< Књига пророка Захарије 5 >

1 Потом опет подигох очи своје и видех; а то књига лећаше.
ئاندىن مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم.
2 И он ми рече: Шта видиш? А ја рекох: Видим књигу где лети, дужина јој двадесет лаката, а ширина десет лаката.
ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم؛ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى ئون گەز ئىكەن» ــ دېدىم.
3 Тада ми рече: То је проклетство које изађе на сву земљу, јер сваки који краде истребиће се по њој с једне стране, и који се год куне криво истребиће се по њој с друге стране.
ئۇ ماڭا: «بۇ بولسا پۈتۈن زېمىن ئۈستىگە چىقىرىلغان لەنەتتۇر؛ چۈنكى ھەربىر ئوغرىلىق قىلغۇچى بۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ ۋە قەسەم ئىچكۈچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ».
4 Ја ћу је пустити, говори Господ над војскама, те ће доћи на кућу лупежу и на кућу ономе који се куне мојим именом криво, и стајаће му усред куће и сатрће је, и дрвље јој и камење.
ــ «مەن بۇ [يازمىنى] چىقىرىمەن» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، «ۋە ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ھەمدە نامىم بىلەن يالغاندىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە شۇ ئۆيدە قونۇپ ئۇنى ياغاچ-تاشلىرى بىلەن قوشۇپلا يەۋېتىدۇ».
5 Потом изиђе анђео који говораше са мном, и рече ми: Подигни очи своје и види шта је ово што излази.
ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقىپ ماڭا: «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرگىن، نېمىنىڭ چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ باق» ــ دېدى.
6 А ја рекох: Шта је? А он рече: То је ефа што излази. И рече: То им је безбожност по свој земљи.
مەن: «ئۇ نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بۇ چىقىۋاتقان «ئەفاھ» سېۋىتىدۇر»، ۋە: «بۇ بولسا [شۇ رەزىللەرنىڭ] پۈتۈن زېمىندىكى قىياپىتىدۇر» ــ دېدى.
7 И гле, подизаше се таланат олова, и једна жена сеђаше усред ефе.
ئەفاھ سېۋىتىنىڭ ئاغزىدىن دۇمىلاق بىر قوغۇشۇن كۆتۈرۈلدى، مانا، ئەفاھ سېۋىتى ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى.
8 И он рече: То је безбожност. И врже је усред ефе, и врже онај комад олова одозго на ждрело јој.
ئۇ: «بۇ بولسا، رەزىللىك»تۇر» ــ دەپ، ئۇنى ئەفاھ سېۋىتى ئىچىگە قايتۇرۇپ تاشلاپ، ئەفاھنىڭ ئاغزىغا ئېغىر قوغۇشۇننى تاشلاپ قويدى.
9 И подигох очи своје и видех, а то две жене излажаху, и ветар им беше под крилима, а крила им беху као у роде, и дигоше ефу међу земљу и небо.
بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا ئىككى ئايالنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم؛ شامال ئۇلارنىڭ قاناتلىرىنى يەلپۈتۈپ تۇراتتى (ئۇلارنىڭ لەيلەكنىڭكىدەك قاناتلىرى بار ئىدى)؛ ئۇلار ئەفاھنى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆتۈردى.
10 И рекох анђелу који говораше са мном: Куда оне носе ефу?
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئۇلار ئەفاھنى نەگە كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ؟» ــ دەپ سورىدىم.
11 А он ми рече: Да јој начине кућу у земљи Сенару; и онде ће се наместити и поставити на своје подножје.
ئۇ ماڭا: ئۇلار ئەفاھ ئۈچۈن «شىنار زېمىنى»دا بىر ئۆي سېلىشقا كەتتى؛ ئۆي بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، ئەفاھ سېۋىتى شۇ يەردە ئۆز تۇرالغۇسىغا قويۇلىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەردى.

< Књига пророка Захарије 5 >