет друг быти миру, враг Божии бывает.
ئەي زىناخورلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ كىمدىكىم بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولسا، ئۆزىنى خۇدانىڭ دۈشمىنى قىلىدۇ.
5 Или мните, яко всуе Писание глаголет: к зависти желает дух, иже вселися в ны?
مۇقەددەس يازمىلاردا: «[خۇدا] قەلبىمىزگە ماكان قىلدۇرغان روھ ناچار ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قىلامدۇ؟» دېگەن سۆز سىلەرچە بىكار دېيىلگەنمۇ؟
6 Болшую же дает благодать: темже глаголет: Господь гордым противится, смиренным же дает благодать.
لېكىن [خۇدا] بەرگەن مېھىر-شەپقەت بۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭ تۈپەيلىدىن مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر.
7 Повинитеся убо Богу, противитеся же диаволу, и бежит от вас.
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا بويسۇنۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار؛ [شۇنداق قىلساڭلار] ئۇ سىلەردىن قاچىدۇ.
8 Приближитеся Богу, и приближится вам: очистите руце, грешницы, исправите сердца ваша, двоедушнии:
خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، [گۇناھتىن] قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار؛ ئەي ئۈجمە كۆڭۈللەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار.
9 постраждите и слезите и плачитеся: смех ваш в плачь да обратится, и радость в сетование:
[گۇناھلىرىڭلارغا] قايغۇ-ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار.
10 смиритеся пред Господем, и вознесет вы.
رەبنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە شۇنداق قىلغاندا ئۇ سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.
11 Не оклеветайте друг друга, братие: оклеветаяй бо брата, или осуждаяй брата своего, оклеветает закон и осуждает закон: аще же закон осуждаеши, неси творец закона, но судия.
ئى قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. كىمدىكىم قېرىندىشىنى سۆكسە ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلسا، تەۋرات قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ قانۇن ئۈستىدىن [توغرا-ناتوغرا دەپ] ھۆكۈم قىلساڭ، قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنى [ئۇنىڭ ئۈستىدىن] ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىۋالغان بولىسەن.
12 Един есть Законоположник и Судия, могий спасти и погубити: ты же кто еси осуждаяй друга?
قۇتقۇزۇشقا ۋە ھالاك قىلىشقا قادىر بولغان، قانۇن تۈزگۈچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچى پەقەت بىردۇر! شۇنداق ئىكەن، سەن باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇدەك زادى كىمسەن؟
13 Слышите ныне, глаголющии: днесь или утре пойдем во он град, и сотворим ту лето едино, и куплю деем и приобретение:
ھەي، «بۈگۈن ياكى ئەتە پالانى-پۈكۈنى شەھەرگە بارىمىز، ئۇ يەردە بىر يىل تۇرۇپ، تىجارەت قىلىپ پايدا تاپىمىز» دېگۈچىلەر بۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!
14 иже не весте, что утре случится: кая бо жизнь ваша, пара бо есть, яже вмале является, потом же исчезает.
ئەي ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار، ھاياتىڭلار نېمىگە ئوخشايدۇ؟ ئۇ خۇددى غىل-پال پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان بىر پارچە تۇمان، خالاس.
15 Вместо еже бы глаголати вам: аще Господь восхощет, и живи будем, и сотворим сие или оно:
بۇنىڭ ئورنىغا، «رەب بۇيرۇسا، ھايات بولساق، ئۇنى قىلىمىز، بۇنى قىلىمىز» دېيىشىڭلار كېرەك.
16 ныне же хвалитеся в гордынех ваших: всяка хвала такова зла есть.
لېكىن ئەمدى سىلەر ھازىر ئۇنداق يوغان گەپلىرىڭلار بىلەن ماختىنىسىلەر. بۇنداق ماختىنىشلارنىڭ ھەممىسى رەزىل ئىشتۇر.
17 Ведущему убо добро творити, и не творящему, грех ему есть.
شۇنىڭدەك كىمدىكىم مەلۇم ياخشى ئىشنى قىلىشقا تېگىشلىك دەپ بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغان بولسا، گۇناھ قىلغان بولىدۇ.

< Послание Иакова 4 >