< Первая книга Паралипоменон 6 >

1 Сынове Левии: Герсон, Кааф и Мерари.
لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گەرشون، كوھات ۋە مەرارى.
2 Сынове же Каафовы: Амрам и Иссаар, Хеврон и Озиил.
كوھاتنىڭ ئوغلى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى.
3 Сынове же Амрамли: Аарон и Моисей и Мариам. Сынове же Аароновы: Надав и Авиуд, Елеазар и Ифамар.
ئامرامنىڭ پەرزەنتلىرى ھارۇن، مۇسا ۋە مەريەم ئىدى. ھارۇننىڭ ئوغلى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار ئىدى.
4 И Елеазар роди Финееса, и Финеес роди Авиуда,
ئەلىئازاردىن فىنىھاس، فىنىھاستىن ئابىشۇئا،
5 и Авиуд роди Воккиа, и Воккий роди Озию,
ئابىشۇئادىن بۇككى، بۇككىدىن ئۇززى،
6 Озиа же роди Сареа, и Сарей роди Мариофа,
ئۇززىدىن زەراھىيا، زەراھىيادىن مېرايوت،
7 Мариоф же роди Амарию, Амариа же роди Ахитова,
مېرايوتتىن ئامارىيا، ئامارىيادىن ئاخىتۇب،
8 Ахитов же роди Садока, и Садок роди Ахимааса,
ئاخىتۇبتىن زادوك، زادوكتىن ئاخىمائاز،
9 Ахимаас же роди Азарию и Азариа роди Иоанана,
ئاخىمائازدىن ئازارىيا، ئازارىيادىن يوھانان،
10 Иоанан же роди Азарию, той есть Азариа, иже священствова в дому, егоже созда Соломон во Иерусалиме.
يوھاناندىن ئازارىيا (بۇ ئازارىيا يېرۇسالېمدا سۇلايمان سالغۇزغان مۇقەددەس ئۆيدە كاھىنلىق خىزمىتىدە بولغان)،
11 Роди же Азариа Амарию, и Амариа роди Ахитова,
ئازارىيادىن ئامارىيا، ئامارىيادىن ئاخىتۇب،
12 Ахитов же роди Садока, и Садок роди Селлума,
ئاخىتۇبتىن زادوك، زادوكتىن شاللۇم،
13 и Селлум роди Хелкию, и Хелкиа роди Азарию,
شاللۇمدىن ھىلقىيا، ھىلقىيادىن ئازارىيا،
14 и Азариа роди Сареа, и Сарей роди Иоседека.
ئازارىيادىن سېرايا، سېرايادىن يەھوزاداك تۆرەلدى؛
15 Иоседек же изыде, егда пресели Господь Иуду и Иерусалима рукою Навуходоносора в Вавилон.
پەرۋەردىگار نېبوقادنەسارنىڭ ۋاستىسى بىلەن يەھۇدادىكىلەر بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنى سۈرگۈن قىلىدىغان چاغدا، بۇ يەھوزاداكمۇ سۈرگۈن قىلىنغان.
16 Сынове же Левиини: Герсон, Кааф и Мерари.
لاۋىينىڭ ئوغلى گەرشوم، كوھات ۋە مەرارى.
17 И сия имена сынов Герсоних: Ловений и Семей.
گەرشومنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى لىبنى ۋە شىمەي ئىدى.
18 Сынове же Каафовы: Амрам и Иссаар, Хеврон и Озиил.
كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى.
19 Сынове же Мерарины: Мооли и Муси. И сии роди Левиини по отечеством их.
مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى ماھلى ۋە مۇشى ئىدى. بۇلار لاۋىيلارغا مەنسۇپ ھەرقايسى جەمەتلەر ئىچىدىكى ئائىلىلەر ئىدى.
20 Герсонови: Ловений сын его, Иеф сын его, Семна сын его,
گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: گەرشومنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى جاھات، جاھاتنىڭ ئوغلى زىمماھ،
21 Иола сын его, Аддо сын его, Зара сын его, Иефри сын его.
زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاھ، يوئاھنىڭ ئوغلى ئىددو، ئىددونىڭ ئوغلى زەراھ، زەراھنىڭ ئوغلى يىياتىراي ئىدى.
22 Сынове Каафовы: Иссаар сын его, Аминадав сын его, Корей сын его, Асир сын его,
گوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: گوھاتنىڭ ئوغلى ئاممىناداب، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى كوراھ، كوراھنىڭ ئوغلى ئاسسىر،
23 Елкана сын его, Ависаф сын его, Асир сын его,
ئاسسىرنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ، ئەلكاناھنىڭ ئوغلى ئېبىئاساف، ئېبىئاسافنىڭ ئوغلى ئاسسىر،
24 Кааф сын его, Уриил сын его, Озиа сын его, Саул сын его.
ئاسسىرنىڭ ئوغلى تاھات، تاھاتنىڭ ئوغلى ئۇرىئەل، ئۇرىئەلنىڭ ئوغلى ئۇززىيا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى شائۇل ئىدى.
25 Сынове же Елкановы: Амаси сын его, Амиоф сын его,
ئەلكاناھنىڭ ئوغۇللىرى ئاماساي ۋە ئاخىموت،
26 Елкана сын его, Суфий сын его, и Нааф сын его,
ئاخىموتنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ، ئەلكاناھنىڭ ئوغلى زوفاي، زوفاينىڭ ئوغلى ناھات،
27 Елиав сын его, Иеремеил сын его, Елкана сын его, Самуил сын его.
ناھاتنىڭ ئوغلى ئېلىئاب، ئېلىئابنىڭ ئوغلى يەروھام، يەروھامنىڭ ئوغلى ئەلكاناھ ئىدى.
28 Сынове же Самуили: первенец его Иоиль и вторый Авиа.
سامۇئىلنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىچە: تۇنجى ئوغلى يوئېل، ئىككىنچى ئوغلى ئابىيا ئىدى.
29 Сынове же Мерарины: Мооли сын его, Ловений сим его, Семей сын его, Озиа сын его,
مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: مەرارىنىڭ ئوغلى ماھلى، ماھلىنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى شىمەي، شىمەينىڭ ئوغلى ئۇززا،
30 Саммаа сын его, Ананий сын его, Асаиа сын его.
ئۇززانىڭ ئوغلى شىمىيا، شىمىيانىڭ ئوغلى ھاگگىيا، ھاگگىيانىڭ ئوغلى ئاسايا ئىدى.
31 Сии же суть, ихже постави Давид над певцы в дому Господни, егда постави кивот:
داۋۇت ئەھدە ساندۇقى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە نەغمىچىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تۆۋەندىكى كىشىلەرنى قويدى.
32 и бяху служаще пред скиниею дому свидения в пении, дондеже созда Соломон дом Господень во Иерусалиме, и стояху по чину своему в служении своем.
ئۇلار تاكى سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ياساتقانغا قەدەر، «جامائەت چېدىرى»نىڭ ئالدىدا كۈي ئېيتىش خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلدى. ئۇلار ۋەزىپىسىنى بەلگىلەنگەن تەرتىپى بىلەن ئۆتىگەنىدى.
33 И сии предстоящии и сынове их от сынов Каафовых: Еман певец сын Иоиля, сына Самуилева,
تۆۋەندىكىلەر ۋەزىپە ئۆتىگەن ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە: ــ نەغمىچى ھېمان بار ئىدى. ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى ئىدى.
