< Второзаконие 10 >

1 Во оно время рече Господь ко мне: истеши себе две скрижали каменны якоже первыя, и взыди ко Мне на гору, и да сотвориши себе ковчег древян:
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاۋۋالقىدەك ئىككى تاش تاختاينى ئويۇپ چىقىپ، تاغقا يېنىمغا كەل. ئۆزۈڭگە ياغاچتىن بىر ساندۇق ياسىغىن.
2 и напишу на скрижалех словеса, яже бяху на скрижалех первых, ихже сокрушил еси, и да вложиши я в ковчег.
مەن بۇ تاختايلارغا سەن چېقىۋەتكەن ئاۋۋالقى تاختايلاردىكى سۆزلەرنى يازىمەن؛ سەن ئۇلارنى ساندۇققا قويىسەن» ــ دېدى.
3 И сотворих ковчег от древ негниюших, и истесах две скрижали каменны якоже и первыя, и взыдох на гору: и обе скрижали во юбою руку моею:
شۇنىڭ بىلەن مەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىدىم، ئاۋۋالقىدەك ئىككى تاش تاختاي ئويۇپ چىقتىم؛ ئىككى تاختاينى قولۇمدا كۆتۈرۈپ تاغقا چىقتىم.
4 и написа на скрижалех по писанию первому десять словес, яже глагола Господь к вам на горе от среды огня, и даде я Господь мне.
پەرۋەردىگار ئەسلىدە ئوت ئىچىدىن تاغدا جامائەت يىغىلغان كۈندە سىلەرگە ئېيتقان شۇ ئون ئەمرنى ئاۋۋالقى پۈتۈكتەك تاختايلارغا يازدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ماڭا تاپشۇردى.
5 И обратився снидох с горы, и вложих скрижали в ковчег, егоже сотворих: и беста ту, якоже повеле ми Господь.
مەن بۇرۇلۇپ تاغدىن چۈشۈپ تاختايلارنى ئۆزۈم ياسىغان ساندۇققا قويدۇم؛ پەرۋەردىگار ماڭا تاپىلىغىنىدەك ئۇلار تېخى ئۇنىڭدا تۇرماقتا.
6 И сынове Израилевы воздвигошася от Вирофа сынов Иакимлих в Мисадай: тамо умре Аарон, и погребен бысть ту, и бысть жрец Елеазар сын его вместо его.
شۇ چاغدا ئىسرائىللار بەئەروت-بەنە-يائاكاندىن موسەراھقا يول ئېلىپ ماڭدى؛ ھارۇن شۇ يەردە ئۆلدى ۋە شۇ يەردە دەپنە قىلىندى؛ ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىپ كاھىنلىق قىلدى.
7 Оттуду же воздвигошася в Гадгад, и от Гадгада до Етавафа, земли водотечи вод.
ئىسرائىللار شۇ يەردىن گۇدگوداھقا، ئاندىن گۇدگوداھتىن يوتباتاھقا سەپەر قىلدى (يوتباتاھ ئېرىق-ئېقىنى مول يەردۇر).
8 Во оно время отдели Господь племя Левиино носити ковчег завета Господня, предстояти пред Господем, служити и молитися и благословляти о имени Его до днешняго дне:
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمىتىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلەشكە لاۋىي قەبىلىسىنى ئۆزىگە تاللاپ ئايرىدى. ۋە بۈگۈنگە قەدەر شۇنداق بولۇۋاتىدۇ.
9 сего ради несть левитом части и жребия в братии их: Господь Сам жребий их, якоже рече им.
شۇڭا لاۋىي قەبىلىسىنىڭ [ئىسرائىل] قېرىنداشلىرى ئىچىدە نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوقتۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنىڭ مىراسىدۇر.
10 И аз стоях на горе четыредесять дний и четыредесять нощей, и послуша Господь мене и во время сие, и не восхоте Господь погубити вас.
