< Послание к Галатам 6 >

1 Братие, аще и впадет человек в некое прегрешение, вы духовнии исправляйте таковаго духом кротости: блюдый себе, да не и ты искушен будеши.
قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىن بىرسىنىڭ ھازىرمۇ بىر گۇناھ-سەۋەنلىك سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئاراڭلاردىكى روھىي كىشىلەر يۇۋاش-مۇلايىملىق روھى بىلەن ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار.
2 Друг друга тяготы носите, и тако исполните закон Христов.
بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر.
3 Аще бо кто мнит себе быти что, ничтоже сый, умом льстит себе.
چۈنكى بىرسىنىڭ تارازىغا توختىغۇدەك ئىشى بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى تارازىغا توختىغۇدەك دەپ چاغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغانلىق، خالاس.
4 Дело же свое да искушает кийждо, и тогда в себе точию хваление да имать, а не во инем:
لېكىن ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ تەكشۈرۈپ باقسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەمەللىرىدىنلا پەخىرلەنگۈدەك ئىش بولسا، پەخىرلەنسە بولىدۇ.
5 кийждо бо свое бремя понесет.
چۈنكى ھەربىر ئادەم ئۆز يۈكىنى كۆتۈرۈشى كېرەك.
6 Да общается же учяйся словеси учащему во всех благих.
خۇدانىڭ سۆز-كالامىدىن تەلىم ئالغۇچى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن قىلسۇن.
7 Не льститеся: Бог поругаемь не бывает. Еже бо аще сеет человек, тожде и пожнет:
ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار ــ خۇدانى ئالداپ ئەخمەق قىلغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ.
8 яко сеяи в плоть свою, от плоти пожнет истление: а сеяи в дух, от духа пожнет живот вечный. (aiōnios g166)
ئۆز ئەتلىرىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۆز ئەتلىرىدىن چىرىكلىك ھوسۇلىنى ئالىدۇ. لېكىن روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا روھتىن مەڭگۈلۈك ھايات ئالىدۇ. (aiōnios g166)
9 Доброе же творяще, да не стужаем си: во время бо свое пожнем, не ослабеюще.
شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ھارمايلى. ئۇنىڭغا ئېرىنمىسەك ۋاقتى-سائىتى توشقاندا چوقۇم ھوسۇل ئالالايمىز.
10 Темже убо, дондеже время имамы, да делаим благое ко всем, паче же к присным в вере.
شۇ سەۋەبتىن، بىزدە پۇرسەت بولسىلا، ھەممەيلەنگە، بولۇپمۇ ئېتىقادتىكى ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.
11 Видите, колицеми книгами писах вам моею рукою.
مانا، ئۆز قولۇم بىلەن شۇنچە چوڭ ھەرپلەر بىلەن يازغىنىمغا قاراڭلار!
12 Елицы хотят хвалитися по плоти, сии нудят вы обрезатися, точию да не креста ради Христова гоними будут:
سىلەرگە خەتنىنى قوبۇل قىلىشنى مەجبۇرلىماقچى بولغانلار، ئۇلارنىڭ ھەربىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان، خالاس؛ ئۇلارنىڭ بۇ مەقسىتى پەقەت «مەسىھنىڭ كرېستى» تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىكتىن قېچىشتىن ئىبارەت، خالاس.
13 ни бо обрезающиися сами закон хранят, но хотят вам обрезоватися, да в вашей плоти похвалятся:
چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ خەتنە قىلىنغىنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمايدۇ؛ لېكىن ئۇلار ئەتلىرىڭلاردىن ماختىنىش ئۈچۈن بەرىبىر سىلەرنى خەتنىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولىدۇ.
14 мне же да не будет хвалитися, токмо о кресте Господа нашего Иисуса Христа, имже мне мир распятся, и аз миру.
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى [ئۆلۈمى]دىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن ماختانمىغايمەن! چۈنكى ئۇنىڭ كرېستى ۋاسىتىسىدىن بۇ دۇنيا ماڭا نىسبەتەن كرېستلەنگەن ۋە مەنمۇ بۇ دۇنياغا نىسبەتەن كرېستلەنگەنمەن.
15 О Христе бо Иисусе ни обрезание что может, ни необрезание, но нова тварь.
چۈنكى مەسىھ ئەيسادا نە خەتنىلىك نە خەتنىسىزلىك دېگەنلەر كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر؛ بىردىنبىر كۈچكە ئىگە بولىدىغىنى پەقەت يېڭى بىر يارالغۇچىدۇر!
16 И елицы правилом сим жительствуют, мир на них и милость, и на Израили Божии.
بۇ قائىدە بويىچە ماڭىدىغانلارغا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە خۇدانىڭ ئىسرائىلىغا خاتىرجەملىك ۋە رەھىم-شەپقەت بولغاي!
17 Прочее, труды да никтоже ми дает: аз бо язвы Господа Иисуса на теле моем ношу.
بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم بۇ ئىشلار بىلەن يەنە مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى مەن ئۆز بەدىنىمدە ئەيسانىڭ يارا ئىزلىرىنى كۆتۈرىمەن!
18 Благодать Господа нашего Иисуса Христа со духом вашим, братие. Аминь.
قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن!

< Послание к Галатам 6 >