34 сына Елканова, сына Еремеилева, сына Елиавля, сына Наафова,
سامۇئىل ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ يەروھامنىڭ ئوغلى، يەروھام ئەلىيەلنىڭ ئوغلى، ئەلىيەل توئاھنىڭ ئوغلى،
35 сына Суфова, сына Елканаева, сына Амиофова, сына Амасова,
توئاھ زۇفنىڭ ئوغلى، زۇف ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ئاماساينىڭ ئوغلى،
36 сына Елканова, сына Иоилева, сына Азариева, сына Сафаниева,
ئاماساي ئەلكاناھنىڭ ئوغلى، ئەلكاناھ يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا زەفانىيانىڭ ئوغلى،
37 сына Маафова, сына ассерова, сына Авиасафова, сына Асирова, сына Кореова,
زەفانىيا تاھاتنىڭ ئوغلى، تاھات ئاسسىرنىڭ ئوغلى، ئاسسىر ئېبىئاسافنىڭ ئوغلى، ئېبىئاساف كوراھنىڭ ئوغلى،
38 сына аминадавова, сына Исаарова, сына Каафова, сына Левиина, сына Израилева:
كوراھ ئىزھارنىڭ ئوغلى، ئىزھار كوھاتنىڭ ئوغلى، كوھات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي ئىسرائىلنىڭ ئوغلى ئىدى.
39 и брат его Асаф, иже стояша одесную его: Асаф сын Варахии, сына Самааева,
[ھېماننىڭ] ئوڭ تەرىپىدە خىزمەتتە تۇرغان قېرىندىشى ئاساف ئىدى. ئاساف بولسا بەرەكىيانىڭ ئوغلى، بەرەكىيا شىمىيانىڭ ئوغلى،
40 сына Михаилова, сына Масилова, сына Мелхиева,
شىمىيا مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل بائاسىيانىڭ ئوغلى، بائاسىيا مالكىيانىڭ ئوغلى،
41 сына Афаниева, сына Зараева, сына Адаиева,
مالكىيا ئېتنىنىڭ ئوغلى، ئېتنى زەراھنىڭ ئوغلى، زەراھ ئادايانىڭ ئوغلى،
42 сына Ифамова, сына Земмина, сына Семеиева,
ئادايا ئېتاننىڭ ئوغلى، ئېتان زىمماھنىڭ ئوغلى، زىمماھ شىمەينىڭ ئوغلى،
43 сына Иеефова, сына Герсонова, сына Левиина.
شىمەي جاھاتنىڭ ئوغلى، جاھات گەرشومنىڭ ئوغلى، گەرشوم لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى.
44 Сынове же Мерарины братия их ошуюю: Ефам сын Хусии, сына Авдиина, сына Малохова,
[ھېمان بىلەن ئاسافنىڭ] سول تەرىپىدە خىزمەتتە تۇرغان قېرىنداشلىرى مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېتانلار ئىدى. ئېتان بولسا كىشىنىڭ ئوغلى ئىدى، كىشى ئابدىنىڭ ئوغلى، ئابدى ماللۇقنىڭ ئوغلى،
45 сына Савиева, сына Амасиева, сына Хелкиева,
ماللۇق ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا ئامازىيانىڭ ئوغلى، ئامازىيا ھىلقىيانىڭ ئوغلى،
46 сына Амасиева, сына Ваниина, сына Семирова,
ھىلقىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى بانىنىڭ ئوغلى، بانى شېمەرنىڭ ئوغلى،
47 сына Моолиина, сына Мусиева, сына Мерарина, сына Левиина.
شېمەر ماھلىنىڭ ئوغلى، ماھلى مۇشىنىڭ ئوغلى، مۇشى مەرارىنىڭ ئوغلى، مەرارى لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى.
48 Братия же их по домом отечеств их, левитяне даны во всякое дело служения скинии дому Божия:
ئۇلارنىڭ قالغان لاۋىي قېرىنداشلىرى بولسا ھەممىسى خۇدانىڭ ئۆيى، يەنى ئىبادەت چېدىرىدىكى [باشقا] خىزمەتلەرنى بېجىرىشكە ئاتالغانىدى.