مەن ئەمدى ئاۋۋالقى كۈنلەردىكىدەك قىرىق كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغدا تۇردۇم؛ پەرۋەردىگار شۇ چاغدىمۇ تىلىكىمگە قۇلاق سالدى؛ ئۇ سىلەرنى يوقاتمىدى.
11 И рече Господь ко мне: гряди, воздвигнися пред людьми сими, и да внидут и наследят землю, еюже кляхся отцем их, дати ю им.
پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر، خەلقنى باشلاپ ئالدىدا يول ئالغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن ئۇلارغا تەقدىم قىلىشقا ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرسۇن» ــ دېدى.
12 И ныне, Израилю, что просит Господь Бог твой у тебе, точию еже боятися Господа Бога твоего и ходити во всех путех Его, и любити Его и служити Господу Богу твоему от всего сердца твоего и от всея души твоея,
ئەمدى، ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەندىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ ــ ھالىڭ ياخشى بولسۇن دەپ مېنىڭ بۈگۈن سىلەرگە مۇشۇ تاپىلىغانلىرىمدىن باشقا نەرسىنى تەلەپ قىلارمۇ؟ ــ ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭ ۋە پۈتكۈل جېنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟
13 хранити заповеди Господа Бога твоего и оправдания Его, елика аз заповедаю тебе днесь, да благо тебе будет?
14 Се, Господа Бога твоего небо и небо небесе, земля и вся елика суть на ней:
مانا، ئاسمانلار ۋە ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا مەنسۇپتۇر؛ يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىلەرمۇ ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر.
15 обаче отцы вашы произволи Господь любити их, и избра семя их по них, вас, паче всех язык, в день сей.
ھالبۇكى، پەرۋەردىگار پەقەت ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن سۆيۈنۈپ، ئۇلارنى سۆيدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكىدەك بارلىق ئەللەر ئارىسىدىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كېيىنكى نەسلىنى، يەنى سىلەرنى تاللىدى.
16 И обрежите жестокосердие ваше, и выи вашея не ожесточите ктому:
شۇڭا كۆڭلۈڭلارنى خەتنىلىك قىلىڭلار، بوينۇڭلارنى يەنە قاتتىق قىلماڭلار.
17 ибо Господь Бог ваш сей Бог богов и Господь господей, Бог великий и крепкий и страшный, иже не дивится лицу, ниже вземлет дара:
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار خۇدالارنىڭ خۇداسى، رەبلەرنىڭ رەببى، ئۇلۇغ ئىلاھ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك بولغۇچى، ئىنسانلارنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلمىغۇچى، ھېچقانداق پارىنى ئالمىغۇچىدۇر؛
18 творяй суд пришелцу и сиру и вдовице, и любит пришелца дати ему хлеб и ризу.
ئۇ يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، مۇساپىرنى سۆيۈپ ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكنى بەرگۈچىدۇر.
19 И возлюбите пришелца: пришелцы бо бесте в земли Египетстей.
شۇڭا سىلەرمۇ مۇساپىرنى سۆيۈشۈڭلار كېرەك؛ چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر ئىدىڭلار.
20 Господа Бога твоего да убоишися, и Тому (единому) послужиши, и к Нему прилепишися, и именем Его кленешися:
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورققىن؛ سەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولغىن، ئۇنىڭغا باغلانغىن ۋە [پەقەت] ئۇنىڭ نامىدىلا قەسەم ئىچكىن.
21 Той хвала твоя и Той Бог твой, иже сотвори тебе великая и славная сия, яже видесте очи твои:
ئۇ سەن ئۈچۈن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن بۇ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلغان؛ ئۇ سەن مەدھىيىلەيدىغان، سېنىڭ خۇدايىڭدۇر؛
22 в седмидесятих и пяти душах снидоша отцы твои во Египт: ныне же сотвори тя Господь Бог твой яко звезды небесныя множеством.
ئاتا-بوۋىلىرىڭ جەمئىي يەتمىش جان مىسىرغا چۈشكەنىدى؛ ۋە ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلدى.

< Второзаконие 10 >