49 и Аарон и сынове его кадяху над олтарем всесожжений и над олтарем фимиама во всякое дело Святых Святым, и да молятся за Израиля по всему, елика повеле Моисей раб Божий.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ تاپىلىغىنىدەك كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانگاھتا قۇربانلىقلار سۇنۇپ، خۇشبۇيگاھدا خۇشبۇي يېقىپ، مۇقەددەسگاھدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ئادا قىلاتتى، شۇنداقلا ئىسرائىللار ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت ئىشلىرىنى قىلاتتى.
50 Сии же сынове Аарони: Елеазар сын его, Финеес сын его, Авиуд сын его,
ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس، فىنىھاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇيا،
51 Вокхий сын его, Озий сын его, Сарей сын его,
ئابىشۇيانىڭ ئوغلى بۇككى، بۇككىنىڭ ئوغلى ئۇززى، ئۇززىنىڭ ئوغلى زەراھىيا،
52 Мариоф сын его, Амариа сын его, Ахитов сын его,
زەراھىيانىڭ ئوغلى مېرايوت، مېرايوتنىڭ ئوغلى ئامارىيا، ئامارىيانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب،
53 Садок сын его, Ахимаас сын его.
ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك، زادوكنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئىدى.
54 И сия обитания их, по селам их и в пределех их, сыном Аароним племени Каафову, тем бо бысть жребий:
تۆۋەندىكىلەر ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز زېمىنى ئىچىدە ماكان تۇتۇپ ئولتۇرغان يەرلىرى: ــ كوھات جەمەتىنىڭ يەرلىرى بولسا (مۇشۇ يەرلەر چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان): ــ
55 и даша им Хеврон в земли Иудине и подградия его окрест его:
يەھۇدا زېمىنىدىكى ھېبرون ۋە ھېبروننىڭ تۆت ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقلىرى ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان
56 и села града и веси его даша Халеву сыну Иефонниину.
(لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلۇقلار ۋە شەھەرگە قاراشلىق يېزا-كەنتلەر بولسا يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە بېرىلدى).
57 Сыном же Аароним даша грады убежищ: Хеврон и подградия его, и Ловну и подградия ея, и Алом и окрестная его,
ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا «پاناھلىق شەھىرى» ھېبرون بېرىلدى؛ بۇنىڭدىن باشقا لىبناھ بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ياتتىر، ئېشتېموئا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار،
58 и Келом и окрестная его, и Давир и окрестная его,
ھىلەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، دەبىر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار،
59 и Асан и подградия его, и Вефсамис и подградия его, и Вефсур и подградия его:
ئاشان ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، بەيت-شەمەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارمۇ تەقسىم قىلىنغان؛
60 от колена же Вениаминова Гаваон и подградия его, и Еламоф и подградия его, и еламвей и подградия его, и Анафоф и подградия его: всех градов их тринадесять, градов по племенем их.
يەنە بىنيامىن قەبىلىسىدىكى زېمىندىن گېبا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاللەمەت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاناتوت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بۆلۈپ بېرىلگەن. ئۇلار جەمەتلىرى بويىچە ئېرىشكەن شەھەر جەمئىي ئون ئۈچ بولدى.
61 И сыном Каафовым оставшымся от племене рода, от полуплемене Манассиина, даша по жребию десять градов.
كوھاتنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا بولسا تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.
62 И сыном Герсоним по племенем их от колена Иссахарова и от колена Асирова, и от колена Неффалимова и от колена Манассиина в Васане, грады тринадесять.
گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەتىگە قاراپ، ئىسساكار قەبىلىسى، ئاشىر قەبىلىسى، نافتالى قەبىلىسى ۋە باشان يۇرتىدىكى ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئون ئۈچ شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.
63 И сыном Мерариным по племенем их от колена Рувимова и от колена Гадова и от колена Завулоня даша по жребию градов дванадесять.
مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، جەمەتىگە قاراپ، تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون ئىككى شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.
64 Даша же сынове Израилевы левитом грады и подградия их.
ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ بۇ شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارغا تەۋە ئېتىزلىقلارنىڭ ھەممىسىنى لاۋىيلارغا بۆلۈپ بەردى.
65 Даша же по жребию от колена сынов Иудиных и от колена сынов Симеоних и от колена сынов Вениаминих грады сия, ихже назваша имены (своими).
ئۇلار تاشلانغان چەككە چىققىنى بويىچە، يەنە يۇقىرىدا نامى ئاتالغان شەھەرلەرنى يەھۇدا قەبىلىسىدىن، شىمېئون قەبىلىسىدىن ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئېلىپ ئۇلارغا بەردى.
66 И от племен сынов Каафовых, и быша грады пределов их от колена Ефремова:
كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بەزى جەمەتلەرگە ئەفرائىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنى تەۋەسىدىكى شەھەرلەردىن بۆلۈپ بېرىلگەنلىرىمۇ بولدى.
67 и даша им грады убежищ: Сихем с подградиями его в горе Ефремове и Газер с подградиями его,
ئىسرائىللار ئۇلارغا [يەنە ئىككى] «پاناھلىق شەھىرى»، يەنى ئەفرائىم تاغلىقىغا جايلاشقان شەكەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى ۋە گەزەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى بەردى؛
68 и Екмаан с подградиями его, и Вефорон и подградие его,
يەنە يوكمىيام ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، بەيت-ھورون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى،
69 и Елон с подградиями его, и Гефремон с подградиями его:
ئايجالون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، گات-رىممون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى ئۇلارغا بەردى.
70 и от половины колена Манассиина Анеир и подградия его, и Иевлаам и подградная его, по племени сыном Каафовым оставшымся.
[ئىسرائىللار يەنە] ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىن ئانېر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى، بىلېئام ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارنى كوھاتنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە بەردى.
71 Сыном Герсоним от отечеств полуплемене Манассиина Гавлон от Васана и подградная его, и Асироф с подградными его:
گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىغا ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكى جەمەتلەرنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولان ۋە گولانغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئاشتاروت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛
72 и от колена Иссахарова Кедес с подградными его, и Надар с подградными его,
ئىسساكار قەبىلىسىدىن كەدەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، دابىرات ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار،
73 и Рамоф и подградная его, и Енан с подградными его:
راموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئانەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛
74 и от колена Асирова Масию с подградными его, и Рамоф и подградие его,
ئاشىر قەبىلىسىدىن ئۇلارغا ماشال ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ئابدون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار،
75 и Акак и подградие его, и Роов с подградными его:
خۇكوك ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، رەھوب ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛
76 и от колена Неффалимля Кадис в Галилеи и подградная его, и Хамоф с подградными его, и Кариафаим и подградная его.
نافتالى قەبىلىسىدىن گالىلىيەدىكى كەدەش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ھاممون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، كىرىئاتايىم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلارمۇ بېرىلدى.
77 И сыном Мерариным оставшымся от колена Завулоня Реммон и подградная его, и Фавор с подградными его,
مەرارىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا بولسا زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن رىممونو ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، تابور ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛
78 и за Иорданом Иерихон противу востока Иорданова: от колена Рувимова Восор в пустыни с подградными его, и Есса с подградными его,
يەنە رۇبەن قەبىلىسىنىڭكىدىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىن، يېرىخونىڭ شەرقىي ئۇدۇلىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈنچىقىش بويىدىكى يەرلەردىن چۆلدىكى بەزەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ياھزاھ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار،
79 и Кадимоф и подградная его, и Моапсаф с подградными его:
كەدەموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، مېفائات ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى؛
80 и от колена Гадова Раммоф Галаадский и подградная его, и Наим с подградными его,
گاد قەبىلىسىدىنمۇ بولسا ئۇلارغا گىلېئادتىكى راموت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، ماھانائىم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار،
81 и Есевон с подградными его, и Иазир с подградными его.
ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار، يائازەر ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئېتىزلىقلار بېرىلدى.

< Первая книга Паралипоменон 6 >